شۋېتسىيە مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى(1)
2006.12.20
شۋېتسىيە دۆلەتلىك رادىئوسى پ1 قانىلى مۇخبىرى Hanna sahlberg يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرلەردە زىيارەتلەردە بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە نەق مەيداندىن خەۋەر تارقاتقان. ئۇ ئۈرۈمچىدە ئىشلىگەن پروگراممىسىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا بارلىق خىزمەت ئورۇنلىرىنى كونترول قىلغان خىتاي ئەمەلدارلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ، جەمئىيەتتە ئىشسىز قېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ ئېقىپ كىرىپ، ئىش ئورۇنلىرىغا ئىگە بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مۇخبىر رادىئو پروگراممىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "سىياسى جەھەتتە ناھايتى سەزگۈر بولغان شىنجاڭ رايونى خىتاي ھۆكۈمىتىنى نېفىت بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۆلگۈنچىلىكنى شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا خەۋىپ ئەكىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئامىل دەپ قاراپ كەلمەكتە. ئەسلى شىنجاڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلكىلىرىنىڭ بىرى بولۇسۇمۇ ئۇ يەردىكى ئاساسلىق خەلق ئۆزلىرىنى خىتاي بىلەن بىر دەپ قارىمايدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى 1949-يىلى ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن بىرى ئەسلىدىكى مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان شىنجاڭ ئۆلكىسى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مول نىفىت ۋە گازلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىشى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنى يۆلەنچۈكسىز، يىتىم ھېس قىلدۇرماقتا".
مۇخبىر ئۈرۈمچىدە خېلى كۆپ ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسلىق زىيارەت قىلىش ئوبيېكتى بولغان. مۇخبىرنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تېپىشتا تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچۇراۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
مۇخبىر مۇنداق دەيدۇ: "نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېنگلىز تىلى سەۋىيسى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تىلى مەسىلىسى ئۇلار نىڭ ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقى بولۇپ قىلىۋېتىپتۇ. ئادەم ئىشلىتىشكە موھتاج بولغان ئورۇنلار دائىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئالمايدىغانلىقنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئادەم ئىشلەتكۈچىلەرگە تىلداش بولغان خىتاي ئۇقۇغۇچىلار ئانچە قىينالمايلا ياخشى خىزمەتلەرگە ئېرىشەلەيدىكەن. زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇغۇچى ئادەم ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان ئاچچىقىنى ۋە ئۆزنىڭ ئىنتايىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
مۇخبىر ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن قەشقەرگە يۈرۈپ كەتكەن. مۇخبىرنىڭ قەشقەر زىيارىتىگە دائىر پروگراممىسىنى كېيىنكى ئاڭلىتىش داۋامىدا دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. (يالقۇن)