تارىم دەرياسىنىڭ ھازىرقى ئىكولوگىيىلىك بارغانسېرى ناچارلاشماقتا
2005.08.02
ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق مەنبىئى ۋە مەدەنىيەت بۆشۈكى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن تارىم دەرياسى ئاسىيا بويىچە بىرىنچى ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولۇپ، قەشقەر خوتەن، كۆسەن، كىرورەندەك قەدىمى شەھەرلەر ئۇنىڭ كەڭ ساھىللىرىغا جايلاشقان ھەمدە مىليونلىغان خەلق، ھېسابسىز ھايۋان، چەكسىز ئورمان - ئوتلاق ۋادىلىرى بۇ ئانا دەريادىن سۇ ئىچىپ، ھاياتلىق دۇنياسىنى بەرپا قىلىپ كەلگەن.
"يېشىل كارىدورلار" يوقىماقتا
ئاقسۇ دەرياسى، خوتەن دەرياسى ۋە زەرەپشان دەريالىرىنىڭ ئېقىنلىرى قوشۇلۇپ ھاسىل بولغان بۇ دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمى 2437 كىلومېتىر بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا نۇرغۇنلىغان توغراق ئورمانلىقى ئارقىلىق "يېشىل كارىدورلار" نى شەكىللەندۈرگەن.
لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يەردىكى توغراق ئورمانلىقى يىلدىن - يىلغا قۇرۇپ تۈگەۋاتقانلىقتىن، "يېشىل كارىدور" ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي ئېكولوگىيىسىنى ساقلىيالماي، يوقاپ كېتىش ئالدىدا تۇرماقتا. شۇنداقلا تارىم دەريا سۈيىمۇ يىلدىن - يىلغا قۇرۇپ، مەزكۇر جاينىڭ مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇھىت تەتقىقاتچىسى سادىر ئەپەندى تارىم دەرياسىنىڭ سۇ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئىكولوگىيىلىك مۇھىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"تارىم دەرياسى ئۈچ چوڭ تارماق ئېقىندىن تەركىپ تاپقان. بۇ ئۈچ چوڭ تارماق دەريا چەرچەن دەرياسى، خوتەن دەرياسى ۋە ئاقسۇ دەرياسىدىن ئىبارەت. چەرچەن دەرياسى بىلەن خوتەن دەرياسىنىڭ سۇ مەنبەسى كۇئېنلون تېغىدىن باشلىنىدۇ. ئاقسۇ دەرياسى بولسا تەڭرى تېغىدىن باشلىنىدۇ. بۇ ئۈچ چوڭ دەريا بىر يەردە قوشۇلۇپ تارىم دەرياسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. تارىم دەرياسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىنى بويلاپ، غەربتىن شەرققە قاراپ ئاقىدۇ. لېكىن، ئېقىن مىقدارىنىڭ يىلدىن – يىلغا ئازلىشى سەۋەبىدىن، 1972-يىللاردىن باشلاپ لوپنۇر كۆلىگە سۇ يېتىپ بارالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.
يېقىندا، تەڭرىتاغ تور بېتىدە، تارىم دەرياسىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە ئۇنى ياخشىلاش ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قالايمىقان بوز يەر ئېچىش ۋە قالايمىقان سۇ ئىشلىتىش سەۋەبلىرىدىن دەريا بويىدىكى توغراقلىقنىڭ زور بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرىغانلىقى، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە "يېشىل كارىدورلار" نىڭ ھەقىقەتەن يوقاپ كېتىش گىرۋىكىگە يەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان. ھەمدە بۇ ھەقتە چوقۇم جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، يېتەرلىك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
تارىم دەرياسىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن نوپۇسنى ئازايتىش كېرەك
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇھىت تەتقىقاتچىسى سادىر ئەپەندى "تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى بۇ قەدەر بۇزۇلغان شارائىتتا، ئۇنى ئۆز ئەسىلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى تەس" دەپ تەكىتلەپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تارىم دەرياسىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلايمىز دەيدىكەن، ئالدى بىلەن شۇ جايدىكى سۇ مەنبئەسىدىن پايدىلىنىۋاتقان نوپۇس ئازايتىش كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.
تەڭرىتاغ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، تارىم دەرياسى بويىدىكى توغراق ئورمانلىقى 50 - يىللاردىكى 810 مىڭ مودىن بارغانسېرى ئازىيىپ ھازىرقى 11 مىڭ موغا چۈشۈپ قالغان. تارىم ئويمانلىقىدىكى تەكلىماكان ۋە قومتاغ چۆللىكىنىڭ كۆپ قىسىملىرى بىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئارىلىقتىكى 218 - نومۇرلۇق دۆلەت تاش يولىنىڭ كۆپ قىسمى قۇم ئاستىدا قالغان.
تارىم دەرياسىغا سۇ قويۇپ بېرىش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ
تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر ھەققىدىكى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 50 - يىللاردىن بېرى، تەخمىنەن 10 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى يېشىل يېپىنچە ئۈسۈملۈكلىرى 2 كىلومېتىر ئارىلىققا چۈشۈپ قالغان. يېشىل كارىدوردىكى توغراقلىق ئورمان پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ كەتكەن. 1321 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى غول ئېقىن بىنەملەرگە سۇ باشلاش سەۋەبىدىن 300 كىلومېتىر قىسقىراپ كەتكەن.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا يەنە، دۆلەتنىڭ 2 - لىنىيە چوڭ يولى يەنى 218 - نومۇرلۇق دۆلەت تاش يولىنىڭ چەرچەن ۋە كورلا ئارىسىدىكى 160 كېلو مېتىرلىق قىسمىنىڭ قۇملۇق ھوجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ھەمدە 100 پارچە قۇملۇقنىڭ بىر -بىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 - يىلىدىن بۇيان، تارىم دەرياسىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلايمىز دەپ، تارىم دەرياسىغا سۇ قويۇپ بېرىش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان.
تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2004 - يىلىغا قەدەر، تارىم دەرياسىغا 7 قېتىم سۇ سېلىنغان بولۇپ، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئاز- تولا ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭغان. لېكىن مۇھىت تەتقىقاتچىسى سادىر ئەپەندى : " تارىم دەرياسىنى ھەرگىزمۇ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولمايدۇ " دەپ قارىغان. (مېھرىبان)
مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسى
- كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئاساسىي مەنبەسى
- ئۈرۈمچىدىكى شىمىگو دەرياسى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانماقتا
- "غەربنى ئېچىش" سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە
- خىتاي ھەم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2004 - يىللىق مۇھىت دوكلاتى ئېلان قىلىندى
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا