يازغۇچى "مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر" نىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى


2008.02.19

ruhiuyghur2.j-200.jpg
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى، مۇڭ ‏- زارىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ۋە تونۇتۇش يولىدا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان يازغۇچى ئالىم، مەرھۇم "مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر " پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات خىزمەتلىرىگە ئاساس سالغان تۆھپىكار ئالىملارنىڭ بىرى. RFA Photo / Arslan

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق كۈرىشى يولىدىكى ئۆچمەس مەشئەللىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى، مۇڭ ‏- زارىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ۋە تونۇتۇش يولىدا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان يازغۇچى ئالىم، مەرھۇم "مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر " پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات خىزمەتلىرىگە ئاساس سالغان تۆھپىكار ئالىملارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېنگىلىز، ئەرەپ، پارىس، تۈرك، ئوردۇ، پاشتۇ تىللىرىدا شۇنداقلا چاغىتايچە يېزىقلاردا يازغان تارىخى كىتابلىرى، شېئىرلار توپلاملىرى، تۈرلۈك ئىلمىي ماقالىلىرى، خەۋەر، ئوچرىكلىرى ھازىرغا قەدەر پاكىستاننىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ كۈتۈپخانىلىرىدا، ئىلمىي تەتقىقات مەركەزلىرىدە ساقلانماقتا.

"مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر " 1911 يىلى ئۈستۈن ئاتۇشتا بىر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1912 ‏- يىلى ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد مۇسا ئەپەندى نامەلۇم بىر ۋەقەدە ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئۇ ئالتە ياشقا كىرگەندە ئانىسىمۇ باشقا بىرى بىلەن توي قىلىپ ئۇنى تاغىسىغا قالدۇرۇپ كېتىپ قالغان. ئۇ 1932 ‏- يىلى نامەلۇم بىر كارۋانغا قېتىلىپ پاكىستانغا ھىجرەت قىلغان. ئۇ پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىگە بېرىپ بىر مېھمانخانىغا چۈشكەن. ئۇنىڭ زېرەكلىكى ۋە ئۇيغۇرلارغا خاس ئەدەپ ‏- ئەخلاقىدىن تەسىرلەنگەن مېھمانخانا خۇجايىنى ئۇنى مېھمانخانىنىڭ ھېساۋاتچىسى قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ ئەرەپ، پارس، پاشتۇ تىللىرىنى پۇختا ئۆگەنگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر پارس قىزى بىلەن توي قىلغان. ئۇ پاشتۇ، پارس تىللىرى ئەدەبىيات ساھەسىگە قەدەم قويۇپ، شېئىر، ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىپ گېزىت ‏- ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئافغان خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ "ئەنىس" ناملىق پاشتۇچە گېزىتنىڭ مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى قىلغان.

1948 ‏- يىلى ۋەتەننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئاڭلىغان "مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر" ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىققان. ئايالىنىڭ "بالىلار بەك كىچىك پامىرنىڭ سوغۇقلىرىغا ۋە يول ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ" دېگىنىگە ئۇنىماي ئافغانىستاندىن يولغا چىقىپ پاكىستانغا كەلگەن. كېيىن ۋەتەن دىيارىنى كوممۇنىستلارنىڭ ئىشغال قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ۋەتەنگە قايتىش ئىرادىسىدىن ۋاز كەچكەن. پاكىستاننىڭ "ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىدارىسى" دە خىزمەت قىلىپ شەرقى تۈركىستان ھەققىدە ئىلمىي ماقالىلەر يازغان. پاكىستان رادىئوسىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان. رۇسىيە ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىم قىلىشى بىلەن پاكىستان ھۆكۈمىتى رادىئودا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى توختاتقان.

"مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر" 1965 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئېنگىلىز تىلىدا "تاخارلارنىڭ ئەسلى يۇرتى"، ئۇردۇ تىلىدا "تىپپۇ سۇلتاننىڭ ئوسمانىيە خەلىپىسىگە يازغان مەكتۇپلىرى"، ئەرەپ تىلىدا، "تۈركلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا قوشقان تۆھپىلىرى"،تۈرك تىلىدا "تۈركلەر ئىپتىخارى" قاتارلىق كىتابلارنى يازغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تىلىدا "يېڭى ئېچىلغان گۈللەر"، "يېڭى مىللىي روھ "، "روھىينامە" قاتارلىق 4 پارچە شېئىرلار توپلىمىنى يېزىپ قالدۇرۇپ كەتكەن.

بىز كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق، پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ياشاۋاتقان مەرھۇمنىڭ ئوغلى مۇھەممەد بۇغرا ئۇيغۇرى بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان ياش يازغۇچى كامىلجان ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ مەرھۇم مۇھەممەد رۇھى ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. (ئارسلان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.