
شىۋېتسىيىچە ئىسىمى ئىدا لارسون دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر قىزى مەلىكە يېقىندا شۋېتسىيە گىمنازىيە مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىغا "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار" دېگەن تېمىنى تاللىغان.
مەلىكە شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ شۋېتسىيىگە كېلىپ قالغانلقى، قانداق بولۇپ ئۆز خەلقىگە قىزىقىپ قالغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ بۇنىنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.
زىيارەت ئاخىرىدا ئۇيغۇر قىزى مەلىكىنىڭ بېقىۋالغان ئاپىسى قىزىنىڭ ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقتىدا مەكتەپ يازغان باھا سۆزىنى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇنغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
"قىزىم مەكتەپنى ناھايتى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى. ئۇنىڭ يازغان ماقالىلىرى مەكتەپ دائىرسىدە داغدۇغا قوزغىدى. ئەينى چاغدا مەن بۇ قىزنى بېقىۋالىدىغان چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان بىر خىتاي ئەمەلدارى "ئۇيغۇرلار دۆت خەلق، كاللىسى ئىشلىمەيدۇ، بۇ بالىنى بېقىۋالساڭ ساڭا ئەسقاتمايدۇ، يۈزىڭنى تۆكىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە بىر خەنزۇ بالىسىنى بېقىۋالغىنىڭ ياخشى دېگەن ئىدى. مەن ئۇيغۇرلاردىن باشقا ھېچكىمنى باقمايمەن دېگەن ئىدىم. مەن ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن. قىزىمغا نېمىشقا ئىدا دەپ ئىسىم قويغانلىقىمنى بىلەمسەن، قىزىمنىڭ ئىسمىنىڭ بېشىدىكى ئىككى ھەرپ بىلەن مىنىڭ ئىسمىمنىڭ بېشىدىكى ئىككى ھەرپنى قوشسا قەشقەدىكى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ شۋېتسىيە تىلىدىكى Idka دېگەن يېزىلىشى چىقىدۇ. مەن قەشقەرنى ياخشى كۆرىمەن".
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇندىن ئاڭلاڭ.