ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام قەشقەر، ھىندىستان ۋە مىسىرلاردا ئۇزۇن يىل ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، ئوقۇغان ئىلمىنى ۋە بارلىقىنى ۋەتىنى ۋە خەلقى ئۈچۈن ئاتاپ شۇ يولغا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان، 20 ئەسىرنىڭ 30 ۋە 40 يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلمىي ئاقارتىش ئىشلىرىدا، جۈملىدىن تارىخ ۋە ئەدەبىيات ساھەسى بويىچە داڭ چىقارغان كىشىدۇر.
سىراجىدىن ئەزىزى بىلەن سۆھبەت
سىراجىدىن ئەزىزى مۇنداق دېدى :" چىڭگىزخان داموللام دىنى مەدرىسىدە ئوقۇپ يېتىشكەن ئالىم بولسىمۇ، دىندارلىق بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئوخشاش كۆرەتتى. مەزكۇر كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئېنىق قىلىپ "ئىنسانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەبەدىي بەخت سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان نۇرغۇن مەجبۇرىيەت ۋە ۋەزىپىلەر بار، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئىككى مەجبۇرىيەت بولۇپ، بۇنىڭ بىرى دىنىي مەجبۇرىيەت بولسا، يەنە بىرى ۋەتەن ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتتۇر" دەيدۇ. بۇ ئىككى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش يولىدا، دىنىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقسا، ۋەتەن ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن "تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى" ناملىق كىتابىنى يېزىپ، نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، مەزكۇر كىتاب بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى يازماقچى بولغان مۇئەللىپلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇراجىئەت مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە."
سىراجىدىن ئەزىزىنىڭ ئېيتىشىچە، چىڭگىزخان داموللام "تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى" ناملىق مەزكۇر كىتابىنى يېزىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، "مەن ئەقلىمگە كەلگەن كۈندىن بۇيان كۈچلۈك ئىمانىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن دىنىي ۋە مىللىي ۋەزىپىنى ئادا قىلىشنى ھېس قىلىپ كەلگەن ئىدىم. بو يولدا ۋەتەنگە خىزمەت قىلىشنى ئەينى زاماندا دىنغىمۇ خىزمەت قىلغانلىق بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ۋەزىپىنى ئادا قىلغانلىق بولىدۇ دەپ قارايتتىم. بۇ ئىككى ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۇنياغا پەيدا بولغان كۈنىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان تارىخىنى ئەرەب تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان چوڭ ئىككى توملۇق تارىخ يېزىپ ئىسمىنى "تۈركىستان ئەل خالىدە" دەپ ئاتىدىم. بۇنىڭ بىلەن دىنغا ۋە ۋەتەنگە خىزمەت قىلىپ، ئاللانى ۋە ئۈممەتنى رازى قىلدىم، دەپ قارىدىم. بۇ كىتابىمنى تولۇق نەشىر قىلىشنى ئارزۇ قىلغان بولساممۇ، بۇنىڭغا ۋاقىت يار بەرمىدى. بىر مەزگىل كۈتۈشكە توغرا كەلدى. بۇ مەزگىلدە مىسىردىكى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە، ئەمما توغرا بايان قىلىدىغان بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتىم، تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن "تۈركىستان ئەل خالىدە" ناملىق كىتابىمغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن" دەپ يازىدۇ.
چىڭگىزخان داموللامنىڭ ئەسەرلىرى
چىڭگىزخان داموللام ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى ھەققىدە "ئەركىن تۈركىستان"، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىسى ھەققىدە، "ئۇلۇغ تۈركىستان" قاتارلىق نەسرىي ئەسەرلەرنى، "گۈزەل تۈركىستان" ناملىق ئۇيغۇرچە شېئىرلار توپلىمىنى، "تۈركچە تەجۋىد"، " ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىسى "، " ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىنتاكسىس قائىدىسى "، " تۈركىستاندا ئىسلامىيەت "، "تۈرك ئەدەبىيات تارىخى"، "تۈركىستان ئەل خالىدە"، "تۈركىستان قەلبى ئاسىيا"، "سەۋتۇل ۋىجدان" قاتارلىق ئەدەبىيات تارىخى، تارىخ، جۇغراپىيە، شېئىر، گرامماتىكىغا ئائىت 12 پارچە كىتاب يېزىپ ۋەتەنگە بولغان ساداقەت ۋە ۋاپادارلىقتىن ئىبارەت مىللىي بۇرچىنى ئادا قىلغان بولسا، قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سەمىمىي سادىق ۋە ئىخلاسمەن بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان. "تىغ تۈركانى" ناملىق فارسچە قەسىدىسىنى يېزىپ ئۆزىنىڭ ئىسلام تونىغا ئورىنىۋالغان باتىل ئېقىمدىكىلەرگە بولغان غەزەپ نەپرىتىنى بىلدۈرگەن.
چىڭگىزخان داموللامنىڭ قان تەر سەرىپ قىلىپ يازغان 13 پارچە كىتابىدىن "تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى"، "سەۋتۇل ۋىجدان"، " ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىسى " ۋە "تىغ تۈركانى" قاتارلىق تۆت پارچە كىتابىلا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، قالغان كىتابلىرى نەشىر قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەستىن يوقاپ كەتكەن. (توختى)