خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنى تالان - تاراج قىلىش سىياسىتى كۈچەيمەكتە
2007.09.18
خىتايدىكى ھەر ساھە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 14 - سىېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 12 - سېنتەبىر كۈنى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ رىياسەتچىلىكىدە شاڭخەيدە چاقىرىلغان مەركىزى كومىتېت دائىمىي ھەيئەتلىرىنىڭ " شىنجياڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى تىزلىتىش مۇھاكىمە يىغىنى" دا، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى قېزىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە تىزلىتىش پروگراممىسى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
13 - سېنتەبىر كۈنى خىتاي مائارىپ كومىتېتى ۋە مىللىي ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان " شىنجياڭ ۋە تىبەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش مۇھاكىمە يىغىنى"دىمۇ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان.
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ " ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى تىزلىتىش مۇھاكىمە يىغىنى"دا، بەش تۈرلۈك مۇھىم يوليورۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قېزىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ھەم تېزلىتىشنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسا، " شىنجياڭ ۋە تىبەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش مۇھاكىمە يىغىنى"دا ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىرى " غەربنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش" ئىستراتېگىيىسىگە ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشۇش مەجبۇرىيىتىنى تەكىتلىگەن.
دىققەتنى چېكىدىغىنى شۇكى، گويا ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىمسىزلىشىپ كەتكەندەك، بۇ ھەر ئىككى يىغىندا ئالدى بىلەن ئالغا سۈرۈلگەن مەسىلە، شىنجياڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش مەسىلىسى بولغان. ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن " ۋەزىيىتى مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئومۇمى ۋەزىيىتى تارىختىكى ئەڭ گۈللەنگەن ۋە مۇقىملىق ئەمەلگە ئاشقان بىر دەۋىرگە كىردى" دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، نېمە ئۈچۈن مۇقىملىق مەسىلىسى دائىم ئاساسىي مەسىلە سۈپىتىدە تەكىتلىنىدۇ؟
بۇ ھەقتە د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 'نامراتلار' دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتايدىكى پەرقى توغرىسىدا مۇلاھىزە
- ۋەتەن زىيارىتىدىن كېيىنكى ئاچچىق ھىسلار (2)
- خىتايدا نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ
- قەشقەردە يۈز بەرگەن " ئاۋغۇست ۋەقەسى" نىڭ ھەقىقىي جەريانى
- مايكېل شەرىداننىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى زىيارەت خاتىرىسىنىڭ تورلاردىكى ئىنكاسى
- تۇركىيەدىكى يېڭى چاغ تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى
- تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
- تەبىئىي گاز ۋە ئۇيغۇرلار تۈركمەنىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە
- رۇسىيە خىتايغا تەبىئىي گاز سېتىپ بەرمەيدۇ
- ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىرلىشىشىنى خالايدۇ
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىزىلما بايلىقلىرى نېمە مەقسەتتە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنىۋاتىدۇ
- نېفىت ۋە تەبئىي گاز ئېچىش پىلانى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى