شۋېتسىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

4 - دۇنيا جەمئىيىتى شۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغدىغۇچى ئىنسانپەرۋەر تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلات ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر، يېڭىسار، يەركەنت، قاغىلىق قاتارلىق جايلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى. ئالدىنقى كۈنى بۇ ئورگان ستوكگولمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتە ئېغىر بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە شۋېتسىيە جەمئىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا جىددى كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇندىن ئاڭلاڭ.