خەلقئارا تاماكا چەكمەسلىك كۈنى


2006.05.31

ھەممىمىزگە ئايانكى، تاماكا نۇرغۇن كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2030 ‏- يىلىغا بارغاندا، تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن ھەر خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلارنىڭ سانى 10 مىليونغا يېتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 7 مىليونى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى كىشىلەر ئىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر دۇنيادا ھەر كۈنى 15 مىليارد تال تاماكا چېكىلىدىكەن. بۇ تەخمىنەن پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر بىر كىشى كۈنىگە ئورتا ھېساب بىلەن 2 يېرىم تال تاماكا چەككەن بىلەن باراۋەر ئىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئەڭ يېڭى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر دۇنيادا تەخمىنەن 1 مىليارد 300 مىليون ئادەم تاماكا چېكىدىغان بولۇپ، بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى 15 ياشتىن يۇقىرى نوپۇسنىڭ 33% نى تەشكىل قىلىدىكەن.

خىتايدا تاماكا چەككۈچىلەر ياش جەھەتتە بارغانسېرى تۆۋەنلىشىشكە قاراپ ماڭغان

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا تاماكا چېكىدىغانلار سانى 350 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، يېشى 15 ياشتىن يۇقىرىلار 36% نى ئىگىلىگەن. مەزكۇر مەلۇماتتا يەنە، ھازىر خىتايدا ھەر يىلى تاماكا چەككەنلىكتىن ئۆلىۋاتقانلارنىڭ سانى 1 مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكى شۇنداقلا 2020 ‏- يىلىغا بارغاندا، خىتايدا ھەر يىلى ئاز دېگەندە 2 مىليون كىشى تاماكا چەككەنلىكتىن ئۆلىدىغانلىقى پەرز قىلىنغان.

خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى تاماكا چەككۈچىلەر ياش جەھەتتە بارغانسېرى تۆۋەنلىشىشكە قاراپ ماڭغان بولۇپ، 15 ‏ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ ماڭغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا، زىيالىيلار كۆپ ساننى ئىگىلىگەن بولۇپ، دوختۇر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى 50% تىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي دۇنيا بويىچە ئەر دوختۇرلار تاماكا چېكىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن شۇنداقلا خىتايدا سېتىلىۋاتقان تاماكا دۇنيادا ئىستىمال قىلىنىۋاتقان تاماكىنىڭ 3 تىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە چېكىملىككە بېرىلىش ئېغىر

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە 6 مىليون ئەتىراپىدىكى كىشىلەر تاماكا چېكىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسنىڭ 30% دىن ئارتۇقىنى ئىگىلەيدىكەن شۇنداقلا تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ نىسبىتى خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. بولۇپمۇ يېتىلىۋاتقان بالىلار ئارىسىدا، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان. ھەمدە بىر قىسىم ياشلار ئادەتتىكى تاماكىدىن زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە ئۆتكەن.

يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر ياش ئۆزىنىڭ ئىلگىرى تاماكىغا ئىنتايىن بېرىلگەنلىكىنى لېكىن ئامېرىكىغا كېلىپ ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن تاماكىنىڭ ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇنى ئۈزۈل - كېسىل تاشلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ياش يىگىت يەنە ھازىر ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پەقەت ئادەتتىكى تاماكىلا ئەمەس بەلكى خېروئىن يەنى ئاق تاماكىغىمۇ بېرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ھالەتتىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر رايوندىكى تاماكا چەككۈچىلەر سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىلىدا 7 مىليارد 157 مىليون يۈئەن يەنى تەخمىنەن900 مىليون دوللار تاماكا چېكىشكە سەرپ قىلىنىدىكەن، شۇنداقلا تاماكا چەككۈچىلەر ئارىسىدا پەيدا بولۇۋاتقان تۈرلۈك ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەر تۈرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.