2007 - يىل 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى دۇنيانىڭ تاماكىدىن خالى كۈنى

0:00 / 0:00
Smoke-Result-200.jpg
ھىدىستاندا تاماكىغا قارشى پائالىيەت. World No Tobacco day in Mumbai, 31 May 2007 / AFP PHOTO/ Indranil MUKHERJEE

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسى بۇيىچە، بۈگۈن 2007 ‏- يىل 5 ‏- ئاينىڭ 31 ‏- كۈنى دۇنيانىڭ تاماكىدىن خالى كۈنى. مۇشۇ كۈندە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتنى ئاشخانا، قاۋاق، سودا سارىيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىمارەت ئىچىدىكى ئاممىۋىي سورۇنلار ۋە ئىش ئورۇنلىرىدا تاماكا چېكىشنى چەكلەشكە چاقىردى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، خەلقئارادىكى ھەر قايسى ئۇچۇر ۋاستىلىرى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ھەققىدىكى مەنپەئەتلىك ئۇچۇرلارنى تەقدىم قىلدى. بۇ ئۇچۇرلار ئىچىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى دۇنيادا زەھەرلىك چېكىملىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىرىدىغان 'يېڭى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك' پەيدا بولدى، دەپ كۆرسەتكەنلىكى ۋە ھىندۇنېزىيىدە مەخپىي زەھەرلىك چېكىملىك زاۋۇتى قۇرغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازالانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئالاھىدە ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.

تاماكا چەكلەشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرىنى رەت قىلىپ بولمايدۇ

تاماكا چەكلەشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرىنى رەت قىلىپ بولمايدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ماتېرىياللاردا بايان قىلىنىشىچە، تاماكا ئىسىنىڭ تەركىبىدە 4 مىڭ خىلدىن ئارتۇق خېمىيىلىك ماددا بار. بۇنىڭ 50 نەچچە خىلى بىۋاستە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئۇزۇن مۇددەت تاماكا ئىسى بار مۇھىتتا ياشىغان كىشىلەر ئاسانلا يۈرەك، قان تومۇر ۋە نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ.

جەنۋەدە ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكا مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ياۋروپادا ھەر يىلى ئاز دېگەندە 200 مىڭ خىزمەتچى چېكىلگەن تاماكىنىڭ ئىسىدا زەھەرلىنىپ پەيدا بولغان كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

پۈتۈن دۇنيادىكى تاماكا بەڭگىلىرىنىڭ ئۈچتەن بىر قىسمى خىتايدا

SmokeHand-150.jpg
تاماكا قالدۇقلىرى قۇتىسى ashtray, 31 May 2007, in Strasbourg, eastern France / AFP PHOTO FREDERICK FLORIN

خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 ‏- يىلى ئېلان قىلغان تاماكا ۋە سالامەتلىك ھەققىدىكى دوكلاتتا، خىتايدا ھەر كۈنى تەخمىنەن 350 مىليون ئادەم تاماكا چېكىدىغانلىقى؛ پۈتۈن دۇنيادىكى تاماكا مەھسۇلاتىنىڭ ئۈچتەن بىر قىسمى خىتايدا سېتىلىدىغانلىقى؛ ھەر كۈنى 9 يۈز مىليون ئادەم تاماكا ئىسىغا دۇچ كېلىدىغانلىقى؛ ھەر يىلى تەخمىنەن بىر مىليون ئادەمنىڭ تاماكا ئىسىدا زەھەرلىنىپ گىرىپتار بولغان كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ % 80 ئى باشقىلار چەككەن تاماكىنىڭ ئىسىدا زەھەرلەنگەن كىشىلەر ئىكەنلىكى؛ 1980 ‏- يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، خىتايدا ھازىرقى تاماكا بەڭگىلىرى 22 ياشلىقلاردىن 19 ياشلىقلارغىچە كېڭەيگەنلىكى؛ ھەتتا 150 مېتىر ئەتراپىدا بىر تاماكا ساتىدىغان دۇكان بار باشلانغۇچ مەكتەپلەر % 25 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيادا 'يېڭى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك' پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسەتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى، ھازىر دۇنيادا زەھەرلىك چېكىملىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىرىدىغان 'يېڭى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك' پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇرۇن تايلاند، بېرما چېگرىسىدىكى مەلۇم بىر رايون ئەپيۇن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك' دەپ ئاتىلاتتى.

ھازىر ئافغانىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ئەپيۇن مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەپيۇن مەھسۇلاتىنىڭ % 90 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئافغانىستاندا قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىلغان ئەپيۇن مەھسۇلاتلىرى پاكىستان، ئىران ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە سېتىلىدىغان 'سودا يولى' ھازىر دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك يولى بولۇپ قالدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ بايان قىلىنىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، چېگرىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى بىلەن يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىران ساقچىلىرىنىڭ سانىلا 3500 گە يەتكەن.

بۈگۈن ھىندۇنېزىيىدە مەخپىي زەھەرلىك چېكىملىك زاۋۇتى قۇرغان بەش نەپەر خىتاي جىنايەتچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

Smoke-200.jpg
سۇدان بالىلىرى تاماكىغا قارشى پائالىيەتتە. No-Smoking Day in Khartoum airport, 31 May 2007 / AFP PHOTO/ISAM AL-HAJ

بۈگۈن ئېلان قىلىنغان يەنە بىر مۇھىم خەۋەر شۇكى، ھىندۇنېزىيىدە مەخپىي زەھەرلىك چېكىملىك زاۋۇتى قۇرغان بەش نەپەر خىتاي جىنايەتچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مەخپىي زەھەرلىك چېكىملىك زاۋۇتىنى قۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ سالغان بەش نەپەر خىتايدىن باشقا يەنە، بۇ مەخپىي زاۋۇتنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەن بىر نەپەر فرانسىيىلىك ۋە بىر نەپەر گوللاندىيىلىككىمۇ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.

ھىندونېزىيە تەپتىش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇر 11‏- ئايدا جاكارتا شەھىرىنىڭ غەربى تەرىپىدە چارلاش ئېلىپ بېرىلغاندا، بىر نوقتىدىنلا 100 كىلوگرام 'مۇز' دەپ ئاتىلىدىغان خېمىيىلىك بىرىكمە ئەنفىتامىن' تابلىتكىسى مۇسادىرە قىلىنغان. كانادا ساقچى ئورگانلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، نەششە ھېلىمۇ دۇنيادا قانۇنسىز زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ بىر خىلى دەپ ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ھازىر ئەنفىتامىن تابلىتكىسى ۋە 'گىلدىڭباش كۇمۇلىچى' دەپ ئاتىلىدىغان ئېستاسي كۇمۇلىچى' ئەتكەسچىلىكى تېخىمۇ بەك ئەۋج ئالغان.

359 ‏- بېرىگادىنىڭ ئەپيۇن تېرىش ئەنئەنىسى

بۈگۈن 'گۇگۇل تور بېتى' دىن تېپىلغان زەھەرلىك چېكىملىك ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1941 ‏- يىلىدىن 44 ‏- يىلىغىچە يەنئەندە ئەپيۇن تېرىپ زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

ئەينى ۋاقىتتا ئەپيۇن تېرىغان ئاساسى قوشۇن ۋاڭ جېن، ۋاڭ ئىنماۋلارنىڭ 359 ‏- بېرىگادىسى. ماۋزېدۇڭ بۇ خىل تىجارەتنى ئىنقىلابى ئەپيۇن ئۇرۇشى' دەپ ئاتىغان. "ۋاڭ ئىنماۋ خاتىرىلىرى"دە، بۇ خىل تىجارەتتىن مەنپەئەت كۆرگەن يەنئەن پارتىيە مەكتىپىدە تۇرمۇش ياخشىلىنىپ، ھەر ۋاخ تاماقتا بىرنەچچە خىل گۆشلۈك كۆكتات قورۇمىسى ۋە شورپا، ھەتتا خىلمۇ-خىل مېۋە تەييار ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەسۋىرلەنگەن. بۇ قوشۇن ئەپيۇن تېرىش ئەنئەنىسىنى شىنجاڭغا ئېلىپ بارغان. (ۋەلى)