تاتار ئالىملىرىنىڭ بۇرھان شەھىدى ھەققىدىكى قاراشلىرى

بۇرھان شەھىدى، 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا ئۆتۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن ياڭ زېڭشىڭ، جىن شۇرېن، شېڭ شىسەي، گومىنداڭ ۋە كومپارتىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يۇقىرى خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.05.27

بۇرھان شەھىدى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم تاتارىستان ئاپتورلىرى ئۇنىڭ تاتار ئېتنىك تەركىبىگە مەنسۇپلۇقى ۋە ئۇنىڭ تاتارلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر شەخس ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.

بىراق، غۇلجىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، كېيىن تاتارىستانغا كۆچۈپ كېتىپ شۇ يەردە ئوقۇپ، ئاتاقلىق ئالىم بولۇپ يېتىشكەن ئاكادېمىك مىرقاسىم ئوسمانوف ئەپەندى بولسا، بۇرھان شەھىدى ھەققىدە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ھەقىقىي باھا بېرىش سالاھىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ مەسىلە ھەققىدە تاتار زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.