قازاقىستاندىكى مەشھۇر سەنئەتكار ئىكرام مەسۇموف ۋاپات بولدى

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق كومپوزىتور ، سەنئەتكار ئىكرام مەسۇموف 10 ‏- سېنتەبىر كۈنى 78 يېشىدا ئالمائاتادا ۋاپات بولدى.

ھاياتىنى ئۇيغۇر سەنئىتىگە بېغىشلىغان مەرھۇم ئىكرام مەسۇموفنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان ھەسسىسى خەلق تەرىپىدىن يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

مەرھۇم ئىكرام مەسۇموفنىڭ دەپنە مۇراسىمى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەرھۇمنىڭ دەپنە مۇراسىمىگە قاتناشقان ئۇيغۇر تىياتىرىدىكى شاگىرتلىرى ۋە باشقا كىشىلەر ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى ئىپادىلەشتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.