تەبىئىي ئاپەت زىيىنىنىڭ سۈنئىي سەۋەبلىرى


2008.02.01

خىتايدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر رەت خىتايغا مەركەزلەشتۈردى. كۆزەتكۈچىلەر، زىياننىڭ سەۋەبكارلىرى قاتارىدا يالغۇز تەبىئىي ئاپەتنىلا ئەمەس، سىياسىي تۈزۈلمە ۋە ھاكىمىيەت ئىستىلىدىكى زەئىپلىكلەرنىمۇ نەزەرگە ئالدى.

ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش مەسئۇلىيىتى ھەققىدە سوئالمۇ قويۇلمىدى

خىتاي كۆزەتكۈچىسى شيا يىفەننىڭ قارىشىچە، قار ئاپىتىنىڭ ئۆسۈملۈكلەرگە زىيان سېلىشى، قاتناش-ترانسپورتنى توسۇپ قويۇشى چۈشىنىشكە بولىدىغان ئەھۋال؛ ئەمما قار ئاپىتىنىڭ ئىستولبىلارنى، ئېلېكتىر مۇنارلىرىنى يىقىتىۋېتىشى، ھەتتا تۆمۈر يوللىرىنى بۇزۇۋېتىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەھۋال.

خىتاي مەتبۇئاتى بۈگۈن، قار ئاپىتىنىڭ زىيىنىدىن سۆز ئاچقاندا، تەبىئەتتىنلا سۆز ئېچىۋاتىدۇ. ئەمما، ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش جەھەتتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ‏- قىلمىغانلىقى ھەققىدە تەنقىد ئەمەس بىر سوئالمۇ ئوتتۇرىغا قويمايۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ يەردە چۇۋۇلۇپ چىقىدىغان بىر توقاي مەسىلە بار.

خىراجەت ئەمەلدارلارنىڭ كەيپى- ساپالىق ھاياتىغا سەرپ قىلىنغان

شيا يىفەن يەنە مۇنداق دەيدۇ: بىرلا ساھەدىن سۆز ئاچساق، توك- ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ئەسلىدە ئۆزىنى ‏- ئۆزى باقالايدىغان بىر قۇرۇلۇش، بۇ قۇرۇلۇشتا، ئىقتىساد يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كۆرۈلمەسلىكى كېرەك، ئىستولبىلار، مۇنارلار قاردا يىقىلىپ چۈشىدىغان ۋەزىيەتتە بولماسلىقى كېرەك؛ مەسىلىنىڭ يىلتىزى شۇكى توك ‏-ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى، خىتايدا يەنىلا، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا تۇرۇۋاتقان بىر ساھە، بۇ ساھەنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ پۇختا-ئاجىزلىقى، يەنى ئاپەتكە ئۇچراش‏-ئۇچرىماسلىقى ساھەنى باشقۇرۇۋاتقانلارنىڭ بىۋاستە مەنپەئەتىگە تاقاشمايدۇ.

شۇڭا ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىنىڭ كىرىمى باشقۇرۇۋاتقان ئەمەلدارلارنىڭ زىياپەتلىرى، مۇكاپاتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇكى، بىخەتەرلىك ئۈچۈن قوللۇنۇلمايدۇ. شيا يىفەننىڭ قارىشىچە، خىتايدا مۇھىم ئاساسى قۇرۇلۇشلار دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا بولغىنى ئۈچۈن، بۇ ساھەگە ئايرىلغان خىراجەت ۋە ياكى بۇ ساھەدىن قىلىنغان كىرىم، شۇ ساھەلەرنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئەمەلدارلارنىڭ كەيپى-ساپالىق ھاياتىغا سەرپ قىلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا خىتايدىكى كۆپلىگەن سۈپەت تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى، مۇستەقىل كەسپىي ساھەلەر ئەمەس، دۆلەتكە بېقىنىپ تۇرۇۋاتقان ئاتىلىشى كەسپىي، ئەمەلىيەتتە مەمۇرى ئورۇن. ئۇلارنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈشتىكى تېخنىكىلىق ئاجىزلىقى، خىزمەت ئىستىلىدىكى چىرىكلىكى، خىتاينىڭ ھەر ساھە ئاساسى قۇرۇلۇشىدا ئەندىشىلىنەرلىك ئاجىزلىقلارغا يول قويغان.

قانۇن ۋە ئەخلاق قار تېگىدە قالماسلىقى كېرەك

كۆزەتكۈچى جاۋ مىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ بولماسلىقى، ھەر ساھەدىكى قۇرۇلۇشلاردىكى ئاجىزلىقلارنىڭ بايقىلىشى، پاش قىلىنىشى، دوكلات قىلىنىشىغا ئىمكان بەرمىگەن. دۆلەت تەشۋىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتتىق دۆلەت مەخپىيەتلىكى سۈپىتىدە قوغدالغان، ھەر ساھەدىكى خىزمەت ئاجىزلىقلىرى قار ئاپىتىدە يالىڭاچلىنىپ ئوتتۇرىغا چىققان.

ماددىي قۇرۇلۇشلارغۇ قار ئاپىتىگە ئۇچرىسۇن، ئەمما قانۇن ۋە ئەخلاق قار تېگىدە قالماسلىقى كېرەك دەپ قارايدۇ كۆزەتكۈچى چېن ۋېيجيەن ۋە ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چارىسىمۇ غەيرىي ئىنسانىي يول بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە: خۇ جىنتاۋنىڭ توك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تولۇقلاش ئۈچۈن تاقىۋېتىلگەن كۆمۈر كانلارنى قايتا ئىشقا سېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشى ئىنسانىي ئەخلاققا ھەم قانۇنغا خىلاپتۇر. خىتايدا كۆمۈر كان ئىشچىلىرىنىڭ قازاغا ئۇچراپ ئۆلۈش نىسبىتى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن 50 ھەسسە، ئامېرىكىدىن 100 ھەسسە ئارتۇق. 2006 ‏- يىلنىڭ ئىچىدىلا، 2845 قېتىم كان قازاسى يۈز بەرگەن. شۇڭا، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان كۆمۈرنى قانغا مىلەنگەن كۆمۈر دەپ ئاتىغان، چېن ۋېيجيەن، 2007 ‏-يىلى خەلقئارا جامائەتنىڭ بېسىمى بىلەن تاقىۋېتىلگەن بىر تۈركۈم بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئېغىر كانلارنىڭ قايتا ئىشقا سېلىنىشىنى قانۇننىڭ قار ئاستىدا قېلىشى دەپ كۆرسەتكەن.

يەپ - ئىچىش ۋە قاقتى - سوقتى قىلىش پۇرسىتى تۇغۇلدى

تەبىئىي ئاپەتكە قارشى كۈرەش، ھەم ماددىي ئاساسقا تايىنىدۇ ھەم مەنىۋىي كۈچكە تايىنىدۇ، بۇ ئىشتا كېرەك بولىدىغان مەنىۋىي كۈچ، خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ‏- ئارا ئىشەنچتۇر. ئەمما ئۆز ‏- ئارا ئىشەنچ قار ياققاندىلا شەكىللىنىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ ئۇزۇن مەزگىللىك توغرا ۋە ئادىل مۇناسىۋەتنىڭ نەتىجىسىدۇر. مانا بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتكەن، شيا يىفەن، دۆلەت ئاخباراتلىرى تەشۋىق قىلىۋاتقان، ئاپەتكە ياردەم بېرىش دولقۇنىنىڭ ئارقىسىدا، دۆلەت خەزىنىسىگە تايىنىپ تۇرۇپ يەنە بىر رەت يەپ- ئىچىش ۋە قاقتى-سوقتى قىلىش پۇرسىتى تۇغۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.

خىتاينىڭ 2300 يىللىق دىكتاتور ھاكىمىيەت تارىخىدا، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتە ئەڭ چىرىك ھاكىمىيەت بولغانلىقىنى بۇ قېتىمقى قار ئاپىتىمۇ ئىسپاتلاپ بەردى، - دەيدۇ يازغۇچى جاۋ مىڭ، ‏- بۇرۇنقى پادىشاھلار، يۇرتتا تەبىئىي ئاپەت كۆرۈلسە، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆز ھاكىمىيىتىدىكى ئادالەتسىزلىكتىن تەڭرىنىڭ جازالىشى دەپ قارايتتى ۋە ئاممىدىن ئەرز-شىكايەت ئاڭلايتتى، تۈزۈملىرىنى ئۆزگەرتىتى ۋە ئەمەلدارلىرىنى ئالماشتۇراتتى. ئەمما، خىتاي ھاكىمىيىتىدە بۇنداق بىشارەت يوق، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش يوق، ئەكسىچە ئاپەت مەزگىلىنى ئۆزىنى بازارغا سېلىشنىڭ پۇرسىتى دەپ قاراۋاتىدۇ.

ئاپەتكە ئېغىر ئۇچرىغان جايلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر رايونىدۇر

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار خىتاي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ھەر ساھە ئاساسى قۇرۇلۇشىدىكى ئاجىزلىقلارنى يوشۇرۇش نەتىجىسىدە، قار ئاپىتىنىڭ نەتىجىسى ھەسسىلەپ چوڭ بولۇپ كەتكەن. رادىئومىزنىڭ تۈنۈگۈنكى پروگراممىسىدا ئاڭلىغىنىڭلاردەك، بۇ قېتىمقى ئاپەتكە ئېغىر ئۇچرىغان جايلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر رايونىدۇر. بۇ رايوندىكى پەرقلىق بىر ۋەزىيەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەت ئالدىدىكى مەسىلىلەرنىلا ئەمەس، ئاپەت ئەھۋالىنىمۇ يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىدۇر. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.