گەنجياڭ ئىنستىتۇتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تاماق تاشلىدى
2007.05.17
خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرىگە جايلاشقان گەيجاڭ كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتۇتى تەييارلىق سىنىپلىرىدا ئىككى مىڭ ئەتراپىدا خىتايدىن باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇيدۇ. 2003 - يىلىدىن باشلاپ بۇ مەكتەپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس مۇسۇلمان ئاشخانىسى تەسىس قىلغان بولسىمۇ يېقىندىن بۇيان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ، مەكتەپ مۇسۇلمان ئاشخانىسىنىڭ تاماقلىرىنىڭ مۇسۇلمانچە ئۆلچەمگە يەتمەيدىغانلىقىدىن نارازى بولۇپ كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ھەم قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىر كۈن تاماق تاشلاپ مەكتەپكە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
مەكتەپ مۇسۇلمانلار ئاشخانىسىنىڭ تاماقلىرى گۇمانلىق
گەنجياڭ كەسپى تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي تىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر مەزكۇر مەكتەپتە ئۇيغۇر ئېلىدىن قوبۇل قىلىنغان مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قازاق ئوقۇغۇچىلار بولۇپ ،ئۇلار 5 - ئاينىڭ16 - كۈنى مەكتەپ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىنىڭ تامىقىنىڭ مۇسۇلمانچە ئۆلچەمگە يەتمەيۋاتقانلىقىدىن نارازى بولۇپ، بىرلىكتە بىر كۈن تاماق تاشلاش ئارقىلىق مەكتەپ رەھبەرلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مۇسۇلمان ئاشخانىسى تاماقلىرىنىڭ سۈپىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان . مەكتەپ رەھبەرلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى ۋاقتىنچە ۋەدە بىلەن بېسىقتۇرغان. گەرچە بۇ نارازىلىق پائالىيىتى مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر كۈن داۋاملاشقان بولسىمۇ ئەمما بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئاخبارات ياكى مائارىپ تور بەتلىرى مەلۇمات ئېلان قىلمىدى.
گەيجاڭ كەسپى تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مەخسۇس تور بېتىدىكى مەكتەپ خەۋەرلەر سەھىپىسىدىمۇ بۇ توغرىلىق ئۇچۇر تارقىتىش چەكلەنگەن. ۋەقە بولغان كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قانچە تور بەتتە بۇ ھەقتە قىسقا ئۇچۇر بېرىلگەن بولسىمۇ بىر نەچچە سائەتكە قالماي ئۆچۈرۋېتىلدى.
مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋەقەنى ئىنكار قىلدى، ئوقۇغۇچىلار بولسا ئىقرار قىلدى
جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرىگە جايلاشقان گەيجاڭ كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتۇتى1998 - يىلى ئېچىلغان شەخسى ئىگىلىكىدىكى ئۇنۋېرسال ئالىي مەكتەپ.2003 - يىلى بۇ مەكتەپتە ئاز سانلىق مىللەت تەييارلىق سىنىپلىرى تەسىس قىلىنغان بىز بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ، مەكتەپ ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق.
تېلېفوننى ئالغان بۇ ئايال ئوقۇتقۇچى مەكتەپتە بۇنداق ئىش يۈزبەرگەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئىنستىتۇت قارمىقىدا 2006 - قوبۇل قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرس بىلەن تېخنىكوم سىنىپلىرىنى قوشقاندا جەمئىي 2800 گە يېتىدىغانلىقىنى ،ئۇلارنىڭ ياتاق ھەم تاماقخانىلىرىمۇ ئايرىم ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئوقۇ -ئوقۇتۇش ۋە باشقا مەسىلىلىرىگە مەخسۇس تەييارلىق ئوقۇتۇش بۆلۈمى مەسئۇللۇقىنى ئېيتىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى ھەققىدە مەكتەپنىڭ مەسئۇل مۇدىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىشىمىزنى سورىدى.
بىز مەكتەپ مۇدىر ئىشخانىسىغا تېلېفون ئۇلىدۇق.
گۈلچېھرە: ياخشىمۇ سىز مەن ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى، مەكتىۋىڭلاردىكى شىنجاڭلىق مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ تامىقىنىڭ مۇسۇلمانچە ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىكىدىن نارازى بولۇپ تاماق تاشلاپتىكەن، بۇ ۋەقەنى قانداق ھەل قىلدىڭلار؟
مۇدىر: بىزنىڭ مەكتەپتە بۇنداق ئىش يوق، بىز ئاڭلىمىغان يەردە سىلەر قانداق ئاڭلىدىڭلار؟ ئۇنداق ئىش يوق.
گۈلچېھرە: سىلەرنىڭ مەكتەپتە شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بارمۇ؟
مۇدىر: شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقى بار، ئۇلارنىڭ ئايرىم مۇسۇلمانچە ئاشخانىسى بار، ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىمىز.
گۈلچېھرە: ئاشخانىنىڭ ئاشپەزلىرى قەيەرلىك؟
مۇدىر: ئاشپەزمۇ ئاشۇلارنىڭ، شىنجاڭلىق. سىلەر قەيەردىن ئاڭلىدىڭلار بۇ ئىشنى، بۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى قالايمىقان ئىش يۈز بەرمىدى.
گۈلچېھرە: سىز مەكتەپنىڭ مۇدىرىمۇ؟
مۇدىر: بۇ ئىشقا جاۋاب بېرىشكە ھوقۇقلۇق كادىرمەن. سىلەر قالايمىقان تارقالغان يالغان خەۋەرنى ئاڭلاپ قاپسىلەر، مەكتىۋىمىزدىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ ھېچ قانداق مەسىلە چىقمىدى. مەن بەك ئالدىراش.
گەرچە بۇ مۇدىر زىيارىتىمىزنى سىلىق ھالدا قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ئاخىرقى سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن تەخىرسىزلىكىنى ئىپادىلەپ "ئىشقىلىپ بۇنداق ۋەقە يۈز بەرمىدى" دېگىنىچە تېلېفوننى قويدى. بىز جىياڭشىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىگە جايلاشقان گەنجياڭ كەسپى تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تەييارلىق سىنىپ باشقۇرۇش بۆلۈمى، مۇسۇلمان ئاشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ ئالالمىغاندىن كېيىن مەكتەپنىڭ مەلۇم ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىغا تېلېفون قىلىپ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق:
تېلېفوننى ئالغان بىر خىتاي ئوقۇغۇچى بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن بولسىمۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تارقالغان پاراڭلاردىن بىلگەنلىكىنى ئېيتتى:
ئوقۇغۇچى: مەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش چىقارغانلىقىنى ئاڭلىدىم، تۈنۈگۈن 16 - چېسلا.
گۈلچېھرە: شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ سەۋەبى نېمىكەن بىلمىدىڭلارمۇ؟
ئوقۇغۇچى: ئۇلار مەكتەپنىڭ تامىقىنى قىممەت، سۈپىتى ئۆلچەمگە لايىق ئەمەسكەن دەپتىمۇ، شۇنداقراق ئاڭلىدىم. ھازىر توختاپ قالغاندەك قىلىدۇ. بىزنىڭ ياتاقلىرىمىز ئاشخانىمىزمۇ بىر يەردە ئەمەس شۇڭا ئۆزەم كۆرمىدىم. بەك تەپسىلى بىلمەيمەن.
گۈلچېھرە: مەكتەپنىڭ بۇ ۋەقەنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
ئوقۇغۇچى: ئۇنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن، ئاڭلىشىمچە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار نارازىلىقنى مەكتەپ مەسىلىنى ھەل قالمىغۇچە توختاتمايدىكەن. ھازىرچە توختاپ قالغىنى بىلەن يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن.
مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش تارىخى
بۇنىڭدىن ئىلگىرى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىگە جايلاشقان مەزكۇر گەنجياڭ كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتۇتى بىلەن نەنچاڭ كىيىم - كېچەك لايىھىلەش ئىنىستىتۇتىدا 2006 - يىلى 10 - ئايدا ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ قاتناشچىلىقىدا، ئىنتايىن كەڭ كۆلەمدە ئوقۇغۇچىلار ئىسيانى يۈز بەرگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىككى شەخسى مەكتەپنىڭ ئالىي تېخنىكوم كەسپى دېپلومىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى بايقىغان ئوقۇغۇچىلار، دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ يىغىلىش ئۆتكۈزگەن ھەمدە بۇ ھەرىكەت تېزدىنلا ئىسيانغا ئايلانغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە دائىرىلەرنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملارنى يۆتكەپ كېلىپ ئىسياننى باستۇرماقچى بولغاندا ، ساقچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ يىگىرمىدەك كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. شۇنداقلا مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا ئەينى ۋاقىتتا شۇ ئىككى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىككى مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قاتناشقانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
مەركىزى خوڭكوڭدىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە مەركىزى شۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ئىسيانىدىن كېيىن بەش نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ، مەكتەپنىڭ ئىنتېرنېت ، تېلېفون ئالاقىسى ۋاقتىنچە ئۈزۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىز ، ئۇيغۇر ئېلى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىننىي ۋە مىللىي ئۆرۈپ ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلماي تاماقلىرىنىڭ مۇسۇلمانچە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلمىغانلىقىدىن نارازى بولۇپ 16 - ماي چارشەنبە ئېلىپ بارغان، تاماق تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە ،نەنچاڭدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشقان بولساقمۇ ، ھازىرغا قەدەر ئۇلاردىن بىۋاستە ئۇچۇر ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.
ئەسكەرتىش: گەنجياڭ ئىنستىتۇتىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق مەلۇمات يەتكۈزىشىنى سورايمىز. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى " شىنجاڭ " سىنىپلىرىنى بارغانچە كېڭەيتمەكتە
- ئولىمپىك مۇراسىمى يېقىنلاپ كەلمەكتە، خىتايدا ناميىش - قوزغىلاڭ قىستاپ كەلمەكتە
- دېمۇكىراتىيە ۋە نامايىشلار ھەققىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە سىياسىي ئىدىيىۋى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا
- كانادانىڭ ۋاڭكوۋېر شەھىرىدىكى تىبەتلەر نامايىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
- خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىش - خىتاينىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى خىتايچە ئوقۇتىدىغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلەش كۆلىمىنى يەنە بىر قەدەم كېڭەيتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا خىتايچە مائارىپنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بارماقچى
- رابىيە قادىر خانىم تورونتودا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتمەكچى
- تۈركىيىدە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى ۋە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىلدى