تەيۋەندە ئىككى تەرەپ نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا زوراۋانلىق ھەرىكەت يۈز بېرىشكە باشلىدى

0:00 / 0:00
taiwan-namayish.jpg
20 – سېنتەبىر كۈنى تەيۋەننىڭ پىڭتۇڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن نامايىشتا ساقچىلار تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەننى قوللىغۇچىلار قاتارىدىكى بىر نامايىشچىنى تۇتماقتا. AFP

تەيۋەندە گومىنداڭچىلار (كۆكچىلەر) پرېزىدېنت چېن شۈيبيەننى يىقىتىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان جىم ئولتۇرۇش نامايىشى 9 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى يەنى چوڭ قۇرۇقلۇقتا ماۋزېدۇڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان كۈنى باشلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق جىم ئولتۇرۇش شەكلى كوچىلاردا مېڭىپ نامايىش قىلىش، ئىدارە-ئورگانلارنى قورشىۋېلىش، ئىش تاشلاش دېگەندەك شەكىللەرگە تەرەققى قىلدى. 'فرانسىيە ئاگېنتلىقى'نىڭ 9 ‏- ئاينىڭ 19 ‏- كۈنى تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، گومىنداڭچىلار چېن شۈيبيەننى يىقىتىش ھەرىكىتىنى تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدىن چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلمىگەن يەرلىك ئاھالىلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغان جەنۇب تەرەپتىكى گاۋشوڭ شەھىرىگە كېڭەيتكەندىن كېيىن، يەرلىك ئاھالىلار ئۇلارغا قارىمۇ-قارشى ھالدا نامايىش قوزغىغان. بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپ نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا قارشى تەرەپكە ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ۋارقىرايدىغان، ھەتتا قول تەككۈزۈپ زوراۋانلىق قىلىدىغان ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىغان. تەيۋەن ساقچىلىرى ۋەقە تۇغدۇرغان كىشىلەردىن بىر نەچچىنى تۇتۇپ تەرتىپ ساقلىغاندىن كېيىن، گومىنداڭچىلار ساقچى ئورگانلىرىنى 'ناماقۇل بولۇش'قا مەجبۇرلاپ چوقان سېلىشقا باشلىغان.

'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گومىنداڭنىڭ رەئىسى مايىڭجيۇ ئەپەندى 'مىليونلىغان ئادەمنىڭ چېن شۈيبيەننى يىقىتىش ھەرىكىتى تەيۋەننى قۇتقۇزۇۋىلىش يولىدىكى بىر نامايەندە' دېگەن. تەيۋەن قانۇن پالاتاسىدىكى مىنجىنداڭ پارتيىىسنىڭ ئەزالار ئۆمىكى بولسا 'تەيۋەننى قالايمىقانلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالماسلىق كېرەك. كۆكچىلەر ئىغۋاگەرچىلىك، زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى توختىتىشى كېرەك' دەپ تەكىتلىمەكتە.

'ب ب س' نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرى ھازىر داۋاملىشىۋاتقان چېن شۈيبيەننى يىقىتىش ھەرىكىتىگە بېيجىڭ تەرەپ قول سېلىۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا. شۇڭلاشقا ھازىر تەيۋەندە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرتىپ ساقلاشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرماقتا. تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسى باياناتچىسى جېن ۋېنشەننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر تەيۋەندە ھەربىي تەرەپ مۇستەقىل، ئۇلار بىتەرەپ ھالەتتە تۇرماقتا. ھازىرقى ئەھۋالدا تەيۋەندە ھەربىي ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى ئاز.

- تەيۋەندە ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر خۇددى بۇنىڭدىن 41 يىل ئىلگىرى ماۋزېدۇڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا قوزغىغان 'مەدەنىيەت ئىنقىلابى'غا ئوخشايدۇ، - دەپ مۇلاھىزىسىنى باشلايدۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى،- چوڭ قۇرۇقلۇقتا يېقىندا 'بېيجىڭگە بارمىساڭ مەنسىپىڭنىڭ كىچىكلىكىنى ھېس قىلمايسەن، شاڭخەيگە بارمىساڭ پۇلۇڭنىڭ ئازلىقىنى ھېس قىلمايسەن، تەيۋەنگە بارمىساڭ، ئۇ جايدا ھازىر مەدەنىيەت ئىنقىلابى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايسەن' دېگەن سۆز چىققان ئىدى. مەن ھازىر بۇ گەپنىڭ راستلىقىغا ئىشەندىم، - بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، - ماۋزېدۇڭ قوزغىغان 'مەدەنىيەت ئىنقىلابى' دا 'مەدەنىيەت' دېگەن ئەمەلىيەتتە دۆلەت رەئىسى ليۇشاۋچىنى يىقىتىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 'ئىنقىلاپ' دېگەن ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان كىشىلەرگە 'دىكتاتور يۈرگۈزۈش' دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ماۋزېدۇڭ قوزغىغان بۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ جەريانى دەسلەپتە 'ماتېرىياللارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش' ، ئۇنىڭدىن كېيىن 'دىكتاتورا يۈرگۈزۈش'تىن ئىبارەت بولغان ئىدى. ئۇ چاغدا ماۋزېدۇڭ پۈتۈن ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىۋېلىپ، بۇ ' قىزىل ئېلېكتىر دولقۇنلىرى' ئارقىلىق شۇ 'ماتېرىيال'لارنى جەمئىيەتكە يېيىپ، ئۇنىڭدا نامى چىققان 'جىن-شەيتان' ۋە 'بەش خىل قارا يىپ' دېيىلگەن كىشىلەرنى قىزىل قوغدىغۇچىلار دەپ ئاتىلىدىغان، ھەتتا 6-7 ياشلىق كىچىك بالىلارغا 'ئىسيان' كۆتۈرگۈزۈپ، 'سۈپۈرۈپ' تاشلىغۇزغان ئىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايتتى. ئۇلارنى ھەر قانداق ئادەم كېلىپ تىللىسا-ئاھانەت قىلسا، باش ، كۆزىگە تۈكۈرسە، ئۇرۇپ ،سوقسا بولىۋېرەتتى. قىزىل قوغدىغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان 'ماتېرىياللار' يالغان چىقىپ قالسا، كىشىلەرنى ناھەق ئۇرۇپ-سوققان بولسا سۈرۈشتە قىلىنمايتتى. ئەمدى بۇنىڭدىن 41 يىل ئۆتكەندە، ماۋزېدۇڭنىڭ ئىز باسارلىرى ھازىر تەيۋەندىن چوڭ قۇرۇقلۇقنى كۆرۈپ باقمىغان، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھېلىسىنى چۈشەنمەيدىغان سىياسىيئونلارنى ھامان تېپىپ چىقتى. ئەمما ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىر تەيۋەنگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ماۋزېدۇڭنىڭ ئوبرازىنى قۇربان قىلدى (ئۇنى ئۇلۇق دېمەي، خاتالىقى بار دەپ ئىقرار قىلىدىغان بولدى) ، بۇ ئارقىلىق 'چېن شۈيبيەننى يىقىتىش' ھەرىكىتى قوزغاپ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى توسۇماقچى بولدى.

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، گومىنداڭچىلار تەيۋەندە چېن شۈيبيەننى يىقىتىش ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، قىزىل كىيىم كىيىپ نامايىش قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھازىر يېشىل كىيىم كىيگەن كىشىلەرنى ئۇرىدۇ. چېن شۈيبيەننى يىقىتىمەن، دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن باش بارمىقىنى چىقارمىغان كىشىنىمۇ ئۇرىدۇ. بۇ ھەرىكەتكە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قارا گۇرۇھلار شېنجېندا تۇرتۇپ قوماندانلىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. تەيۋەنگە سىرتتىن كەلگەنلەر ئاران 12% نى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار (گومىنداڭچىلار) تەيۋەندە ئاساسلىق ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولۇۋالغان. بۇ خۇددى شىنجاڭدىكىگە ئوخشاش، ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىنى سىرتتىن كەلگەن خەنزۇلار ئىگىلىۋالغان، يەرلىكلەر بۇنىڭغا نارازى. (ۋەلى)