0:00 / 0:00
يېقىندا ئىستانبۇل گۈزەل سەنئەت مۇزېيىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رەسساملىرىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. تۈركىيە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر كۆرگەزمىگە قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسام تەلئەت مىرەخىموۋنىڭ رەسىملىرىمۇ قويۇلدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.