تاشكەنتتە مەھمۇت قەشقىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

2008 - يىلىنىڭ مەھمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلىنىشى بىلەن جاي - جايلاردا مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتىغا دائىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلىپ بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىگە يۇقىرى باھا بېرىلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﻛﯧﺮﯨﻤﻮﻑ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﺭﺍﺧﻤﺎﻧﺌﻮﻏﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﻛﯧﺮﯨﻤﻮﻑ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﺭﺍﺧﻤﺎﻧﺌﻮﻏﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
RFA Photo
يېقىندا ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدىمۇ مەھمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا ھەر قايسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئالىملار قاتناشقان. يىغىنغا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىنمۇ ئالىملار قاتناشقان بولۇپ خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىمۇ قاتناشقان.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۆزبېكىستان خەلقئارا ئىنفورماتسىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى پروفېسسور دوكتور كېرىموف بەختىيار راخمانئوغلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پروفېسسور دوكتور كېرىموف بەختىيار راخمانئوغلى ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ قاچان، قەيەردە ئېچىلغانلىقىنى ۋە كىملەرنىڭ قاتناشقانلىقى ئۈستىدە توختالدى. پروفېسسور دوكتور كېرىموف راخمانئوغلى ئەپەندى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈرك دۇنياسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىپادە قىلغان تۇنجى كىشىلىكى تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور دوكتور كېرىموف بەختىيار راخمانئوغلى ئەپەندى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماقالىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە بۇ يىغىندا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مىللەتلىرى ئارىسىدا ئۇچۇر - ئالاقىنى ئاسانلاشتۇرۇدىغان ئورتاق بىر تىل يارىتىش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئىشىنى داۋام قىلدۇرغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئورتا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق، ئىتتىپاقلىقنى قايتىدىن بەرپا قىلىشنىڭ قاتتىق تەكىتلەنگەنلىكىنى ۋە ھەر بىر تۈركىي خەلقنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگەنسىلا ئۆز - ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت