تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟(2)


2006-02-02
Share

2003-يىلى 13-سېنتەبىر كۈنى بۈگۈر ناھىيىسىدىكى بىر نېفىتلىكتە تارتىلغان رەسىم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى قالايمىقان ئېچىپ ئىچكىرىگە يۆتكەش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كەڭ كۆلەمدە يۆتكەش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا. AFP

تارىم دەرياسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى 9 چوڭ دەريا 144 ئۆستەڭ ئېقىنلارنىڭ سۇ مەنبەسى. ئۇ ئۆز باغرىدا يەتتە يېرىم مىليوندىن كۆپ خەلقنى باقىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىگە جان بېرىۋاتقان بۇ ئانا دەريادا نۆۋەتتە يىلدىن‏- يىلغا سۇ ئازلاپ، بارغانچە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندەك ئالامەتلەر كۆرۈلمەكتە.

ئانا دەريانىڭ زارى

تارىم ۋادىسىدىكى دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسىرلەر بويى دولقۇنلاپ كەلگەن تارىم دەرياسىنىڭ ھېچقاچان سۈيىنىڭ توختاپ قالغىنىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇپ، بۇ پەسىللىك دەريا، ئەتىياز، كۈز پەسىللىرى سۇيى ئەۋجىيدىغان قىش پەسلىدىمۇ سۇيى ئۈزۈلمەي تىنىچ ئاقىدىغان دەريا ئىدى.

بىراق يېقىنقى يىللاردىن بېرى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، دەريادىن ھەر خىل ئۆستەڭلەرنىڭ ئايرىلىشى، سۇ ئامبارلىرىنىڭ قۇرىلىشى، دەريا ۋادىسىدا توختىماي بوز يەرلەرنىڭ ئېچىلىپ، نەچچە يۈز كىلومېتىرغا سوزۇلغان قەدىمىي ھەم تەبىي ئورمانلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى بارغانچە ئازلاپ ھەتتا بەزىدە پەقەتلا سۇ ئاقماس بولۇپ قالغان.

تارىم دەرياسىغا نېمە بولدى؟ بۇ دەريا يەنە دولقۇنلىنارمۇ؟ ئۇنىڭدا ھاياتلىق سۇلىرى يەنە ئىلگىرىكىدەك مەۋج ئۇرارمۇ؟ بۇ مەسىلىلەر مۇشۇ دەرياغا تايىنىپ ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن دېھقانلارنى تەشۋىشلەندۈرگەن بولسا، قىسقىغىنە بىر نەچچە ئون يىل ئىچىدە تارىم ئېكولوگىيىسىدە يۈز بەرگەن ئەجەللىك ئۆزگۈرۈشلەر ئېكولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى ئويلاندۇرماقتا ئۇلار بۇ يەر شارىدا 68 مىليون يىللاردىن بېرى ساقلانغان توغراققا ئوخشاش قەدىمىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادىن قۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىدا ئەندىشىگە چۈشمەكتە.

غەربنى ئېچىش بۇزغۇنچىلىقى

مۇتەخەسسىسلەر شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تارىم دەرياسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن سۈيى ئازلاپ تۆۋەنكى ئېقىمىدا سۇ ئۈزۈلۈش ھادىسىسى كۆرۈلۋاتقانلىق سەۋەبىنى ئېنىقلاپ بىلگىنىگە 10 يىللار بولدى. ھەتتا تارىم دەرياسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ جايدا بوز يەر ئېچىشنى توختىتىش، سۇ بايلىقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشقا يول قويماسلىق، تارىمنى تۈزەش قۇرۇلۇشى قىلىشقا ئوخشاش بەلگىلىمە ھەم سىياسەتلەر بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

... لېكىن ئوتتۇرا ھەم يۇقىرى ئېقىنلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتقاندا، تۆۋەنكى ئېقىمنىڭ بەدەل تۆلىشىگە توغرا كېلىدۇ. بۇنداقچە ئېيتسام راسلا بىر بىرىگە زىددىيەتلىك مەسىلىدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما تۆۋەندىكى ئېقىندىكى بىر پارچە يەرنىڭ ئېكولوگىيىسىنى دەپ يۇقىرى ئېقىندىكى بۇنچە كۆپ نوپۇسنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ؟

ئەمما بۇ تارىمنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتىشىغا قانچىلىك رول ئوينىدىمۇ؟ بۇ نامەلۇم. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تارىم دەرياسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 1300 كىلومېتىر بولۇپ تۆۋەنكى ئېقىنى 300 كىلومېتىر ئەتراپىدا. تارىم دەرياسى سۇ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تارىم دەريا ۋادىسىدا 42 ناھىيە، جەمئىي 55 بىڭتۇەن پولكلىرى بار بولۇپ، 1970 يىللاردىن بۇيان تارىم دەريا سۈيىنىڭ ئىشلىتىلىشى 10 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى ئىگىلىۋالغان بىڭتۇەن پولكلىرى يىللاردىن بېرى تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ھەددى- ھېسابسىز ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپمۇ غەربنى ئېچىش بورىنى بىلەن كەلگەن بوز يەر ئاچقۇچىلار يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان تارىم دەرياسىدا قانۇنغا خىلاپ ھالدا تېخىمۇ زور بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ بارغان.

مەسىلەن 2004 - يىلى 24 - مايدا تەڭرىتاغ تور بېتىدە تارىم دەريا ۋادىسىدا 3000 مو يەرنىڭ قانۇنسىز ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە 2000 - يىلىدىن بۇيانلا تارىم دەريا ۋادىسىدا 189 مىڭ مو بوز يەر يېڭىدىن ئېچىلغان بولغاچقا تارىم دەرياسى ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغان. 1958 - يىلىدىن ھازىرغا قەدەر 28 مىڭ گېكتار توغراقلىق ۋەيران قىلىنغان. تارىم دەرياسىنى قۇتقۇزۇش ئۇنىڭغا تايىنىپ ھايات كەچۈرۈۋاتقان ئىنسان ھەم جانلىق شۇنداقلا بۇ تۇپراقنى قۇتقۇزغانلىق بىلەن تەڭ.

تارىم دەرياسىنىڭ مۇھىم باش ئېقىنلىرىدىن ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسىدا 2001 - يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ئېچىلغان بوز يەر 102 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ 30 مىڭ موغا يېقىنىنى يەرلىك ئىگىلىگەن بولسا 80 مىڭ مودىن كۆپرەكىنى خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى -1 دېۋىزىيىسى ئىگىلىگەن. كىشىنى چۆچۈتكىدەك بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېلان قىلدى. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۇ تارىخقا ۋاقتىدا خاتىمە بەرمىدى؟ نېمە ئۈچۈن تارىم دەرياسىنىڭ شۇنداقلا تارىم ۋادىسىنىڭ بۇنچە ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرۇشىغا قاراپ تۇردى؟

بىڭتۇەن كادىرى بىلەن سۆھبەت

يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان بوز يەر ئېچىش تېز بولۇپ كەتتى. شۇڭا تارىم دەرياسىدىمۇ سۇ بىر ئاز جىددى بولۇپ قالدى.

بۇلارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن بىز تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىنلىرىنى ئىگىلەپ ياتقىنىغا 50 يىلدىن ئاشقان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدىن 6 - پولكىنىڭ سۇ باشقۇرۇش ئورنىغا تېلېفون قىلدۇق. 6 - پولكىنىڭ سۇ باشقۇرۇش كادىرى گاۋ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، "تارىم دەرياسىنىڭ مەسىلىسى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەت توقۇنىشىغا تاقىشىدىغان مەسىلە" دەپ كۆرسەتتى.

‏‏- مەن مۇشۇ پولكىنىڭ باش سۇ باشقۇرغۇچى كادىرى. بىز 6 - پولكمۇ تارىم دەريا ۋادىسى ھېسابلىنىمىز، لېكىن بىز يۇقىرى ئېقىمىدا ئاقسۇ دەرياسى بىزدىن ئۆتىدۇ. پولكىمىز دېھقانچىلىققا تايىنىدۇ، بىز ئاساسەن تارىم سۈيى بىلەن ئېتىزلىرىمىزنى سۇغىرىمىز. - تۆۋەنكى ئېقىندا ھازىر سۇ توختاپ قاپتۇ سىلەردە سۇ بارمۇ؟ - بىزدە سۇ بارغۇ، تارىم دەرياسىدا ھېچقاچان سۇ توختىمايدۇ، قىشتىمۇ ئاقىدۇ. تۆۋەنكى ئېقىمدا سۇ توختاپ قالدى. شۇڭا سۇ ئىشلىتىغان ئورۇنلاردا ئازراق سۇ يېتىشمەسلىك بار. ھازىرچە بىزنىڭ پولكقا ئانچە ئېغىر تەسىرى يوق. ئەمما ھۆكۈمەت ھازىر تارىم دەرياسىنى ئۆرگەرتىش سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى قىلىۋاتىدۇ. - بىز بۇرۇن پەقەتلا ئارپا، سەي كۆكتات مىۋىلەرگە ئوخشاش كۆپرەك سۇغىرىلىدىغان زىرائەت تېرىلغۇلارنى تېراتتۇق. ھازىر بەزى كېۋەز بۇغدايغا ئوخشاش زىرائەتلەرنىمۇ تېرىيدىغان بولدۇق. - تارىم دەرياسىدىن بىڭتۇەندە قانچىلىك ئادەم تارىم سۈيىگە تايىنىدۇ؟ ‏ -‏ تارىم ۋادىسىدا -1 دىۋىزىيىسىنى ئالساق 20 پولكتا جەمئىي 300 مىڭ نوپۇس تارىمنىڭ سۈيىنى ئىچىدۇ. يەرلىكلەر ئاساسەن تۆۋەنكى ئېقىنىدا، ئانچە بىلمەيمەن. ‏ - ھۆكۈمەتتىن نۆۋەتتە تارىم ۋادىسىدا بوز يەر ئېچىشنى توختىتىش ھەققىدە بەلگىلىمە چۈشۈپتۇ، بوز يەر ئېچىش پۈتۈنلەي توختىتىلدىمۇ؟ ‏ - شۇنداق، ئەمما ئېھتىياجغا ئاساسەن يەر ئاستىدىن قۇدۇق كولاپ دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن يەنە بوز يەر ئېچىش ئىشلىرى ئانچە مۇنچە بار، ئەمما كەڭ كۆلەملىك بوز يەر ئېچىش توختىتىلدى. يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان بوز يەر ئېچىش تېز بولۇپ كەتتى. شۇڭا تارىم دەرياسىدىمۇ سۇ بىر ئاز جىددى بولۇپ قالدى. ‏- بىلىشىمىزچە بىڭتۇەننىڭ كەڭ كۆلەمدە بوز يەر ئېچىش ھەرىكەتلىرى، سۇ ئامبارلارنى قۇرۇشى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيىسىگىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىپتۇ، بۇ مەسىلىلەر ئىلگىرى قىياس قىلىنمىغانمۇ؟ ‏- يېقىنقى يىللاردا بوز يەر ئېچىش ھەقىقەتەن زور بولۇپ كەتتى، دەريانىڭ سۇ مەنبەئەسىمۇ بېسىمغا ئۇچرىدى. لېكىن مېنىڭچە مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلمىدى ئەكسىچە بىز قۇرۇق چۆللۈكنى ئېچىپ ئۇ يەرلەرنى كۆكەرتتۇق. ‏- ئەمما بوز يەر كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىپ سۇ مەنبەسى ھەددى ھېسابسىز ئىشلىتىلگەچكە تۆۋەنكى ئېقىندا، يەنى يەرلىكلەر ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىلار ھەمدە سۇ يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىپتۇ، ھەتتا دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ھەمدە ھاياتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراۋېتىپتۇ بۇ مەسىلە سىلەرنىڭ بوز يەر ئېچىش ھەرىكەتلىڭلارنىڭ تەسىرىدىن ئەمەسمۇ؟

ئۇ بۇ سوئالىمغا كۈلكە ئارىلاش چۈشىنىكسىز پوزىتسىيە بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

‏- توغرا يۇقىرىقى ئېقىمىدا سۇنىڭ ئىشلىتىلىشى بىر قەدەر جىددى بولغاچقا، تۆۋەنكى ئېقىمىدا سۇ ئۈزۈلۈش شۇ سەۋەبلىك توغراقلىقلار قۇرۇشقا ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلدى. لېكىن ئوتتۇرا ھەم يۇقىرى ئېقىنلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتقاندا، تۆۋەنكى ئېقىمنىڭ بەدەل تۆلىشىگە توغرا كېلىدۇ. بۇنداقچە ئېيتسام راسلا بىر بىرىگە زىددىيەتلىك مەسىلىدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما تۆۋەندىكى ئېقىندىكى بىر پارچە يەرنىڭ ئېكولوگىيىسىنى دەپ يۇقىرى ئېقىندىكى بۇنچە كۆپ نوپۇسنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايمىز، كىرىمىنى ئۆستۈرىمىز دەيدىكەنمىز قايسى تەرەپنىڭ ئېغىر توختايدىغانلىقى توغرا دەڭ سالمىساق بولمايدۇ. - ئۇنداقتا تۆۋەنكى ئېقىمدىكى يەرلىك دېھقانلار قانداق قىلىدۇ، ئۇلار داۋاملىق بەدەل تۆلىشى كېرەكمۇ؟ - ھازىر شۇ مەسىلە، يۇقىرى ئۇتتۇر ئېقىمدا سۇنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەنكى ئېقىمغا سۇ قالمايۋاتقان گەپ. ئەلۋەتتە تۆۋەنكى ئېقىمدىكى دېھقانلارغا تەسىر قىلىدۇ، ئەمدى بۇ مەسىلىنى ھۆكۈمەت سىياسەتتە تەڭشىشى كېرەك. بەلكىم باج ۋە باشقا ھەق ئېلىشتا ئېتىۋار بېرىش ئارقىلىق تەڭشىسە قانداقكىن؟ بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەككى مەنمۇ بىلمەيمەن. بۇ بەك زىددىيەتلىك مەسىلە. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت