تەيۋەن ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ دەرسلىك كىتابىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن بەس مۇنازىرىلەر ئەۋج ئالدى
2007.01.31
تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا تەيۋەن ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ دەرسلىك كىتابىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، خىتاي تارىخى ۋە خىتاي - تەيۋەن مۇناسىۋىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بەزى نازۇك ئاتالغۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن شۇنداقلا خىتاي تارىخىنى تەيۋەن بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە مۇساپە قويغان ئىدى. بۇ ھادىسە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولسىمۇ،لېكىن بەزى مۇتەخەسسسىلەر دەرسلىك كىتابنىڭ خىتاي تارىخىدىكى بەزى مەسىلىلەرگە بىر قەدەر ئىلمىي باھا بېرىشكە تىرىشقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئاتالغۇلاردىكى ئۆزگىرىش
تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىقى، تەيۋەن ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ بۇرۇنقى تارىخ دەرسلىك كىتابىدىكى خىتاي تارىخى، قەدىمقى خىتاي - ھۇن مۇناسىۋىتى ۋە خىتاي - تەيۋەن مۇناسىۋىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بەزى نازۇك ئاتالغۇلارغا زور دەرىجىدە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خىتاينى "دۆلىتىمىز " دەپ ئاتىمايدىغان بولدى. خىتاينى " دۆلىتىمىز " دەپ ئاتاش ئورنىغا " جۇڭگو " دەپ ئاتاشنى شۇنداقلا خىتاي تارىخىنى " دۆلەت تارىخى" دېيىش ئورنىغا " جۇڭگو تارىخى" دېيىشكە ئۆزگەرتكەن.
دەرسلىك كىتابنىڭ يېڭى نۇسخىسىدا يەنە 1912 - يىلى مانجۇ خانلىقىنىڭ يىقىلىشىنى ۋە ھاكىمىيەتنىڭ خىتايلار قولىغا ئۆتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋۇچاڭ قوزغىلىڭىنى " ۋۇچاڭ ۋەقەسى " دەپ ئاتايدىغان شۇنداقلا جۇڭخۇا مىنگونىڭ قۇرغۇچىسى سۈن جۇڭسەننى "دۆلەت ئاتىسى " دەپ ئاتىمايدىغان بولدى. بولۇپمۇ يېڭى دەرسلىك كىتابنىڭ خىتاي قەدىمقى زامان تارىخىغا ئائىت قىسىمى زور دەرىجىدە قىسقارتىلغان بولۇپ، تارىختىكى خەن سۇلالىسىنىڭ ھۇنلار ۋە غەربىي ئەلدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىنى " تاجاۋۇز" ۋە "ئىشغالىيەتچىلىك" دەپ ئاتىغان. بۇرۇنقى دەرسلىك كىتابتا بۇ ۋەقەلەر ھۇنلارغا يۈرۈش قىلىش ياكى جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈش، دەپ ئاتىلاتتى.
كوممۇنىستلار خىتايدا 49 - يىلى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن 50 - يىللاردا بىر مەزگىللەرگىچە خەن ۋە تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ ھۇنلار ۋە غەربىي ئەلدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى "ئىشغالىيەتچىلىك" دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى چاغلاردا خەن سۇلالىسى شىمالدىكى رايونلار ۋە غەربىي ئەلنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، دەيدىغان بولدى.
بېيجىڭپەرەس كۈچلەر، مىللەتچىلەر ئۆكتى قوپماقتا
لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەر تەيۋەن تارىخ دەرسلىك كىتابىنىڭ خىتاي تارىخىدىكى بۇ مەسىلىلەرگە بىر قەدەر ئىلمىي باھا بېرىشكە تىرىشقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تەيۋەن چىڭيۈن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تارىخ مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى. لېكىن تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ پىلانى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، خوڭكوڭدىكى بېيجىڭپەرەس كۈچلەر، مىللەتچىلەر ۋە تەيۋەندىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. ئۇلار، تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئىسلاھاتىنى تەيۋەننى "جۇڭگوسىزلاشتۇرۇش" دەپ ئەيىبلىدى.
خوڭكوڭدىكى بېيجىڭپەرەس گېزىتلەرنىڭ بىرى "ۋېنخۇي" گېزىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنكى سانىدا، پرېزىدېنت چېن شۈيبيەن تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قانۇنلاشتۇرماقچى، دەپ ئەيىبلەنگەن. خىتاي دۆلەت كابىنتى تەيۋەن ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى لى ۋېي، تەيۋەننى"جۇڭگوسىزلاشتۇرۇش"نىڭ سىياسى مەقسىدى تەيۋەن مائارىپىنى مۇستەقىلچى ئىدىيىدىكى مائارىپ سېپىگە ئۆزگەرتىش، دەپ ئەيىبلىمەكتە. خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مەتبۇئاتلاردا تەيۋەن تارىخ دەرسلىك كىتابىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى تەنقىدلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن سۈن جۇڭسەننى " دۆلەت ئاتىسى " دەپ ئاتاش بىكار قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. تەيۋەندىكى ئۆكتىچى كۈچلەر تەيۋەن تارىخ دەرسلىكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە قارشى چىققان بولسىمۇ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ سۈن جۇڭسەننى "دۆلەت ئاتىسى" دەپ ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە.
تەيۋەن ئۆكتىچى گۇرۇھىنىڭ جاڭ پەمىلىلىك بىر ئەزاسى،" ئەينى چاغدا سۈن جۇڭسەن مىنگونى قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە كومپارتىيىنىڭ ئۆز ئالدىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە سۈن جۇڭسەننى "دۆلەت ئاتىسى" دەپ ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ، "بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۆزى ياخشى ئىش قىلماي، باشقىلارنى ئەيىبلەيدىغان ئىشلارنى تولا قىلىدۇ، " دەيدۇ. تەيۋەن دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يۆ شىكۇن بولسا بۇ تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، تەيۋەن تارىخ دەرسلىك كىتابىدىكى ئىسلاھات تەيۋەن ياشلىرىدا تەيۋەنلىك تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈش ۋە كۈچەيتىش شۇنداقلا تەيۋەننىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى ئىشغالىيىتىنىڭ ئاساسىنى رەت قىلىش خىتايلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان
ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايلار ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنى ئاساسىنى تارىخدىكى خەن ۋە تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ بۇ رايونلاردا ئېلىپ بارغان ھەربىي پائالىيىتىگە باغلىماقتا. ئۇ،" بۇنى ئىنكار قىلىش خىتايلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن " دەيدۇ.
يېڭى دەرسلىك كىتابتا خىتاينىڭ قەدىمقى زامان تارىخىدىكى شيا، شاڭ، جۇۋ دەيدىغان رىۋايەتلەر دەۋرى، ۋېي، جىن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر تارىخىي بىر پاراگراپ قىلىپ قىسقارتىلدى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەت تارىخىدىكى بېيجىڭ ئادىمى ۋە يېقىنقى زامان تارىخىدىكى خۇاڭ خۇاگاڭدىكى 72 قەھرىمان دېگەن ۋەقەلەر چىقىرىۋېتىلدى. تەيۋەن دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يۆ شىكۇن، يېڭى دەرسلىكنىڭ غايىسى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرۈش شۇنداقلا كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ پىكىر يۈرگۈزگەندە قالايمىقانلىشىپ كەتمەسلىكىنى ساقلاش" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 30 - ئۆكتەبىر ۋەقەسىگە 25 يىل
- كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن" ناملىق ئەسەر ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى
- چېن شۇيبيەن 'تەيۋەن بىلەن جوڭگو بىر دۆلەت ئەمەس' دەپ جاكارلىغان
- شاڭخەيدە تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ "تارىخ" دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش بىر ياخشى باشلىنىش
- تەيۋەن مۇتەخەسسىسى ئىككى قىرغاق ۋەزىيىتىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىدسىز قارىدى
- بېيجىڭ: تەيۋەننىڭ خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكى "ئېغىر ئېغۋاگەرچىلىك"
- چېن شۇيبيەن خىتايدىكى بىر ئۆلكە باشلىقى ئەمەس
- چېن شۇيبيەننىڭ'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇش' قارارى
- تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈ شيۇليەن، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى
- كوممۇنار تالىپوفنىڭ ئۈرۈمچىدە سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن(1)
- مەرھۇم ھاجى ياقۇپ ئانات ئەپەندىنىڭ "شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى" نەشر قىلىندى
- ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن "شىنجاڭدىكى تارىخىي مەنبەلەر" مۇھاكىمە يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن دوكتور ئابلەت كامالوفنى زىيارەت
- غالجاپ يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرى