پاكىستان ھۆكۈمىتى تالىبانلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى

0:00 / 0:00

پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئېيىدا شىمالىي ۋەزىرىستاندىكى قەبىلىلەر بىلەن ئىمزالىغان تىنچلىق كېلىشىمى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن پاكىستان ھۆكۈمىتى ئافغانىستانغا چېگرىداش بولغان شىمالىي ۋەزىرىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىشنى قوبۇل قىلغان ۋە رايوندىكى قەبىلىلەر چەتئەللىك مىلىتانت كۈچلەرنىڭ رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت بەرمەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. لېكىن نۇرغۇنلىغان مۇلاھىزىچىلەر، بۇ كېلىشىمنىڭ تالىبانلارنىڭ رايوندا ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەت يارىتىپ، ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دەپ، كۆرسەتكەن.

مىللي مەنپەئەت

پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا تالىبانلارنىڭ قوماندانلىرىنىڭ بېرى بولغان موللا دادۇللا بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمى، پاكىستان بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كۆپ تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ كېلىشىم تالىبانلارنىڭ، پاكىستاننىڭ ياردىمى بىلەن ۋە ئۇنىڭ تېررىتورىيىسىدىن پايدىلىنىپ، ئافغانىستاننىڭ غەربىي جەنۇبى رايونىغا قورال-ياراق ۋە ئادەم يۆتكىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىكەن.

سىياسىي مۇلاھىزىچى ۋە تالىبانلار مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سېد سالىم شاھزادنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاننىڭ موللا دادۇللا بىلەن كېلىشىم ئىمزالىشىدا مىللىي مەنپەئەت مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى كۈنسېرى ھىندىستانغا يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ كېلىشىم پاكىستاننىڭ قايتىدىن ئافغانىستاندا سىياسىي بىر تەسىرگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلايدىكەن.

بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىدا تالىبانلار ئۈچۈنمۇ مىللىي مەنپەئەت ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. تالىبانلار ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىم ئىمزالىغان. مۇشۇ سەۋەبتىن تالىبانلار بىلەن ئەلقائىدە تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر خۇنۈكلەشكەن بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەلقائىدە تەشكىلاتى رەھبەرلىك مەركىزىنى ئافغانىستان-پاكىستان چېگراسىدىن يۆتكەشكە ۋە ئىراقتا يېڭى بىر بازا قۇرۇشقا تەييارلانماقتا ئىكەن.

تالىبانلار بىلەن ئەلقائىدە ئوتتۇرىدا ئىختىلاپ

سېد سالىم شاھزادنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، تالىبانلار پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمى ئارقىلىق ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلىرىدە قەتئى بىر نەتىجىگە ئېرىشىشنى پىلان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە تالىبانلار ئۆتكەن يىلى ئەتىيازدا باشلاتقان ھۇجۇم بىلەن نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئېرىشىكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئافغانىستاندا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بىر دۆلەتنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن. بەش يىلدىن بېرى ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تالىبانلار، ئۆتكەن يىلى ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەردىن ئۆگەنگەن تاكتىكىلارنى ئىشقا سېلىپ، ئافغانىستان ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرىغا قارشى ئەجەللىك ھۇجۇملار ئېلىپ باردى. ئەمما ئۆزلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە شمالىي رايونلاردىن كابۇلنى قورشاش ۋە قەندەھار شەھىرىنىڭ كونتروللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق كۆزلىگەن نىشانلىرىغا يېتەلمىدى. بۇ تالىبانلارغا باشقا بىر دۆلەتنىڭ ياردىمىنى ئالماي تۇرۇپ، ئافغانىستاندا ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن تىكلەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن. نەتىجىدە تالىبانلار ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزلاشقا قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، پاكىستان بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان.

2001‏-يىلى 11‏-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە تالىبانلار بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەن پاكىستان، تالىبانلارنى قوللاش ئارقىلىق ئافغانىستاندا تىكلىگەن سىياستى ۋە ھەربىي تەسىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى.

ئافغانىستاندىكى يېڭى ھاكىمىيەت بىلەن دەرھال يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان ھىندىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى تەسىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇ ۋەزىيەت پاكىستاننى قاتتىق بىئارام قىلىغان بولۇپ، ئافغانىستاندىكى سىياسىي تەسىرىنى قايتىدىن تىلەش ئۈچۈن ۋەزىيەتنى كۆزەتكەن پاكىستان ھۆكۈمىتى تالىبانلار بىلەن ئالاقە قۇرۇش ئۈچۈن موللا دادۇللانى تېپىشتا قىينالمىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تالىبانلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پاكىستان ھۆكۈمىتى بېسىمنى كۈچەيتكەن بىر پەيتتە، پاكسىتان ھۆكۈمىتىنىڭ موللا دادۇللا ئارقىلىق تالىبانلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنىڭ، پاكىستان- ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆسىتىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئۆتكەن ھەپتە پاكىستاننى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چېينى پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن تالىبانلارنىڭ ئەتىيازدا ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن، پاكىستان-ئافغانىستان چېگرىسىدا جىددىي تەدبىر ئېلىشىقا چاقىرغان ئىدى. (قانات)