ئامېرىكىدا تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويدى
2005.02.17
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندىن خەۋەر قىلىشىچە، 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كارىلادو شىتاتىدىن سايلانغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچى توم تانكىرىدو "ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك" دېگەن مەزمۇندا بىر قانۇن لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچى توم تانكىرىدو ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە قويغان لايىھىسىگە "ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 'تەيۋەن جوڭگونىڭ بىر قىسمى' دېگەن مەيدانىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن 'بىر جوڭگو' دېگەن سىياسەتنى داۋاملىق قوللىنىۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە پاكىتقا ھۆرمەت قىلمىغانلىق. تەيۋەن ئۆزىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۆزى سايلاپ چىقىۋاتقان ئەركىن، مۇستەقىل دۆلەت. تەيۋەن، كوممۇنىست پارتيىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئارال ئەمەس، بۇرۇنمۇ كوممۇنىست پارتىيە تەيۋەنگە ھېچقاچان رەھبەرلىك قىلىپ باقمىغان. ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ‘بىر جوڭگوئ دەپ ئاتالغان ئەخلاقىي جەھەتتە ئالدامچىلىق خاراكتېرگە ئىگە ۋاقتى ئۆتكەن ئاقماس سىياسەتنى تاشلىۋىتىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى." دېگەن.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچى توم تانكىرىدو دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان لايىھىسىدە يەنە "ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەمدى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مۇستەبىت كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ، دېموكراتىك تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ، ھەر ئىككىسى بىلەن نورمال مۇناسىۋەتتە بولدىغانغا ھېچقانداق سەۋەپ يوق" دەپ كۆرسەتكەن.
كۇڭچۇەن: تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ
"شىنخۇا تورى" دا 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى كوڭچۇەن ئەپەندى "ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر قارار ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان "بىر جوڭگو" سىياسىتىنى ئەستايىدللىق بىلەن ئىجرا قىلىپ تەيۋەننى مۇستەقىللىققا مېڭىشتىن توسۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېگەن. ئۇ باياناتىدا يەنە "خىتاينىڭ تىنچ شارائىتتا تەرەققى قىلىشى ئاسىياغا ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تىنچلىق ۋە تەرەققى قىلىش پۇرسەتلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ھازىر تەيۋەن بوغۇزىدا جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقانلار تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى. خىتاي ئۆزىنىڭ تەيۋەننى تىنچلىق بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم يولغا قويۇش دېگەن سىياسىتىنى تاكى تەيۋەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگىچە قەتئىلىك بىلەن ئىجرا قىلىدۇ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ" دەپ جاكارلىغان.
پورتېر گوس: خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇۋەتتى
ياپونىيىدە چىقىدىغان "كىئوتو خەۋەرلىرى" دە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پورتېر گوس كېڭەش پالاتاسىغا يوللىغان دوكىلاتىدا كوممۇنىست خىتاينىڭ 2004 - يىلىدا تەيۋەنگە قارىتا كۆپەيتكەن يادرو پاراخوتلىرى ۋە ئۇرۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىئىدىغان بومبىلىئىرنىڭ سانى تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربى كۇچ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.
جوھن كەك ئەپەندى "ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايىھە خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى مىراس فوند جەمىيىتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى جوھن كەك ئەپەندى "ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايىھە خىتاينىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان قانۇن لايىھىسىدە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى خىتايدا ئوتتۇرىغا قويىلىۋاتقان لايىھە تەيۋەننىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى قوراللىق بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاساس تەييارلاشنى مەقسەت قىلىدۇ" دەپ تەھلىل قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىققا مېڭىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 1979 - يىلىدىكى پرېزىدېنتى كات ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىلەن مەسلىھەت قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئۆزى تەيۋەن بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ، بېيجىڭنى ئىتىراپ قىلغان ئىدى. بۇنداق قىلىشنى دۆلەت مەجلىسى قارار قىلمىغان. ئامېرىكا 1979 - يىلى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ 4 ئايدىن كېيىن، تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەققىدە بىر قانۇن تۈزۈپ چىقىلغان. بۇ قانۇن ھازىرغا قەدەر ئىجۋا قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ قانۇندا تەيۋەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى قىلىنغان ئىدى. ھازىر تەيۋەگە قورال سېتىپ بېرىش، دەل مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن بولىۋاتىدۇ. ئەمما ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەندە مۇستەقىللىق خاھىشلىرنى چېن شۇيبىئەن ئۇلغايتىۋەتتى، ئۇ، تەيۋەننى مۇستەقىللىققا باشلىماقتا دەپ ئەنسىرەۋاتىدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش، خىتاي - ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتىدىكى " زور ئىختىلاپ"
- ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، خىتاينى جازالاشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا ھەربىي مۇناسىۋەتلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى
- كېيىنكى تۆت يىلدىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى
- پرېزىدېنت بۇشنىڭ رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى
- ئامېرىكا يەتتە خىتاي شىركىتىگە ئىقتىسادىي جازا بەردى
- ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا تەيۋەندىكى دېپلوماتلىرىنى ئاكتىپ ۋەزىپىدىكى ھەربىيلەردىن تاللايدۇ