
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتىگە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پورتېر گوس، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى تەيۋەن بوغۇزىدىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنى ئۆزگەرتىپ، ئاسىيادىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىغا تەھدىت سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. پورتېر گوس، ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقىنىڭ رەسمى سورۇندا تۇنجى قېتىم " خىتاي تەھدىت نەزىرىسىيىسى" نى تىلغا ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلىدۇ
پورتېر گوس، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاخبارات كومىتېتىدىكى سۆزىدە " خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى شۇنداقلا ھەربىي قىسىملارنىڭ يىغىلىشى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ تەرەققىياتى رايوندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىغا تەھدىت،" دەپ ئاگاھلاندۇردى.
پورتېر گوسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايلار " ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، قايتۇرما زەربە بېرىش خاراكتېرلىك يادرو ئوق بېشىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار شۇنداقلا رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلاردا ئىشلىتىدىغان مۇنتىزىم كۈچىنى" تەرەققىي قىلدۇرغان.
خىتايلار تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىشى مۇمكىن
تەيۋەن مەسىلىسى، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى رايونلارغا 600 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارلىسا قوراللىق ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى. ئامېرىكا 25 يىل ئىلگىرى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسۋىئىتىنى ئۈزگەندە "تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى" نى ماقۇللاپ، تەيۋەننى قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئالغان.
گوس مۇنداق مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر بېيجىڭ، تەيۋەننىڭ بۆلۈنۈش يولىدىكى قەدىمى بېيجىڭنىڭ سەۋر - تاقەت چېكىدىن ئېشىپ كەتتى دەپ قارىغاندا، خىتايلار تەيۋەنگە ھەر خىل دەرىجىدىكى قوراللىق كۈچلەرنى ئىشلىتىدۇ، دەپ قارايمىز."
خىتاينىڭ ئامېرىكا زىمىنىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياكۇبىينىڭ كېڭەش پالاتاسىكى يىغىندا ئەسكەرتىشىچە، خىتايلار ئۆتكەن يىلى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنى كۆپەيتىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەتقىقاتىنى كۈچەيتكەن.
ياكۇبىي، خىتاينىڭ بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاداشلىرىنىڭ رايوندىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياكۇبىينىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا زىمىنىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرەلەيدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىرىلىرىنىڭ سانى، 2015 - يىلغا بارغاندا بىر ھەسسە كۆپىيىدىكەن.
خىتاي ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى رىقابەتچىسى
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پورتېر گوس، خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش بىلەن بىرگە، خەلقئارا سىياسى سەھنىدە ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. پورتېر گوس مۇنداق دەيدۇ:
"ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئۈزلىكسىز ئېشىپ بارغان خىتايلار خەلقئارا سەھنىدىكى پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، خەلقئارا چوڭ مەسىلىلەردىكى سۆز قىلىش ھەققىنى، تەبئىي بايلىقلارغا ئېرىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش شۇنداقلا ئاتالمىش ئامېرىكىنىڭ تەقىبى ۋە قورشاۋىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا."
تەنكرىدۇ: " تەيۋەن ئەركىن، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت"
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى بەزى ئەزالار چارشەنبە كۈنى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قانۇن تەكلىپ لايىھىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى تەنكرىدو تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ، تەيۋەننى ئەركىن، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت،" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈئەن، قانۇن تەكلىپ لاھىيىسىنى " جوڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش شۇنداقلا تەيۋەندىكى مۇستەقىلچى كۈچلەرگە خاتا سىگنال بېرىش،" دەپ تەنقىدلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2005 -يىلى دۇچ كېلىدىغان رىقابەتلەر
پورتېر گوس، كېڭەش پالاتاسىدىكى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرنى تىلغا ئالدى. گوسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇ جىنتاۋ رەھبەرلىكىدىكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 2005 - يىلى پۇل پاخاللىقى، ئېكسپورتقا تايىنىشنىڭ ئېغىرلىقى، باي - كەمبەغەللەر پەرقى شۇنداقلا پۇقرالاردا كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدىكەن. (ئەركىن)