تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ يېڭى رەئىسى مايىڭجيۇ ئەپەندى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، نيۇيورك، لوس ئانجىلىس شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. مايىڭجيۇ ئەپەندى تەيۋەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئالدىدا كۆز قاراش ئالماشتۇردى. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، چېن شۇيبيەن بىلەن مايىڭجيۇنىڭ سۆھبىتى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش ئالدىدا تۇرغاندا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولدى. بۇ سۆھبەت ئارقىلىق كىشىلەرگە تەيۋەندىكى كۆكچىلەر بىلەن يېشىلچىلارنىڭ كۆز قارىشىدا قانداق ئورتاق نوقتىلار ۋە يەنە قانداق ئوخشىمايدىغان نوقتىلارنىڭ بارلىقى بىرقەدەر ئايدىڭ بولدى.
چېن شۇيبيەن: تەيۋەندىكى ئىككى چوڭ پارتىيە بىر-بىرىگە دۈشمەن ئەمەس، بەلكى سەپداش
- گومىنداڭ رەئىسى ما يىڭجيۇ ئەپەندى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراش ۋە تەشەببۇسلارغا، گەرچە ھەممە ئادەم قوشۇلۇپ كەتمىسىمۇ، ئەمما مەن ئۇنىڭ بىزنىڭ قارشى تەرىپىمىزدىكى قىرغاقنى، تەيۋەن خەلقى ئۆزى سايلاپ چىققان پرېزىدېنت بىلەن سۆزلۈشۈشكە چاقىرغان ئاۋازىغا رەھمەت ئېيتىمەن، -- دەپ سۆزىنى باشلايدۇ تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن ئەپەندى. چېن شۇيبيەننىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەندىكى چوڭ پەرق - تۇرمۇش شەكلى ۋە تۈزۈم جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق. تەيۋەن دېموكراتىك دۆلەت، ئۇ ئەترەپ بولسا مۇستەبىت تۈزۈمدىكى دۆلەت، بۇ جەھەتتىكى پەرق ناھايىتى ئېنىق. مەن رەئىس مايىڭجيۇنىڭ ۋەتەن سۆيىدىغانلىقىغا شۆبھىلەنمەيمەن. - دەيدۇ چېن شۇيبيەن، - ئۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 'بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنى'غا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان ئېنىق ئىپادىلىگەن ئىدى. بىز ئىككىمىز 'تەيۋەن جوڭگونىڭ ئايرىلماس مۇقەددەس زىمىنى' دېگەن سۆزىنى قوبۇل قىلماسلىق جەھەتتە ئورتاق. تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسى (مىللەتچى پارتىيە) مىنجىڭداڭ پارتىيىسى (دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسى) نىڭ دۈشمىنى ئەمەس، بىزنىڭ ئىقتىساد، تۇرمۇش، ھەربىي، دېپلوماتىيە جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مەنپەئەتىمىز ئورتاق. بىز بۇ جەھتتە ياخشى سەپداش بولالايمىز. بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى.
ما يىڭجيۇ: تەيۋەن خەلقى ھەممسى بىر چوڭ كېمىدە، بۇ كېمىنى ئوخشىمىغان يۈنىلىشكە تارتماسلىق كېرەك
-مەن پرېزىدېنت چېن شۇيبيەننىڭ ماڭا بەرگەن ئىجابىي جاۋابىغا رەھمەت ئېيتىمەن، - دەيدۇ تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ يېڭى رەئىسى مايىڭجيۇ ئەپەندى. مايىڭجيۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئامېرىكا زيارىتىنىڭ 8 - كۈنى لوس ئانجىلىس شەھرىگە كەلگەندە، بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىنى پۈتۈن تەيۋەن خەلقىغە دوكلات قىلىشنى، زىيارەت جەريانىدىكى تەسىراتلىرىنى، گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر قارشى تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا چۇقۇم تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەنگە سۆزلەپ بېرىشنى قارار قىلغان. مايىڭجيۇ ئەپەندى ئامېرىكىدا بولۇپ ئۆتكەن مۇنازىلەرنىڭ مەزمۇنىنى تۇنۇشتۇرغاندا، "تەيۋەننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، خۇددى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن جەمئىيىتى رەئىسى داۋىت ئەپەندى تەسۋىرلىگەندەك، تەيۋەندە 23 مىليون خەلق بىر چوڭ كېمىدە، ئەمما بۇ كېمىنى ھەيدەيدىغانلار ھازىر ئۇنى ئوخشىمىغان يۈنىلىشكە تارتىۋاتقان ئەھۋال. شۇڭلاشقا مەن پرېزىدېنت چېن شۇيبيەن بىلەن بىرلىكتە تەيۋەن خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى چىىقش نوقتا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، دەپ قارايمەن،تېگى -تەكتىدىن ئېيتقاندا، بىز بۇ جەھەتتە ئورتاق. ئەگەر بىز ئورتاق مەسىلىدىمۇ يەنىلا ھەمكارلىشالمىساق، چەتئەللەر بىزگە قانداق ياردەم قىلىدۇ؟ بىز ھازىر 'بىرلىك ياكى مۇستەقىللىق' دېگەن مەسىلە ئۈستىدىلا بولىۋاتقان تۈگىمەس تالاش -تارتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ئۈستىدىلا ئويلىشىدىغان نۇقتىغا كېلىشىمىز كېرەك"دەپ بايان قىلغان.
چېن شۇيبيەن: كوممۇنىست ھۆكۈمىىتنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ھەر يىلى 100 دىن كۆپىيىۋاتىدۇ
-مەن مايىڭجيۇ ئەپەندىنىڭ تەسىراتىنى چىن قەلبىمدىن قوللايمەن، - دەيدۇ تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندىكى ھۇقۇق تۇتىۋاتقان پارتىيە بىلەن ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدا، دۆلەت ئۈچۈن قايغۇرۇش، خەلقنى كۆزلەش، تەيۋەننىڭ كەلگۈسى نىشانى جەھەتلەردە چوڭ ئىختىلاپ يوق. ئەمما بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا تەپسىلي ئىپادىلەشتە پەرق بار. مايىڭجيۇنىڭ "ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىككە كىلىش' مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆز قارىشىغا، مەسىلەن، ئۇ 'ئىككى تەرەپنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى جوڭخۇا مىنگونىڭ مەۋجۇتلىقى' دەپ ئوتتۇرىغا قويغاندا، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيە بۇنىڭغا قوشۇلمىغان. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوشۇلۇشى ناتايىن. مەن مايىڭجيۇ ئەپەندىگە ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى كىلىنتون ئەپەندى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان 'خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ گېپىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، تەيۋەننىڭ ئۆزىنىڭ مۇئەييەن تەشەببۇسى بولۇش كېرەك، ئىككى بىسلىق كېلىشمىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ' دېگەن تەجرىبىنى تەشەببۇس قىلىمەن، - دەيدۇ چېن شۇيبيەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىىتنىڭ تەيۋەنگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ھەر يىلى 100 دىن كۆپىيىۋاتىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەيۋەننى ئۆزىگە قۇشۇۋېلىش ئۈچۈن ئاللىقاچان ۋاقىت جەدىۋىلى بىكىتىپ بولدى. تەيۋەندىكى ھەر تەرەپ ھەرگىز بۇ پاكىتلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، كۆزىنى يۇمۇۋالماسلىقى كېرەك.
چېن شۇيبيەننىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىمىزدىكى 2007 - يىلى، 2010 - يىلى ۋە 2015 - يىلىدىن ئىبارەت بۇ 3 يىل ناھايىتى مۇھىم يىللار. تەيۋەن مەسىلىسنى ئويلانغاندا، مۇشۇ يىللاردا يۈز بېرىش ئىھتىمالى بار دۈشمەنلىكنى چۇقۇم نەزەردە تۇتۇش كېرەك. چېن شۇيبيەن سۆزىدە ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىشتا، 'بىر جوڭگو' دەپ تەكىتلىگەندە چۇقۇم تەيۋەندىكى ھازىرقى دېموكراتىيىنى، ئەركىنلىكنى، كىشىلىك ھۇقۇق رىكورتىنى ساقلاپ قېلىش كېرەكلىكىنى، تەيۋەننىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىلىشىكە، تەيۋەننى يەرلىك ھاكىمىيەتكە ئۆزگەرتىۋېتىشكە، تەيۋەننىڭ تېرىتورىيە ھۇقۇقىنى ئېلىپ تاشلاشقا قارشى تۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا 'بىر جوڭگو' دېگەننىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىدىكى سەۋەپ - چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 'بىر جوڭگو' دېگىنى 'جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى'، بۇ مايىڭجيۇ ئەپەندى ئېيتىۋاتقان 'بىر جوڭگو'، يەنى 'جوڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى' دېگەن بىلەن ئوخشىمىغانلىقىدىن ئىبارەت. بىزنىڭ ھازىرقى تەيۋەن ھۆكۈمىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇتلىىقنى ئىتىراپ قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار جوڭخۇا مىنگونىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. بۇ جەھەتتە ئەقەللىسى مايىڭجيۇ ئەپەندى بىلەن ئوخشىمايدۇ. مايىڭجيۇنىڭ 'جوڭخۇا مىنگو' دېگىنى ھازىرقى تاشقى موڭغۇلىيىنى، چوڭ قۇرۇقلىقتىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى موڭغۇلىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئەمما تەيۋەننى ئۆزىنىڭ بىر ئۆلكىسى دەپ قارايدۇ. بۇ كونكرت مەسىلىلەردە ، مايىڭجيۇ ئەپەندى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىلەن قانداق ئورتاقلىشىدۇ؟ (داۋامى بار) (ۋەلى)