پېشقەدەم تارىخىي شاھىد ۋە تەتقىقاتچى باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئەسلىمىلىرى (4)

بۈگۈن 8 - ئاپرىل كۈنى، 1944 - يىلى، 12 - نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىغا 65 يىل توشتى. مىللىي ئارمىيە ئۆزىنىڭ 5 يىللىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش جەريانىدا كۆپ قېتىم غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلىپ، ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاي ھەمدە ئاقسۇ ۋە قەشقەرنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئازاد قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.04.08
Sh-Turkistan-Jumhuriyiti-armiyisi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 1944 - ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺟﻪﯕﭽﻰ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ.
File photo

مىللىي ئارمىيە ئۈرۈمچىنى ئىشغال قىلىش ئالدىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى بىلەن، ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قالغان ھەمدە 1950 - يىلى، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5 - كورپۇسى قىلىپ، ئۆزگەرتىلىپ، ئاخىرى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانى كۆپەيگەندە 40 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، 3 گېنېرال ھەم نەچچە ئونلىغان پولكوۋنىك، پودپولكوۋنىك شۇنىڭدەك خېلى كۆپ ساندا مايور ۋە باشقا ئوفىتسېرلارغا ئىگە ئىدى. مىللىي ئارمىيە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئىدى.

مانا شۇ قەھرىمان مىللىي ئارمىيە ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىر تارىخىدىكى شانلىق شەجەرىسى بولۇپ قالدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ۋە ئارمىيىسى ئەينى ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ھەم ياردىمىگە ئېرىشكەن. ھازىر ئالمۇتىدا ياشاۋاتقان 84 ياشلىق سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى باتۇر ئەرشىدىنوف ئۆز ئەسلىمىلىرىنى تەقدىم قىلدى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئىنقىلاب ۋە ئارمىيىنى قوللىغانلىقى، كېيىن مەزكۇر ئىنقىلاب ۋە ئارمىيىنى ئۆزلىرى نابۇت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.