شاڭخەيدە تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ "تارىخ" دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش بىر ياخشى باشلىنىش


2006.09.07

" خەلقئارا ئاۋانگارت مۇنبىرى" گېزىتىنىڭ 9 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىكى سانىدا بايان قىلىنىشىچە، شاڭخەيدە ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇيىل يېڭى مەۋسۇمدە ئۆزلىرىنىڭ يېڭى "تارىخ" دەرسلىك كىتابلىرىنى ئېچىپ ۋاراقلاپ كۆرۈپ، ئۇنى بۇرۇنقى "تارىخ دەرسلىكى" كىتابلىرىغا سېلىشتۇرسا، بۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ھەيران قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى يېڭىدىن تۈزىتىلگەن تارىخ" دەرسلىكىدە خىتاينىڭ تارىختىكى ھەر قايسى سۇلالىلىرى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئىنقىلاب تارىخى جەھەتتىكى مەزمۇنلار قىسقارتىلغان. ئۇنىڭ ئورنىنى ئىقتىسادىي ئىسلاھات، پەن تېخنىكا ئىسلاھاتى، جەمئىيەت ئەنئەنىلىرى، يەر شارىلاشتۇرۇش ئەمەلىيەتلىرى جەھەتتىكى بايانلار ئىگىلىگەن. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ "تارىخ" دەرسلىكىدە سوتسىيالىزم ھەققىدىكى بايانلار قىسقىغىنە بىر باپقا يىغىنچاقلانغان. 1979 ‏- يىلى خىتايدا ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشتىن بۇرۇنقى كوممۇنىزم ئىنقىلابى دەۋرى پەقەت بىر جۈملە سۆز بىلەن بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى دېڭ شاۋپىڭ دەۋرى توغرىسىدا ئاساسەن ئىقتىسادىي ئىسلاھات سۆزلەنگەن. شاڭخەيدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ "تارىخ" دەرسلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇنىڭدا خىتاينىڭ قەدىمقى سۇلالىلىرى تارىخىدىكى قاتىرىسىغا تىزىپ بايان قىلىنىدىغان "ئابىدىلەر" يوق. "چىن شىخۇاڭنىڭ كىتاب كۆيدۈرۈپ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكى" مۇ مۇھىم نۇقتا ئەمەس. ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ يېڭى مەۋسۇمدە ماركىسىزم كىتابلىرىنىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئاللىقاچان يىغىشتۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى كۆرىدۇ.

شاڭخەيدە ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قوللىنىلىدىغان "تارىخ" دەرسلىكىنىڭ مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە "يۈز يىل ئىچىدە خىتايغا كەلگەن بالايى-ئاپەت" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى سۈن ۋېنگۇاڭ ئەپەندى بىلەن شەرقىي شىمالدىكى ئەركىن يازغۇچى شى چېڭرېن ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى "تارىخ" دەرسلىك كىتابلىرىغا باشتىن ئاخىر كوممۇنىزم نەزىرىيىسى سىڭدۈرۈلگەن

سۈن ۋېنگۇاڭ ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى "تارىخ" دەرسلىك كىتابلىرىغا باشتىن ئاخىر كوممۇنىزم نەزىرىيىسى سىڭدۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي ماۋ بىلەن دېڭ سۆزلىنەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھەممىسى ئىدىئولوگىيە مەسىلىسى. ئوتتۇرا مەكتەبنىڭ دەرسلىك كتابلىرىلا ئەمەس ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىمۇ كوممۇنىستىك پارتىيىنى ياكى بىر شەخسنى "ئۇلۇق، شەرەپلىك، توغرا" دەپ ماختايدىغان سۆزلەر بىلەن تولغان. ھۆكۈمەت مۇشۇنداق دەرسلىك كىتاب ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىگە مۇشۇ ئۇقۇمنى سىڭدۈرۈشنىلا مەقسەت قىلغان.

بۇرۇنقى "تارىخ" دەرسلىكىنى ئۆگەنگەنلەر مىجەزى ئوساللىشىپ، سۈيىقەستچى، زوراۋان بولۇپ چىقىدۇ

شى چېڭرېن ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ "تارىخ" دەرسلىكىدە تارىخ ئەينەن بايان قىلىنمايدۇ. بۇنداق "تارىخ" دەرسلىكلىرى پەقەت رەھبىرى گۇرۇھلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن. "تارىخ" نى خالىغانچە "پەدەزلەپ-ياساندۇرۇپ" ياكى بۇرمىلاپ چىقاتتى. ئۇنىڭدا زوراۋانلىق جەھەتتىكى بايانلار، مەسىلەن، دېھقانلار قوزغىلىڭى ھەددىدىن زىيادە كۆپ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇلاڭچى، قاراقچى باندىتلار، خەلق ئىچىدە ئەخلاقى جەھەتتىن بۇ كىشىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئەمما دەرسلىك كىتابتا بۇنداق كىشىلەرنى قەھرىمان دەپ مەدھىيىلەيدۇ. بايان قىلىنغىنى قوزغىلاڭنىڭ ھەقىقىي جەريانىمۇ ئەمەس، بەلكى ئويدۇرۇپ چىققان پاكىتلار . بۇنداق تارىخنى ئۆگەنگەن كىشىنىڭ مىجەزى ئوساللىشىپ، سۈيىقەستچىلىككە، زوراۋانلىققا بېرىلىدىغان بولۇپ چىقىدۇ. ماركسىزمنى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش نۇقتىسىدىن ئىخچاملاپ بايان قىلسا بولىدۇ، ئەمما ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەت تارىخىغا ناھايىتى چوڭ بالايى ئاپەت كەلتۈرگەن نەزىرىيە.

بۇ قېتىم رەھبىرىي گۇروھ جەمئىيەتكە ئاز-تولا يول قويدى دېيىشكە بولىدۇ

سۈن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەكتەپلەرنىڭ "تارىخ" دەرسلىكلىرى يالغانچىلىق ۋە سەپسەتە بىلەن تولۇپ كەتكەن. ھازىر خىتايدا زىيالىيلار بۇنى تېخى ئەركىن تەنقىت قىلالمايدۇ. ئەمما قارشىلىق ناھايىتى كۈچلۈك. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، "تارىخ" دەرسلىكلىرىدىن كوممۇنىزم مەزمۇنىنىڭ زور دەرىجىدە قىسقارتىلغانلىقىنى، بۇ قېتىم رەھبىرى گۇروھ ئاز -تولا يول قويدى دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما يول قويۇش تېخى يېتەرلىك ئەمەس.

كوممۇنىزمنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ناھايىتى چوڭ بالاي- ئاپەت كەلتۈرگەنلىكىنى سۆزلىمەي ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسە بولمايدۇ

شى چېڭرېن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ يول قويۇشى تېخى يېتەرلىك ئەمەس، ھازىر ئىلىمىي مۇنازىرە تېخىچە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ. "تارىخ" دەرسلىكىدە كوممۇنىزمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا، خىتايغا ، كامبودژاغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا ناھايىتى چوڭ بالاي- ئاپەت كەلتۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇنداق ھەقىقىي تارىخنى سۆزلىمەي ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسە بولمايدۇ.

خەلقنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويۇشىنى چەكلىمەسلىك كېرەك

بۇ ئىككى مۇتەخەسسىسنىڭ ئورتاق نۇقتىلىرى شۇكى، مەكتەپلەرنىڭ "تارىخ" دەرسلىكلىرىدە ئەمەلىي قىممەت قارىشى، مەسىلەن، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىش قىلىش ھەققىدە سۆزلىنىشى كېرەك. مۇستەبىتلىكتىن ئاساسىي قانۇن بۇيىچە ئىش قىلىشقا ئۆتۈش پۈتۈن دۇنيانىڭ يۆنىلىشى، بۇنى تەكىتلەش كېرەك. ئىلمىي مۇنازىرىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش كېرەك. خەلقنىڭ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى چەكلىمەسلىك كېرەك. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.