تارىخىي شاھىد ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمىنىڭ ئېيتقانلىرى


2007.08.27

بۇنىڭدىن 38 يىل ئىلگىرى، يەنى، 1969 -يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاخۇنوپ باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ بىر گۇرۇپپا ئەزالىرى بىلەن خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئارىسىدا قىزىل سۇنىڭ قاراجۇل يېزىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر توقۇنۇشتا خىتاي ئارمىيىسى قاتتىق قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەندىن كېيىن، خېلى زور چىقىملار بەدىلىگە قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان.

ئاخۇنوپ رەھبەرلىكىدە قەشقەردە ئېلىپ بېرىلغان بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەر ھەم شۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، 1969-1970-يىللىرى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىگە باغلاپ تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە جازالىغانلىقى مەلۇم.

شۋېتسىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت كېرىمى ئەپەندى ئەشۇ ۋەقەلەرنىڭ شاھىدلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىلەر مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ ئابدۇرېشىت كېرىمى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.