ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىغا ئائىت مەلۇمات ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى تاشيول، تۆمۈريول قاتارلىق ھەر خىل قاتناش ترانسپورت يوللىرى بارغانچە تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە 87 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تاش يول قاتنىشى راۋانلاشقانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك دۆلەتلىك تاش يول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ باردى.
ئۇيغۇر ئېلىدە شەھەر - ناھىيىلەر ئارىسىدا ياسالغان بۇ تاش يوللار گەرچە كۆرۈنۈشتە ساياھەتچىلەرگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، شەھەر ياكى ناھىيىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئاساسىي قاتناش لىنىيىلىرى ئاساسەن تۇتاشتۇرۇلۇپ قاتناش قولايلىشىپ، ساياھەتچىلىككە، سودا -سانائەتكە ئاسانلىق تۇغدۇرغان بولسىمۇ ئەمما كۆپلىگەن ئۇيغۇر يېزىلىرىدا يەنىلا يوللار راۋانلاشمىغان.