ياپونىيە ئىمپېرىيىسى توپلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماتېرىياللار (1)
2007.09.04
2005- يىلى قازاقىستاننىڭ سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ غوجا ئەخمەت سادۋاقاسوف نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن " قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىدىكى ئەنئەنە ۋە يېڭىلىقلار" دېگەن تېما ئاستىدا خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان ئىدى.
بۇ يىغىندا قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە، ئامېرىكا، تۈركىيە، ياپونىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرشۇناس ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئېتنوگرافىيىسى، تىلى، ئەدەبىيات ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى شۇنىڭدەك ئۇلار فولكلور مەدەنىيىتى قاتارلىق كۆپ ساھەلەر بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن ھەمدە 2006-يىلى، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى مەزكۇر يىغىننىڭ ماقالىلىرىنى توپلاپ بىر ماقالىلار توپلىمى نەشىر قىلىپ تارقاتتى.
ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھىم مەنبە- ياپونىيە ئاسىيا تارىخىي ماتېرىياللىرى مەركىزى
" قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىدىكى ئەنئەنە ۋە يېڭىلىقلار " دەپ ئاتالغان مەزكۇر ماقالىلار توپلىمى 2006-يىلى ئالمۇتادىكى "ناش مىر" نەشىرياتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ توپلامغا 40 پارچىغا يېقىن ماقالە كىرگۈزۈلگەن.
توپلامدىكى ماقالىلار ئىچىدە كىشىنى جەلپ قىلىدىغان " ئۇيغۇرلار ۋە ياپونىيە ئىمپېرىيىسى" ماۋزۇلۇق ماقالە ئۆزگىچە بولۇپ، ياپونىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس جۇن سۇگاۋارا تەرىپىدىن يېزىلغان مەزكۇر ماقالىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ياپونىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسىتى، ياپونىيىگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان تۈرلۈك ئالاقىلىرى ھەققىدە بايان قىلىنىدۇ.
ئاپتور بۇ ماقالىنى يېزىشتا ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت توپلىغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلارنى مەنبە قىلغان بولۇپ، ئاپتور ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپلىگەن ئارخىپلارنىڭ نۆۋەتتە، "ياپونىيە ئاسىيا تارىخىي ماتېرىياللىرى مەركىزى" دەپ ئاتالغان ئارخىپخانىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر ئارخىپخانىدا توققۇز توملۇق" شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار توپلىمى" دەپ ئاتالغان مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت ھۆججەتلەر توپلىمى بار بولۇپ، ئاپتور بۇ ھۆججەتلەر ئۈستىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ توپلام ئەشۇ ۋاقىتتىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى چۈشىنىشتە بەكمۇ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ياپونلارنىڭ قوللىرىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ياپونىيىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمدە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان ياپونلارنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ماتېرىياللىرىمۇ ساقلانماقتا.
ياپون ئۇيغۇرشۇناسى جۇن سۇگاۋارانىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 1939-يىلى ماھمۇت مۇھىتى بىلەن توكيوغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىنىڭ " مۇھاجىرەتتە يوقالغان مۇجاھىدلىرىمىز" ناملىق كىتابچىسى 1941-يىلى توكيودا نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، كېيىن چەت' ئەللەرگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، چەت مەملىكەتلەردە ۋاپات بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنغان.
بۇلاردىن باشقا يەنە كومۇرا فۇجىئو يازغان توكيو، بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقان ياپونلۇق مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى "ياپونىيە ئىسلام تارىخى" ناملىق كىتابمۇ بار بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە خېلى كۆپ مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان.
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ياپونلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان
جۇن سۇگاۋارانىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت سىياسىتىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ مۇھىم ماتېرىيال يەنىلا شۇ توققۇز توملۇق "توپلام" بولۇپ، بۇ جەمئىي 7500 بەتتىن ئىبارەت، بۇنىڭغا 1926-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە بولغان ئازغىنا كەم 20 يىللىق ماتېرىيال كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 1933-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان چاغدىكى ۋەزىيەتكە ئائىت ماتېرىياللار 7300 بەتنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ پۈتۈن ماتېرىياللارنىڭ %97 نى ئىگىلەيدۇ.
" مانا بۇنىڭدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ مەزگىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ" دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ ياپون ئالىمى سۇگاۋارا ئەپەندى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا "شىنجاڭ"نىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياپونىيە كونسۇلخانىلىرى مەسىلەن، كابۇل، كالكۇتتا، نوۋوسىبىرسك، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى كونسۇلخانىلار شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاخباراتلارنى توپلاپ، ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىغا يوللاپ بېرىش بىلەن تەڭ يەنە مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغان. بولۇپمۇ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قالدۇق رەھبەرلىرى ھىندىستان، ئافغانىستان، تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىن سىرت يەنە توكيو، شاڭخەيلەرگىمۇ يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ياپونىيە دىپلوماتلىرى ئۇلار بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ، ئۇچۇرلارنى توپلىغان.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئۇچۇرلىرى
"ياپونىيە ئاسىيا تارىخىي ماتېرىياللىرى مەركىزى "دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئارخىپخانىدىكى توققۇز توملۇق ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت توپلامدا يەنە "خوتەن ئەمىرىنىڭ سۆزلىرى" دېگەن نەقىللەر كۆپ ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان "خوتەن ئەمرى" 1932-يىلى قۇرۇلغان خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرادۇر.
خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1934-يىلى تۇڭگانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، كابۇلغا كېتىپ، شۇ يەردە بىر مەزگىل پاناھلىنىش جەريانىدا ياپونىيىنىڭ كابۇلدىكى كونسۇلخانىسى بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالىنى ياپونىيە دائىرىلىرىغا مەلۇم قىلىپ تۇرغان ئىكەن.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا باھا
- 58 يىل بۇرۇنقى سىرلىق ۋەقەلەر
- تارىخىي شاھىد ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمىنىڭ ئېيتقانلىرى
- تۈركىيە مەتبۇئاتى: بىر مىللەت كۆز يېشى تۆكمەكتە
- ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئانىسى- ھاۋا ئانىنىڭ قەبرىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندا
- يۈسۈپ مۇخلىسى ۋاپاتىنىڭ 3 يىللىقى خاتىرلەندى
- ئىستانبۇلدا مىللى قەھرىمان ئوسمان باتۇرنى ئەسلەش يىغىنى ئېچىلدى
- "بېيجىڭنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رەھىمسىز باستۇرۇشنى يوشۇرماقتا" (3)
- رۇسىيىنىڭ تېرېكۆل بويىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇر قەلئەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەكتە
- ئەلىخان تۆرىنىڭ تۈركىستان قايغۇسى ناملىق كىتابى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىندى
- ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسى تۈركىيىدە
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى نەشىر قىلدى