تەيۋەندە پرېزىدېنت چېن شۇيبيەننى يىقىتقۇچىلار بىلەن قوللىغۇچىلارنىڭ قارىمۇ -قارشىلىقى دەرىجە ئۆرلىمەكتە

0:00 / 0:00

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندە 24 ‏- ئاۋغۇست كۈنى بىر يىغىندا ياندىشىپ ئولتۇرغان ئىككى چوڭ ئەرباب گەپ تالىشىپ قاتتىق ئۇرۇشقان. ئۇنىڭ بىرى سابىق قانۇن پالاتا ئەزاسى، يېقىندا دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىدىن چىقىپ كېتىپ 'جوڭخۇانى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيىسى' قۇرغان، ھازىر چېن شۇيبيەننى يىقىتقۇچىلار قوللاۋاتقان لىن جېڭجې. يەنە بىرى 'زامان ژۇرنىلى'نىڭ باش مۇھەررىرى، چېن شۇيبيەننى قوللايدىغان يېشىلچىلارنىڭ نەزەرىيىچىسى، ئىككى ئەرباب ئۇرۇشقان ۋەقەدە ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان جىن خېنۋېي. تەيۋەندە ئىككى چوڭ ئەرباب يىغىندا قاتتىق ئۇرۇشقان ۋەقەدىن كېيىن، ئۆكتىچى تەشكىلاتلار قوزغىغان نامايىش ياكى جىم ئولتۇرۇش ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ ئەۋج ئالغان. ھازىر چېن شۇيبىيەننى يىقىتقۇچىلار بىلەن قوللايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە قاتناشماقتا. ھەرىكەتكە قاتنىشىۋاتقان ئادەم سانى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. بۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ھەر قايسى پارتىيىلەرنىڭ ھەرىكىتىمۇ ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلەر تېخى يۈز بەرمىدى.

'تەيۋەن خەۋەرلىرى گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن 'مەن ئۆكتىچىلەرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭمايمەن ياكى ئۇلار تەرىپىدىن يىقىتىلىپ كەتمەيمەن. مىنىڭ ۋەتىنىم تەيۋەن. مەن يەنە تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىشىنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا بېجىرىمەن" دېگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، چېن شۇيبيەن سۆزىدە يەنە ھەر قانداق بېسىمغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى، گومنداڭچىلارنىڭ ئەسەبىلەشكەنلىكىگە پسەن قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يېقىندا يەنە بۇنىڭدىن ئالتە ئاي بۇرۇن تۈزگەن پىلانى بويىچە، 9 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنىدىن 6 ‏- كۈنىگىچە پالاۋ قاتارلىق ئارال دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە بۇ جەرياندا جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا قاتناشماقچى. ئۇ سۆزىدە 'ھازىر تەيۋەندە قوزغىتىلىۋاتقان چوڭ قالايمىقانچىلىقلار مىنىڭ پىلانىمغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، مەن زىيارەتكە كەتكەندىمۇ، ھەر قانداق قالايمىقانچىلىق يۈز بەرسە، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىلىدۇ، تىنچلاندۇرىلىدۇ' دەپ ئەسكەرتكەن.

ياپونىيىدە چىقىدىغان 'كيودو خەۋەرلىرى گېزىتى' نىڭ 25 ‏- ئاۋغۇست كۈنى توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن ئارمىيىسىنىڭ باش كوماندىرى خۇ جېنپۇ ھازىر ياپونىيىنىڭ شىزۇۋوكا ۋىلايىتىدىكى پۇجى تاغلىق رايونىدا ئۆتكۈزگەن ئۆزىنى قوغداش ھەربى مەشقىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھەربىي مەشىققە ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ 2 مىڭ ئەسكىرى، 60 تانكا، 40 زەمبىرەك، 20 ئايروپىلان، تىك ئۇچار قاتناشتۇرۇلغان. نەق مەيداندا ھەرخىل كىچىك ھەجىملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئۇرۇشتىكى رولى نامايەن قىلىنغان.

'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، 25 ‏- ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن ئارمىيىسىنىڭ باش كوماندىرى خۇ جېنپۇنىڭ ياپونىيىنىڭ ھەربىي مەشىقىگە قاتناشتۇرۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى 'خىتاي -ياپون مۇناسىۋىتىدە يۈز بەرگەن بىر ئېغىر ۋەقە' دەپ ئاتىغان. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى كېيجى كامى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ 'تەيۋەن ئارمىيىسىنىڭ باش كوماندىرى خۇ ئەپەندى ياپونىيىدە ھەر يىلى بىر قېتىم بولۇپ تۇرىدىغان ساياھەت كۈنىدە، ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى ئېلىپ بارغان چوڭ ھەجىملىك ھەربى مەشقنى كۆردى. بىز تەيۋەن ئارمىيىسىنىڭ باش كوماندىرىنى بۇ ھەربى مەشىققە تەكلىپ قىلمىغان. بۇ ھەربى مەشق دۆلىتىمىزدە ئاشكارا ئېلىپ بېرىلغان ئەمەلىي ئېتىش مەشقى. بۇنداق ساياھەت كۈنىدە، ئادەتتە قايسى ساياھەتچىنىڭ قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىقى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ' دېگەن.

'كيودو خەۋەرلىرى گېزىتى'نىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دېڭخۇي 12 ‏- سېنتەبىردىن 17 ‏- سېنتەبىرگىچە بولغان 6 كۈن ئىچىدە ياپونىيىنى زىيارەت قىلماقچى. 83 ياشقا كىرگەن لى دېڭخۇي ياپونىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە تەيۋەندە تۇغۇلغان. ئۇ مۇشۇ دەۋرنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ياپونىيىگە كۆپ بارىدۇ. ئۇ 99 ‏- يىلىدىن باشلاپ ياپونىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلدى. لى دېڭخۇي تەيۋەننىڭ پرىزېدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، 2001 ‏- يىلى ۋە 2004 ‏- يىلىدا ياپونىيىنىڭ كانازاۋا، كيودو شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 24 ‏- كۈنى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يېقىندا تەيۋەندە ئۆكتىچىلەر بىلەن قوللىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىق كېڭىيىپ دىنى ساھەگىچە يەتكەن. ھەرخىل دىنىي مەزھەپ يېتەكچىلىرى چېن شۇيبىەننى يىقىتىش ياكى قوللاش ھەققىدە ھەدەپ ئىپادە بىلدۈرۈشكە باشلىغان. پېشقەدەم دىنىي زاتلاردىن گاۋ جۈنمىڭ بۇنىڭغا باھا بېرىپ 'چېن شۇيبيەننىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن تەختتىن چۈشۈپ كېتىشىنى قوللىمايمەن، ئەگەر شۇنداق بولسا، تەيۋەندە قالايمىقانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، قالايمىقانچىلىق چىقسا، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيە تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىن' دېگەن. (ۋەلى)