تەيۋەن ب د ت غا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا قارار لايىھىسى سۇندى

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېڭ تاڭشەن، سەيشەنبە كۈنى تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەيۋەننىڭ تىنچلىقى ھەققىدە قارار لايىھىسى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن سىرت، تەيۋەن تەرەپ يەنە، تەيۋەنگە دوستانە دۆلەتلەرنىڭ، پرېزىدېنت چېن شۇيبيەننىڭ پات ئارىدا كورىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياردەم كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قولغا كەلتۈرۈش

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىزچىل تۈردە بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلگەن ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېڭ تاڭشەن " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى بىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت، چۈنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق نىشانمۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت. شۇڭا تەيۋەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تەيۋەننىڭ تىنچلىقى ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇشنى لايىق كۆردى" دەپ تەكىتلىدى.

چېڭ تاڭشەن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

" بىزنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىمىز، تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى كۆپچىلىك ياخشى چۈشىنەلەيدىغان دەرىجىدە يېزىپ چىقىپ، بۇ ماتېرىيالنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگىنىغا يوللاپ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت، ھەمدە يەنە، بۇ ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپكە كۆپچىلىكنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىش شۇنىڭدەك پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشنى مەقسەد قىلىدۇ".

تىنچلىق ئاساسىي نىشان قىلغان

چېڭ تاڭشەن سۆزىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: " جۇڭگو، بۆلگۈنچىلىككە قارشى قانۇندىن پايدىلىنىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا تەيۋەنگە قارىتا قورال ئىشلىتىشنى قانۇنلاشتۇرماقچى. بۇ ئوچۇق - ئاشكارا تەيۋەنگە قارىتا قورال تەھدىتى ئىشلەتكەنلىكتىن ئىبارەت. جۇڭگو 700 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەيۋەنگە قارىتىپ تىكلىگەندىن سىرت، تەيۋەڭە قارىتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنى ھەر يىلى 100 دانىدىن ئاشۇرىۋاتىدۇ. دېمەك تەيۋەن بوغۇزى توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىقا ناھايىتى يېقىن".

چېڭ تاڭشەننىڭ قارىشىچە، تەيۋەن تەرەپنىڭ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ھەققىدىكى دوكلاتى " تىنچلىق" نى نىشان قىلغان بولۇپ، بۇ ئېغىر بېسىق ۋە سەۋىرچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆتۈنۈشتىن ئىبارەت ئىكەن، ئەگەر بۇ قارار لايىھىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا مۇزاكىرە قىلىنىشقا ئېرىشەلىسە، ئۇرۇش خەتىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ پەرەز قىلىشىچە، مەزكۇر قارار لايىھىسى چوقۇم قوبۇل قىلىنىدىكەن.

چېن شۇيبيەننىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىشىغا تۈرتكىلىك قىلىش

بۇ يىل شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يىغىنى كورىيىدىكى بۇسان شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدىكەن. چېڭ تاڭشەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەيۋەن بۇسان شەھىرىدە ئىش بېجىرىش مەركىزى قۇرغان بولۇپ، بۇ تەيۋەننىڭ تاشقى دىپلوماتىيىدىكى بىر نەتىجىسى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يىغىن تەكلىپنامىسىنى ئۆز قولى بىلەن پرېزىدېنت چېن شۇيبيەنگە بەرگەندە، چېن شۇيبيەن نەق مەيداندا، يىغىنغا چوقۇم قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن، بولۇپمۇ جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.

چېڭ تاڭشەن ئاخىرىدا، بۇ قېتىم شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يىغىن ساھىپخانلىقىنى ئۆتەيدىغان كورىيە ۋە تەيۋەنگە دوستانە دۆلەتلەردىن، چېن شۇيبيەننىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان. (ئەقىدە)