بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى تەيۋەننىڭ بولۇشى مۇمكىن


2006.08.01

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، 8 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋگاڭچۇەن ئارقىلىق تەيۋەنگە قارىتا، بۇرۇن خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ رەھبەرلىرى قىلىپ ئۆتكەن سۆزلەرنى قايتىدىن تەكرارلاپ قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ساۋ گاڭچۇەن سۆزىنى "تەيۋەن مۇستەقىل بولۇش يولىغا ماڭسا، بىز ھەرگىز قاراپ تۇرمايمىز. تەيۋەننىڭ ھەرخىل نام ئاستىدا دۆلىتىمىزدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىلىشىگە ھەرگىز رۇخسەت قىلمايمىز" دەپ قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن ئېيتقان. خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋگاڭچۇەن بېيجىڭدىكى چوڭ خەلق سارىيىدا ئارمىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللىك مېھمانلارنى قەدەھ كۆتۈرۈشكە تەكلىپ قىلغاندا قىلغان بۇ سۆزىدە يەنە "خىتاينىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش بىزنىڭ تۈپ مەنپەئەتىمىز" دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي: تەيۋەننىڭ ھەر قانداق يول بىلەن مۇستەقىل بولۇشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايمىز

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىلىرىگە دائىر ئىككى چوڭ ئىشخانىسى بۇ يىل 2 ‏- ئايدىن باشلاپلا، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەننىڭ "تەيۋەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا تەيۋەن دېگەن نام بىلەن ئەزا بولۇپ كىرىدۇ" دېگەن سۆزىگە قارىتا ۋە چېن شۇيبيەننىڭ "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش دېگەن سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش" ئۈچۈن قوللانماقچى بولغان قانۇنىي تەدبىرلىرىگە قارىتا تەھلىل يۈرگۈزۈپ، "بۇ چېن شۇيبيەننىڭ تەيۋەننى قانۇنىي يول بىلەن مۇستەقىل قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى"، "تەيۋەندە داۋاملىشىۋاتقان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلەرنى دەرىجە ئۆرلەتكەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ "، "ئەمما بىز تەيۋەننىڭ ھەر قانداق يول بىلەن مۇستەقىل بولۇشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايمىز" دەپ سۆزلەشكە باشلىغان ئىدى. خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گاڭچۇەننىڭ بۇ قېتىمقى ئارمىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزى گەرچە بۇرۇنقى كونا سۆزلەرنى قايتىدىن تەكرارلاشتىن ئىبارەت بولسىمۇ، ئەمما تەلەپپۇز جەھەتتىن ناھايىتى قاتتىق ئېيتىلغان.

تەيۋەن ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرماقتا

"خىتاي ئۇچۇر تورى"دا بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەندە ئۇزۇندىن بۇيان تەييارلىنىۋاتقان ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا قارشى "جەسۇر ‏-ئۈچ" بەلگىلىك ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا ئايان ئىدى. يېقىندا تەيۋەندە چىقىدىغان "بىرلەشمە گېزىتى"دە بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئاللىقاچان تەيۋەن قىسىملىرىنىڭ "زەپەر" بەلگىلىك ھەربىي پاراخوتلىرىغا بېكىتىلىپ بولغانلىقىغا دائىر فوتو رەسىملەر ئېلان قىلىنغان.

خوڭكوڭدىكى "جوڭپىڭ ئاگېنتلىقى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقاتى خىتاي ھۆكۈمىتى 90 ‏- يىللاردا تەيۋەن بوغۇزىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغاندىن كېيىن باشلانغان ئىكەن. ھازىر بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەيۋەندىن 1000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خىتاي تەۋەسىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىش مۇمكىن. ئەمما تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھازىرقى "جەسۇر ‏-ئۈچ" بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلماقتا.

بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى تەيۋەننىڭ بولۇشى مۇمكىن

خرىستىئان ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ يازغۇچىسى سىمون مونتلاك ئەپەندىنىڭ تەيبېيدە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىىسدە بايان قىلىنىشىچە، ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى تەيۋەننىڭ بولۇشى مۇمكىن. سىمون ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا 2001 ‏- يىلىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنى تەكرارلاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا، تەيۋەنمۇ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ مۇداپىئە سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلمەكتە. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي قىسىملار ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغى 19 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ھازىر تەيۋەنگە قارىتا تەييارلاپ قويغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ سانى 800 دىن ئاشقان، كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە خىتاي ھازىر تەيۋەندىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئەمما تەيۋەن 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خامچوتى ئاساسىدا دۆلىتىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ، تەيۋەندە تەييارلانغان "جەسۇر ‏-ئۈچ" بەلگىلىك ھەربىي پاراخوتلارغا بېكىتىدىغان ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەيۋەن قىسىملىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي ئېھتىياجىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. تەيۋەن ھازىر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە "تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش" دېگەن خىيالى پىكىر ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدەلنى چۇڭقۇر ھېس قىلدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.