
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى تام لانتوس ئەپەندى، 11 - فېۋرال كۈنى، 80 يېشىدا ۋاپات بولدى.
تام لانتوس ئەپەندى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە بولۇپمۇ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىگە ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان سىياسەتچى بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازات قىلىنىشىدا كۆپ كۈچ چىقارغان شۇنىڭدەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئېلىنغان ھەر خىل قارار لاھىيىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان ئىدى.
توم لانتوس ئەپەندى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە ئونلىغان گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇلۇشىغا چوڭ ھەسسە قوشقان.
تام لانتوس ئەپەندى، 2006 - يىلى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ مەزكۇر مەدەنىيەت كۈنىگە قاتناشقانلىقىدىن خوشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆز قەلبىنى ئىزھار قىلىپ مۇنداق دېگەن" مەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى بارلىق خىزمەتداشلىرىمغا ۋاكالىتەن، يەر شارىدىكى ئەڭ ئەركىن بولغان دۆلەت مەجلىسىگە تەكلىپ قىلغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمەن. بىز سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلاردىكى ۋەزىيەتكە دىققەت قىلماقتىمىز. بىز سىلەرنىڭ تولۇق ئەركىنلىكىڭلار ۋە مۇستەقىللىقىڭلارنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز سىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىڭلارنى ئەركىن ئېلىپ بېرىپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئۆز نوقتىئىي نەزىرىڭلار بىلەن تونۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز."

سۆزىدە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مەدەنىيەت كۈنى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن تام لانتوس ئەپەندى، يەنە مۇنداق دېگەن ئىدى": مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۈگۈن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن نامايان قىلىنىۋاتقان خىلمۇ - خىل بەدىئىي سۈرەتلەر، كىم - كېچەكلەر، تاماقلار ۋە باشقىلار ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسىنىڭ تارىخىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئىش. بۇلارنىڭ ھەممىسى تالانتلىق بىر خەلقىنىڭ نامايەندىلىرىدۇر. مەن دۆلەت مەجلىسىدىكى خىزمەتداشلىرىمغا ۋاكالىتەن، سىلەرنىڭ مەسىلەڭلار غەلىبىگە ئېرىشكەنگە قەدەر، سىلەر بىلەن بىرگە تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمەن."
تام لانتوس ئەپەندى، 2007 - يىلى 17 - سېنتەبىر كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىنغان 497 - نومۇرلۇق قارارنىڭ باش تەييارلىغۇچىسى ۋە ئەڭ كۈچلۈك تەشەببۇسچىسى بولۇپ، قارار لايىھىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى قويۇپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.
تام لانتوسنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بايانات بەرگەن رابىيە قادىر خانىم، لانتوس ئەپەندىنىڭ ئالەمدىن كەتكەنلىكىگە ئىنتايىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
1980 - يلىدىن بېرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن تام لانتوس ئەپەندى. ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىگە سايلانغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)