يىپەك يولىدىكى سىر -- تارىم موميالىرى ئامېرىكىدا كۆرگەزمە قىلىندى

تارىم موميالىرى ئۇيغۇرلارغا دائىر ئەڭ مۇھىم ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئارخېئولوگلار تارىم موميالىرىغا 20 ‏- ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ سىرلارنىڭ بىرى دەپ قاراپ كەلگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تارىم موميالىرىنى ئامېرىكىدا كۆرگەزمە قىلىش ئامېرىكا مۇزىيلىرى ئۇزۇندىن بېرى قىزىقىپ كەلگەن مەسىلە ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺷﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﺘﺎﺋﺎﻧﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﯞﯦﺮﺯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻣﯘﺯﯨﻴﯩﺪﺍ 27 - ﻣﺎﺭﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﻣﻮﻣﻴﺎﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻼﻥ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺷﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﺘﺎﺋﺎﻧﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﯞﯦﺮﺯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻣﯘﺯﯨﻴﯩﺪﺍ 27 - ﻣﺎﺭﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﻣﻮﻣﻴﺎﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻼﻥ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin

ئامېرىكا مۇزىيلىرىنىڭ تارىم مومياسىنى ئامېرىكىدا كۆرگەزمە قىلىش ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى. تارىم موميالىرىنىڭ كۆرگەزمىسى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى مۇزىيدا ئۆتكۈزۈلدى.

تارىم موميالىرى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سانتائانا شەھىرىدىكى بوۋېرز مەدەنىيەت - سەنئەت مۇزىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، شەنبە كۈنى يەنى 27 - مارتتىن باشلانغان كۆرگەزمە كېلەر يىلى 6‏ - ئايغا قەدەر ئامېرىكىنىڭ بىر نەچچە شىتاتىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

"يىپەك يولىدىكى سىر-تارىم موميالىرى" دېگەن تېمىدىكى كۆرگەزمىگە قويۇلغان جەسەتلەر ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلار قەدىمقى تارىم ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئانتىروپولوگىيىلىك مۇناسىۋىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتكە ئىگە مىراستۇر.
كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سانتائانا شەھىرىدىكى بوۋېرز مەدەنىيەت-سەنئەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن تارىم مۇمىيالىرى كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان چەرچەننىڭ زاغۇنلۇق دېگەن يېرىدىن بايقالغان 8‏-10 ئايلىق بوۋاقنىڭ قۇرۇغان جەسىتى.
كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سانتائانا شەھىرىدىكى بوۋېرز مەدەنىيەت-سەنئەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن تارىم مۇمىيالىرى كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان چەرچەننىڭ زاغۇنلۇق دېگەن يېرىدىن بايقالغان 8‏-10 ئايلىق بوۋاقنىڭ قۇرۇغان جەسىتى. RFA Photo / Erkin

بۇ تارىم موميالىرىنىڭ تۇنجى قېتىم غەرب دۇنياسىدا كۆرگەزمىگە قويۇلۇشى بولۇپ، كۆرگەزمىدە كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا توغرا كېلىدىغان ئارغان دېگەن جايغا يېقىن يەردىكى كىچىك بىر ئېقىن بويىدىن تېپىلغان ئايالنىڭ جەسىتى، چەرچەننىڭ زاغۇنلۇق دېگەن يېرىدىن بايقالغان 8‏ - 10 ئايلىق بوۋاق ۋە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ تېرىم ئەتراپىدىن تېپىلغان بىر ئەر كىشىنىڭ جەسىتى قاتارلىقلار بار. كۆرگەزمىگە قويۇلغان موميالارنىڭ ئىچىدە ۋاقىت قەرەلى ئەڭ قەدىمىي موميا تەخمىنەن 3800 يىل بۇرۇن ياشىغان ئايالنىڭ مومياسىدۇر.
 
كۆرگەزمىدە زىيارەتچىلەرنىڭ پەۋقۇلئاددە دىققىتىنى قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى 3000-4000 يىل بۇرۇن دەپنە قىلىنغان مومىيالارنىڭ ئانتىروپولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ياخشى ساقلانغانلىقىدۇر. موميالارنىڭ چىراي ئىپادىسىنىڭ ناھايىتى روشەنلىكى زىيارەتچىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ قاڭشار بۇرۇن، دۈگلەك كۆزلۈك، سېرىق ياكى قىزىل چاچ، ئاقتەنلىكلەرگە خاس ئانتىروپولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى زىيارەتچىلەرنى ھەيران قالدۇردى.

تارىم موميالىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋىكتور مېيېىر كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش كۈنى زىيارەتچىلەرگە لىكسىيە سۆزلەپ، DNA تەتقىقاتىدىن موميالارنىڭ ياۋروپا ‏- ئوتتۇرا ئاسىيا ئېرقىدىكى ئىنسانلار ئارىلاشمىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ خىتاينىڭ فۇدەن ئۇنىۋېرىسىتېتى ئىلگىرى سۈرگەن كرورەن گۈزىلىنىڭ DNA سىنى تەكشۈرۈپ، جەسەتنى شەرقىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئېرقىنىڭ ئارىلاشمىسى دەپ خاتا خۇلاسە چىقارغانلىقىنى، چۈنكى بۇ خۇلاسە موميانىڭ قەبرىسىدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك بۇيۇملار ۋە جەسەتنىڭ ئانتىروپولوگىيىلىك جىسمانى ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

لېكىن پروفېسسور ۋىكتور مېيىر، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان DNA تەكشۈرۈش خۇلاسىسىنى توغرا دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئىمزا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىكتور مېيىر، "جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ ئىشنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، بىر ئاينىڭ ئالدىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈش دوكلاتىدا فۇدەن، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گېنىتىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ۋە شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىمزا بار. مەن دوكلاتتا ئىمزاسى بار بىردىن ‏- بىر چەتئەللىك. جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇ موميالار شەرقىي ئاسىيا ئىلمېنتى بار كىشىلەر ئەمەس، بەلكى ئاتا تەرەپ ئېرسىيىتىدە ياۋروپالىقلارنىڭ DNA سى، ئانا تەرەپ ئېرسىيىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ DNA سى بار بولۇپ چىقتى" دەپ كۆرسەتتى.

كۆرگەزمىگە نىيە، كۈنەس، ئاستانە قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان ھەيكەللەر، ئالتۇن تۇقا، زىبۇ - زىننەت، قوليازما ۋە تۈرلۈك يۇڭ توقۇلما بۇيۇملار قويۇلغان بولۇپ، موميالارنىڭ قەبرىسىدىن تېپىلغان بۇيۇملار يۇڭ توقۇلما، كۆرپە، چاپان، بۆك، ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرى، پىچىنە ۋە چۆچۈرىگە ئوخشاش يىمەكلىكلەر، ئىمىزگە ھەم تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى قوشقاندا،كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملار 150 دىن ئاشىدۇ.

تارىم موميالىرىنى ئامېرىكىدا كۆرگەزمە قىلىش پىكىرى 1990 ‏- يىللارنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا لوس - ئانجېلېس تەبىئەت مۇزىيى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى بىلەن توختاملاشقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تارىم موميالىرىنى ئامېرىكىدا كۆرگەزمە قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغان ئىدى.

پروفېسسور ۋىكتور مېيىر، بۇ قېتىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇيۇقسىزلا موميالارنى ئامېرىكىدا كۆرگەزمە قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىغا ھەيران قالغانلىقىنى، دائىرىلەرنى بۇنىڭغا ئۆتكەن يىلى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا ناھايىتى نازۇك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقاندا رۇخسەت قىلىشى ئۆزىگە ناھايىتى تاسادىپى تۇيۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :خىتايلار پاكىتلارنى كۆرۈپ يەتكەن بولۇشى مۈمكىن، دەپ قارايمەن. دۇنيا ھازىر موميالارنى بىلدى. موميالار ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەر ئېلان قىلىندى. بۇ ئەھۋالدا ئۇلار دائىم رەت قىلىش پوزىتسىيەسىدە تۇرالمايتتى. لېكىن بۇ كۆرگەزمىنىڭ ھازىرقى مەازگىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ 2009 ‏- يىلى 5‏ - ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مېنى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى بۇ ئىنتېرنەت توسۇۋېتىلگەن، خەلقئارا تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، شىنجاڭدا ۋەزىيەت قاتتىق كونترول ئاستىدا تۇتىلىۋاتقان، ۋەزىيەتكە ھەربىيلەر ئارلىشىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى. خىتاينىڭ 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى مەۋجۇت بۇ ۋەزىيەت ئاستىدا موميالارنى چىقىرىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ."

تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان موميالار، قەدىمقى ئاسارە - ئەتىقىلەر، قەدىمقى دەۋرگە ئائىت ئانتىروپولوگىيىلىك، ئارخېئولوگىيىلىك ئىلمىي مەسىلە بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى سىياسى ئىختىلاپلارنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىدى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت موميا ۋە ئاسىارە- ئەتىقىلەرگە ئالاھىدە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىم ئامېرىكىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان نەرسىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى سەزگۈرلىكى نامايەن قىلىنغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە قويۇلغان موميا، يازما ۋەسىقىلەر ۋە ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسى گەۋدىلەندۈرۈلمىگەن ئىدى.

بۇ ھادىسە مۇزىينى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. ئۇلار، كۆرگەزمىگە قويۇلغان موميا ۋە ئاسارە ‏- ئەتىقىلەردە قەدىمقى تارىملىقلارنىڭ ياۋروپا ئىرقىدىكى خەلقلەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسى تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى، ئىككىنچىسى، كۆرگەزمىدە بۇ رايون بۇرۇندىنلا خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدىكى رايون ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكىنى توغرا تاپمىغان ئىدى. ئىمران مەۋلان 100 كىلومېتىر يولنى بېسىپ، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش كۈنى موميالارنى كۆرگىلى كەلگەن بۇ قاراشتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرىدۇر.

قەدىمقى تارىم خەلقى كېيىنكى دەۋردە قەيەرگە غايىپ بولدى؟ ئامېرىكىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان موميا ۋە ئەسەرى -ئەسىتىقىلەردە قەدىمقى تارىملىقلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مەدىنىيەت، ئانتىروپولوگىيەلىك ۋە ئېرقىي جەھەتتىكى مۇناسۋىتىگە جاۋاپ بېرىلىمىگەن. لېكىن تارىم موميالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەجداتى ئىكەنلىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تالاش-تارتىشسىز بىر ھەقىقەت بولۇپ، مەشھۇر تارىخشۇناس تۇرغۇن ئالماس "ئۇيغۇرلار" دىگەن ئەسىرىدە بۇ مەسىلىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشقان.
 
پروفېسسور مېيىر، قەدىمقى كرۇرەن، كۆنچى دەريا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن تېپىلغان موميالارنىڭ قەدىمقى تۇخرىلار، دەپ قارايدىغان ئامېرىكا مۇتەخەسىسلىرىنىڭ بىرى. لېكىن ئۇ قەدىمقى تارىملىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ كەتكەنلىكىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېيىر بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، "ئۇيغۇرلار بىلەن تارىمدىكى دەسلەپكى ئاھالىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق ئىدى؟ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار تارىم ئويمانلىقىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇلار يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتتى. شۇڭا بىز قەدىمقى يەرلىك ئاھالىلەرنى ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار دېيەلەيمىز. ئەلۋەتتە قەدىمقى شۇ كىشىلەرنى ھازىر ياشاۋاتقان مەلۇم بىر كىشىنىڭ تۇققىنى دېگىلى بولمايدۇ. تۇخارىلار بۇنىڭدىن 1000 يىل بۇرۇن يوقاپ كەتتى.... لېكىن مەن سوغدىلار، قەدىمقى خوتەنلىكلەرنىڭ 10 ‏- ئەسىردە يوقاپ كەتكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ كەتتى.... شۇڭا كرورەنلىكلەر، كىچىك دەريالىقلار ۋە باشقا مومىيالارنىڭ قېنى ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا ئېقىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ"، دېدى.

پروفېسسور مېيىر، تارىم مومياسى ۋە ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ ئەھمىيىتىگە باھا بېرىپ، "ياۋرو - ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچ ‏- مىس قوراللار دەۋرىدىن تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا كۆچۈش جەريانى، جۈملىدىن يازما تارىخ باسقۇچىغا كۆچۈش جەريانىنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم يىپ ئۇچىدۇر"، دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت