پاكىستان- ئافغانىستان چېگرا رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 160 ئادەم ئۆلدى

مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە پاكىستان- ئافغانىستان چېگرا رايونىدا پاكىستان قەبىلىلىرى بىلەن رايوندىكى چەتئەللىك مىلىتانتلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 160 كىشى ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ 130 ئى رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆزبېك ۋە چېچەن جەڭچىلىرى ئىكەن.

پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرا ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى ئەلى مۇھەممەتجان ئاۋرەكزەي پىشاۋەر شەھىرىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، دۈشەنبە كۈنى شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدىكى قەبىلىلەر بىلەن بۇ رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چەتئەللىك مىلىتانتلار ئوتتۇرسىدا باشلانغان توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە، 130 چەتئەللىك مىلىتانت ۋە 25، 30 قەبىلە ئەزاسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، توقۇنۇشلاردا 63 چەتئەللىك مىلىتانت ئەسىر چۈشكەن بولۇپ، رايوندىكى قەبىلە جەڭچىلىرى ئەتراپتىكى تاغلاردا يوشۇرۇنغان 200 گە يېقىن چەتئەللىك مىلىتانتنى تۇتۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.

كۆپ تەرەپلىمە كۈچ توپلاشقان رايون

غەربىي شىمال چېگرا ئۆلكىسىنىڭ رەئىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ توقۇنۇشلار، پاكىستان مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن چىتىشلىقى بار چەتئەللىك مىلىتانتلارنى تازىلاش ئۈچۈن پاكىستان- ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى قەبىلىلەردىن پايدىلىنىش سىياسىتىنىڭ غەلىبىسى ھېسابلىنىدىكەن.

ئەمما سىياسىي ئانالىزچىلار، بۇ ۋەقە رايوننىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىدى، دېيىشمەكتە. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، نۇرغۇن كىشىلەر تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي پائالىيەتلىرىدە مەزكۇر رايوندىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چەتئەللىك مىلىتانتلار ۋە پاكىستان قەبىلە جەڭچىلىرى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنى دەپن قىلىش ئۈچۈن قىسقا بىر مۇددەت ئۈچۈن ئۇرۇشنى توختىتىشنى قوبۇل قىلغان. ئەمما رايوندىكى قەبىلىلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى نەتىجە بەرمىگەن.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن، يۈزلىگەن ئوتتۇرا ئاسىيالىق ۋە ئەرەب مىلىتانتلار پاكىستان - ئافغانسىتان چېگرا رايونىدا پاناھلىنىپ، يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن ئىتتىپاق قۇرغان ئىدى. خەۋەرلەر گە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيالىق مىلىتانتلار پاكىستان ‏- ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى قەبىلىلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستاندا ئىسلام كەرىموف ھاكىمىيىتىگە قارشى بولغان نۇرغۇنلىغان ئۆزبېك ئىسلامچىلىرى ئۆزبېكىستاندىن كېلىپ، رايونغا ئورۇنلاشقان.

پاكىستان غەربىي شىمال چېگرا ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى ئاۋرەكزەي، جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىدا چەتئەللىك مىلىتانتلار بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار باشلانغاندا، ئۆزبېكىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى تاھىر يولداشنىڭ رايوندا ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن قەبىلە ئاقساقاللىرى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم

خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇشتا ئامېرىكىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى ھېسابلانغان پاكىستان، چەتئەللىك مىللىتانتلارنى رايوندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن، 2004‏- يىلى ئافغانىستان- پاكىستان چېگرىسىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. گەرچە بۇ ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا قاتتىق زەربە بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلگەن ھەمدە پاكىستان ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مىلىتانتلارنى رايوندىن قوغلاپ چىقىرىش مەقسدىگە يېتەلمىگەن ئىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن پاكىستان ھۆكۈمىتى، پاكىستان- ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى قەبىلىلەر بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن پاكىستان رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىشنى قوبۇل قىلغان. رايوندىكى قەبىلىلەر بولسا، چەتئەللىك مىلىتانتلارنىڭ رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۈشەنبە كۈنىدىكى توقۇنۇش يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ ئۆزبېك مىلىتانتلارنىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرىگە قارشى چىقىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن. (قانات)