شۋېتسىيە مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى(2)


2006.12.21

ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىۋاتقان شۋېتسىيە رادىئوسى مۇخبىرى خاننا قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىننى جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇندا بىر خىل، ئەمىلىيەتتە بىر خىل يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىنى سىياسىتىنى تەنقىت قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

"ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانۇن ئىلان قىلىپ، بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىننى ئېتىقات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما 9 مىلىيون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىننى ئېتىقادى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق قوللۇق بىلەن كونترول قىلىنماقتا. 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭدا دىننى جەھەتتىكى باستۇرۇشنى كۈچەيتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئەۋجى ئېلىپ كېتىشىدىن قورققانلىقىدىن بولىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلار پاكىستان، ئافغانىستانلار بىلەن چېگرىداش بولغاچقا رادىكال ئىسلامى كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن بىئارام بولىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقىدەك قاتتىق كونترول قىلىشىدىن قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رادىكال ئىسلامى كۈچلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمۇ ئۇزاققا بارمايدىغاندەك قىلىدۇ"

مۇخبىر قەشقەردىكى زىيارەت داۋامىدا بىر قىسىم كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، رادىئو پروگراممىسىدا زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل قىلىدۇ: "مەن زىيارەت قىلغانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دىننى ئېتىقادىنى ئۇچۇق ئاشكارە ئىپادىيەلمەيدىكەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پالاكەتكە قېلىشىدىن قورقىدىكەن. ئەگەر ئىشلەۋاتقانلار ۋە ئوقۇۋاتقانلار ئازراقلا تەۋەككۇل قىلسا خىزمەت ئورۇنلىرىدىن ياكى ئوقۇشلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن. مەسچىتلەردە ئىماملار ئۆزلىرى خالىغانچە ئىسلامى تەربىيە بېرەلمەيدىكەن، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەخسۇس تەربىيىلىنىپ تۇرىدىكەن. 18 ياشتىن تۆۋەندىكىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ۋە ئىسلامى دەرىس ئېلىشى قاتتىق مەنى قىلىنغان ئىكەن".

مۇخبىر پروگراممىسىنى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قىزچاقنىڭ "ئەگەر مەن ئىستىقبالىمنى دېسەم بۇ يەردە ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيمەن، مىنىڭ ئارزۇيۇم ئامال قىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىش" دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇدۇ. (يالقۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.