تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى بوستانلىقلارنىڭ قۇملىشىش ۋە شورلىشىش دەرىجىسى ئېغىرلاشماقتا

ئۇيغۇر ئېلى ئېكولوگىيىسىنىڭ ناچارلىشىشىغا تارىم دەريا ۋادىسىدىكى بوستانلىقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن دەپ قارالماقتا ئىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ قۇملىشىش ۋە شورلىشىش دەرىجىسى يېقىنى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ ئېغىرلاشقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.06.29
Tarim-deryasi-we-orman-qum-chol-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﺩﻩﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

تارىم دەرياسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دەريالارنىڭ بىرى. تارىم دەرياسى خىتايدىلا ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالارنىڭ بىرى ئىدى. ھالبۇكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن باشلاپ، دەريا بويلاپ ئېچىلغان زور كۆلەمدىكى بوز يەر، دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا قۇرۇلغان سۇ ئامبارلىرى، تارىم نېفىتلىكىدىن قېزىلىۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن دەريا ۋادىسىدىكى بوستانلىقلار ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن.

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1950 - يىللاردا دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1300 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ 1970 - يىللىرىغا كەلگەندە قىسقىراپ 900 كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا ئېقىپ كېلىدىغان سۇ 1 مىليارد 230 مىليون كۇب لىتىر بولغان بولسا، 70 - يىللاردا 670 مىليون كۇب لىتىرغا، 1993 - يىلىغا كەلگەندە بولسا 120 مىليون كۇب لىتىرغا چۈشۈپ قالغان. ھالبۇكى بۇ ئازغىنا سۇمۇ بىڭتۇەننىڭ دەريا ۋادىسىغا قۇرغان 14 كۋادرات كىلومېتىرلىق داشىخەي سۇ ئامبىرىغا كىرگۈزۈلۈپ، دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان300 كىلومېتىر دائىرىدىكى جايلارغا سۇ يەتكۈزۈلمەيدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.

نەتىجىدە تۆۋەن ئېقىمىدىكى تېرىلغۇ يەرلەر قۇملىشىپ ۋە شورلىشىپ بوستانلىق دائىرىسى بارغانچە تارىيىپ ماڭغان. تارىم دەريا ۋادىسىدىكى 240 مىڭ گېكتار يەردىكى توغراق قۇرۇپ كەتكەن. يۇلغۇن، سۆك - سۆك ۋە چۈچۈكبۇيا قاتارلىق چۆل ئۆسۈملۈكلىرىمۇ بارغانچە ئازىيىپ، دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمى چۆللىشىشكە يۈزلەنگەن.

بۈگۈن، تەبىئىي جۇغراپىيە دوكتورى مۇختەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇختەر ئەپەندى 1993 - يىلدىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىم دەريا ۋادىسىدىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە 1997 - يىلى ياپونىيە رىسشو ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەبىئىي جۇغراپىيە ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.

مۇختەر ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا، تارىم دەريا ئېقىنى بويىدىكى شورلىشىش ھەم قۇملىشىشىنىڭ دەرىجىسى قانچىلىك؟ 1950 - يىللاردىكى تارىم ۋادىسىنىڭ ئەھۋالى قانداق ئىدى؟ ھازىرچۇ؟ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاساس قىلغان، بىڭتۇەن دەريا ئېقىمىنى ئىگىلىگەندىن بۇيان، قانچىلىك بوستانلىق چۆللىشىپ كەتتى؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.