تەيۋەن "جۇڭخۇا مىنگو" چىلارنى ھامان قوغلاپ چىقىرىدۇ
2005.10.24
تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دېڭخۇي ئەپەندى "تەيۋەن دېموكراتىك فوند" جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە ئامېرىكىدا 11 كۈن زىيارەتتە بولغان.
گېزىت يۈزىدىكى خەۋەر ۋە تەھلىللەردىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتى جىددىي رىقابەت ئىچىدە داۋاملاشقان. لى دېڭخۇي ئەپەندى نيۇ-يورك، ۋاشىنگتون، لوس ئانجىلىس قاتارلىق شەھەرلەردە ناھايىتى ئەركىن پىكىر بايان قىلغان. ئۇنىڭ "جۇڭخۇا مىنگو" دېگەن دۆلەت ھەققىدە يۈرگۈزگەن تەھلىل ۋە بايانلىرى جەمئىيەتتە ناھايىتى چۇڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان.
لى دېڭخۇينىڭ زىيارىتىگە قاراشلار
لى دېڭخۇي ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىنى بەزى مەتبۇئاتلار "دېموكراتىيە ئۈچۈن زىيارەت" دەپ ئاتىغان بولسا، يەنە بەزى مەتبۇئاتلار "تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن زىيارەت" دەپ ئاتىغان. بىتەرەپچىلەر بولسا "شەخسىي زىيارەت" دەپ ئاتىغان. بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى ئالقىشلىسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا باشتىن - ئاياققىچە ئامېرىكا بىلەن سۆزلىشىش، نارازىلىق بىلدۈرۈش ياكى نامايىش ئويۇشتۇرۇپ قارشى تۇرۇش ئارقىلىق لى دېڭخۇينىڭ پائالىيەتلىرىنى توسۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئامالسىز قالغان.
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى مۇھاجىرلار لى دېڭخۇي ئەپەندىگە چاي بەرگەندە ، لى دېڭخۇي ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ 1951 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىگە كېلىپ ئوقۇغاندىن بۇيانقى 50 نەچچە يىللىق كەچۈرمىشلىرىنى ۋە ئۆزىگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتكەن.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، لى دېڭخۇينىڭ ئاتا - بوۋىسى فۇجەندىن تەيۋەنگە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما فۇجەننى تۇغۇلغان يېرى، تەيۋەننى بولسا ئۆز يۇرتى دەپ ئېتىراپ قىلغان. بۇ خۇددى ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرىدىن بىرى بولغان كېننىدى ئەپەندىنىڭ ئاتا - بوۋىسى ئىرلاندىيەلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاتا ماكانىنى كۆرگىلى بارغاندا يەنىلا ئۆزىنى ئامېرىكىلىق دېگىنىگە ئوخشايدۇ.
"جۇڭخۇا مىنگو" چىلار ھامان قوغلاپ چىقىرىلىدۇ
لى دېڭخۇي ئەپەندى خىتايدا تۈزۈلگەن "بۆلۆنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" دېگەن قانۇن ھەققىدە توختالغاندا، بۇ قانۇن بىرىنچىدىن، قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ بۆلۈنمە ھالىتى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ داۋامى، ئىككىنچىدىن، تەيۋەن ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى، دېگەن ئىككى ئېغىز سۆزگە ئاساسەن تۈزۈلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇنداق پاكىت مەۋجۇت ئەمەس. ئىچكى ئۇرۇش 1949 - يىلىدىلا توختىغان، ئۇنىڭ داۋامى نەدىكەن؟ تەيۋەن خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەس، مانجۇ سۇلالىسىدە دەۋرىدىمۇ ئۇنىڭغا تەۋە بولمىغان، دېگەن.
لى دېڭخۇي ئەپەندى "جۇڭخۇا مىنگو" دېگەن دۆلەت ھەققىدە توختالغاندا، "جوڭخۇئا مىنگو" دېگەن دۆلەت 1949 -يىلىدىن كېيىن مەۋجۇت ئەمەس، بىركىم تېخىچە بار دېسە، ھەتتا تاشقى موڭغۇلىيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خېرىتىسى بار بۇ دۆلەتنى كىم تېپىپ بېرەلەيدۇ؟ ئەگەر كوممۇنىست پارتىيە بىلەن گومىنداڭنڭ بۇرۇنقى ھەمكارلىقىنى يەنە يولغا قويىمەن دېسە، 'جۇڭخۇا مىنگو' نى تېپىپ، شۇ دۆلەتتە قىلسۇن، مۇشۇ يولنى يەنە داۋاملاشتۇرىمەن دېگۈچىلەرنى تەيۋەنلىكلەر خالىغان بىر كۈنى قوغلاپ چىقىرىدۇ" دېگەن.
لى دېڭخۇي ئەپەندى يەنە " تەيۋەنلىكلەر ھازىر تارتىۋاتقان روھى ئازابنى تەيۋەننىڭ نورمال دۆلەتلىك ئورنىنى بۇرۇنلا جاكارلىماي جىم تۇرغانلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان" دەپ ھازىرقى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى قامچىلىغان.
لى دېڭخۇي ئەپەندى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، بېيجىڭدىكى بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتى تەيۋەن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شۈ ئەپەندى "بىرلەشمە گېزىتى" نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتا "تەيۋەننى قايتۇرۇپ ئېلىش" دېگەن مەزمۇن بويىچە 60 يىللىق تارىخنى ئەسلەش پائالىيەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشقانلىقىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ بۇرۇنقى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقنى تەسۋىرلىگەن.
بېيجىڭدىكى بۈيۈك خەلق سارىيىدا "تەيۋەننىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى" ئېچىلغان. چەتئەللەردىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىغا تەيۋەن ھەققىدە سىياسىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خىتاي دۆلەت مۇزىيىدا "تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش كۆرگەزمىسى" ناملىق كۆرگەزمە تەييارلانغان. "تارىخنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك - تەيۋەننىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقنى خاتىرىلەيلى" ناملىق كىنو فىلىمى تەييارلانغان.
چەتئەل مەبلەغلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خەلقنى قۇل قىلىشىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ
"مەركىزى ئاگېنتلىقى" نىڭ بايان قىلىشىچە، لى دېڭخۇي ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس شەھرىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە "خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خەلقنى قۇل قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرخىل ساختا باياشاتلىق كۆرۈنىشى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە چەتئەللەردىن مەبلەغ كىرگۈزۈپ، شۇ مەبلەغدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي، ھەربىي، پەن - تېخنىكا سىستېمىسى تىكلەپ، خەلقنى قۇل قىلىشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ مەبلىغى خىتايغا كىرگەنسىرى، خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە شۇنچە كۈچلىنىپ خەلقنى تېخىمۇ بەك قۇل قىلىۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ خىتاينى تىنچ ئۆزگەرتىشى تېخىمۇ قېيىنلىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە كاپىتال ئىگىلىرى خىتاينى تىز چۈشۈنۈپ، خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى توختىتىشى لازىم" دېگەن.
لى دېڭ خۇي ئەپەندى غەرب ئەللىرىگە قارىتا "بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىپ، خوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سالغاندا ئۇنى چەكلەيدىغان تەدبىر قوللانغان ئىدى. ھازىر خىتايمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىپ، خوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سالسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنى چەكلىمەيدىكەن؟ كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "خىتايچە" دېگەن ۋىۋىسكىنى ئېسىۋالغان تۈزۈملىرىگە ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. دېموكراتىك دۆلەتلەر پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىق ۋە رايون خاراكتېرلىق بىرلىك تۈزۈپ، خىتاينىڭ ئىچكى جەھەتتە خەلققە زۇلۇم سالىدىغان، تاشقى جەھەتتە باشقا ئەللەرگە تاجاۋۇز قىلىدىغان تۈزۈمىگە بىرلىكتە تاقابىل تۈرۈشىمىز لازىم" دەپ تەشەببۇس قىلغان. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي كانادانىڭ "تەيۋەن ئىشلىرى قانۇنى" لايىھىسىگە قارشىلىقىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكىنى "بىر جۇڭگو" سىياسىتىگە قايتا باھا بېرىشكە چاقىردى
- ئامېرىكا- ياپونىيە بىخەتەرلىك قوشما باياناتى -تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن
- ئامېرىكىدا تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويدى
- ئامېرىكا تەيۋەندىكى دېپلوماتلىرىنى ئاكتىپ ۋەزىپىدىكى ھەربىيلەردىن تاللايدۇ