تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈ شيۇليەن، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى
2005.08.04
تەيۋەن مەمۇرىي پالاتاسىنىڭ باشلىقى شې چاڭتىڭنىڭ، كەلگۈسىدە تەيۋەن ئايروپىلانلىرىنىڭ جوڭگو ھاۋا تېررىتورىيىسىگە ئۇچۇپ كىرىشى ھەققىدىكى قارىشى تارالغاندىن كېيىن، تەيۋەن ھاۋا يولى شىركەت خادىملىرىنىڭ قىزغىن قوللىشى ھەمدە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى.
بۇنىڭ بىلەن مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ خىل يېڭى باشلىنىش كەلگۈسىدە ئىككى قىرغاق يولۇچى ئايروپىلانلىرىنىڭ بىۋاستە ئىككى تەرەپ تېررىتورىيىسىگە ئەركىن قونۇشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلامدۇ؟ دېگەن سۇئالىغا جاۋاب قايتۇرغان لۈ شيۇليەن، "تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئېنىرگىيىنى تېجەپ قىلىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ئاساستا، تەيۋەن ھاۋا يولى ئايروپىلانلىرىنىڭ بىۋاستە جوڭگو زېمىنىگە قونۇشى ئارقىلىق، ۋاقىت ۋە ئېنىرگىيىنى تېجەپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان. تەيۋەن ھۆكۈمىتى بۇ خىل باشلىنىشنى قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ" دەپ جاۋاب بەردى.
بۇ ئىش تەيۋەن تەرەپنىڭلا تېرىشچانلىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ
لېكىن، لۈ شيۇلىيەن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يالغۇز تەيۋەن تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن بۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
"يالغۇز تەيۋەن ھاۋا يوللىرىنى ئېچىش بىلەن جوڭگو ھاۋا تېررىتورىيىسىنى تەيۋەن ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىگە ئېچىپ بېرىش، تامامەن بىر - بىرگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مەسىلە. ئەگەر بېيجىڭ رەھبەرلىرى "بولمايدۇ" دېسە، يالغۇز بىزنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، شۇڭا بىز جوڭگو رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ھەقتە دوستانە مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتىمىز".
تەيۋەن تەرەپ، چېن شۇيبيەننىڭ ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى
بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىدىن بولغان
تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن، ئىزچىل تۈردە بۇ يىل 11 - ئايدا كورىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالى دەرىجىلىك باشلىقلىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، بىراق كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەت قىلىشىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. لۈ شيۇليەن بۇ ھەقتە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى:
"ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يىغىنى، ئەسلىدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئۈچۈن دىئالوگ ئېلىپ بېرىش سەھنىسى ھازىرلاشتىن ئىبارەت. تەيۋەننىڭ ئاسىيا - تېنچ ئوكياندىكى ئىقتىسادىي كۈچىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشالماسلىقى، ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۈچۈن بىر نومۇس، ھەمدە جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يولسىز بېسىمىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئادىلسىزلىق ھەرىكەتلىرى تېزدىن ئاياقلىشىشى كېرەك".
لۈ شيۇلىيەن : "بىزنىڭ پرېزىدېنتىمىزنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشالماسلىقى، بىزنىڭ نومۇسىمىز ئەمەس بەلكى ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نومۇسى، ئۇزۇندىن بېرى بۇ تەشكىلات يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى بۇرمىلاندى، بۇ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىشى نەتىجىسىدىن كېلىپ چىققان".
بۇ خىتاي تەرەپكە باغلىق
لۈ شيۇلىيەن، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەن رەھبەرلىرىگە تۇتقان سوغۇق پوزىتسىيسىنى ئەيىپلىدى. مۇئاۋىن تەيۋەن پرېزىدېنتى لۈ شيۈليەننىڭ 5 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان كۆزىتىشتىن، قارىغاندا، گەرچە بېيجىڭ رەھبەرلىرى تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامما ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ھېچقانداق ئەمەلىي ھەرىكىتى بولمىغان، ئەكسىچە تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن زىتلىشىپ، ئارقا - ئارقىدىن تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنى رەھبەرلىرىنى بېيجىڭگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن ئەلا مۇئامىلە تۇتۇپ، ھەقىقى تەيۋەن رەھبەرلىرىگە بولسا قاتتىق مۇئامىلىدە بولدى. شۇڭا ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرىنىڭ بىر - بىرى بىلەن كۆرۈشۈش ياكى كۆرۈشەلمەسلىكى پەقەت جوڭگو تەرەپكىلا باغلىق ئىكەن، ئۆزىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەنى جوڭگو بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش مەسىلىسىدە ئۇ ھازىرغا قەدەر ھېچنەرسە ئويلاشمىغان بولۇپ، ئامما پۇرسەت بولسا ئۇنىمۇ قولدىن چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لۈ شيۇلىيەن يەنە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىلاردىن بولغان ھەربىي ئىستراتېگىيە ھەققىدىمۇ توختالدى.
ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ يېقىندا، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي تەڭپۇڭلۇق كۈچى ھەققىدە ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتى ھەققىدە توختالغان لۈ شيۇلىيەن : "تەيۋەن بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى سېلىشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەس، مېنىڭچە دېموكراتىيىنى ۋە تىنچلىقنى ياقلايدىغان بارلىق دۆلەتلەر، تىنچلىق ۋە دېموكراتىيىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان زوراۋان كۈچلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ، چۈنكى جوڭگونىڭ ھەربىي جەھەتتە كۈچىيىشى، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن تەھدىت ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى، تەيۋەننى مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە يەنە ئاگاھلاندۇردى
- تەيۋەن خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش شەكلىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
- چىن شۈيبيەن خىتاي رەھبەرلىرىنى تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا چاقىردى
- چېن شۈيبيەن تەيۋەننىڭ خىتايغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ پەسەيگەنلىكىنى بىلدۈردى
- خۇ جىنتاۋ بىلەن تەيۋەن ئۆكتىچى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سۇڭ چۇيۈ كۆرۈشتى
- دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى، سوڭ چۈيۈينى تەيۋەنگە "خىيانەت" قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى