شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئانېلىئې ئېناكسون خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە


2006.09.14
annelie-we-rabie-qadir-2000.jpg
رابىيە قادىر خانىم 2005 – يىلى 12 – ئۆكتەبىر كۈنى شۋېتسىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا پارلامېنت ئەزاسى ئانېلىئې ئېناكسون خانىم بىلەن بىللە. RFA/يالقۇن

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق دەۋاسىنىڭ بايراقدارى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىنىپ كۆرسىتىلىشى، ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغان بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىللىق نوبىل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى قىلىنىپ كۆرسىتىلگەنلىكى خەۋىرى دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ خەۋەرنى رابىيە قادىر خانىمنى نوبىل مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن شۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان ئەزاسى ئانېلىئې ئېناكسون خانىم جاكارلىغان. خرىستىيان دېموكراتلار پارتىيىسى شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى يەتتە پارتىيىنىڭ بىرى بولۇپ، شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى 349 ئورۇننىڭ 33 نى ئىگىلىگەن. پارلامېنتتىكى ئادەم سانى جەھەتتە 4 - ئورۇندىكى پارتىيە ھېسابلىنىدۇ. خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى 1964 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 1991 - يىلى تۇنجى قېتىم شۋېتسىيە پارلامېنتىغا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

ئانېلىئې ئېناكسون خانىم شۋېتسىيىنىڭ يۆتېبورىي شەھرىدىن بولۇپ 2000 - يىلدىن باشلاپ خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىگە ۋاكالىتەن پارلامېنتتا ئولتۇرۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن. ئاننېلىئې ئېناكسون خانىمنىڭ شەخسى تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە رابىيە قادىر خانىمنى 2005 – يىلى 12 - ئۆكتەبىر كۈنى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىققىغا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ نامزات قىلىپ كۆرسىتىش خېتىگە مۇنداق دەپ يازغان:

بۇ يەردە كېلەر يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئەڭ مۇۋاپىق بىر ئادەم بار، ئۇ بولسىمۇ رابىيە قادىردۇر. ئۇ خىتاي تۈرمىسىدە 6 يىل يېتىپ يېڭىلا ئازات بولدى. ئۇ ھازىر مىنىڭ، يەنى ئانېلىئې ئېناكسوننىڭ تەكلىپىم بىلەن شۋېتسىيىنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ يىغىلىشتا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى، تۈرمىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، دەپ ئاتالغان يەرنىڭ كىشلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، جىنايى جازا ئەھۋاللىرىنى بايان قىلدى. رابىيە قادىرنىڭ ئەھۋالىلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىغا قانداق رىئايە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك بىر مىسالى، بۇ نۇقتىدا شۋېتسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا قارىتا چوقۇم كۈچلۈك بىر سىياسەت قوللىنىشى كېرەك".

ئاننالىئې ئېناكسون شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بىردىن- بىر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى شۋېتسىيە پارلامېنتىدا كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئايالدۇر. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى پەقەت بۇلا ئەمەس. ئۇ ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەكلىپ لاھىيىسى يېزىپ شۋېتسىيە پارلامېنتىغا سۇنغان ئىدى. ئۇ 2005 -سېنتەبىر ئايلىرىدا گۇانتانامودىكى بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پانالىق بىرىش مەسىلىسى ۋە رابىيە قادىر خانىمىنى كېلەر يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش مەسىلىسى ھەققىدە تەكلىپ لاھىيىسى يېزىپ پارلامېنتقا يوللىغان ئىدى. 2005 - يىلى 10-ئايدا رابىيە قادىر خانىمنى شۋېتسىيەگە تەكلىپ قىلىپ، شۋېتسىيە پارلامېنتىدا قوبۇل قىلغان ۋە پارلامېنت بىناسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە رابىيە قادىر خانىم ئۈچۈن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

بۇ يىل رابىيە قادىر پەرزەنتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقىن قىلىنغاندىن كىيىن ئاننالىئې ئېناكسون خانىم 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى شۋېتسىيىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يان ئېلىياسسونغا خەت يېزىپ، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى سورىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا بۇ مەسىلىدە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئاننالىئې ئېناكسون خانىم يېقىندا شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىغا بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئۇ بۇ قېتىم شۋېتسىيىدە 17 - سېنتەبىر كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان پارلامېنت سايلىمىدا پارلامېنتىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قالالىسا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلىگەن. (يالقۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.