ئامېرىكا: خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا تەھدىت

0:00 / 0:00
CHINA-RUSSIA-MILITARY-200.jpg
2005-يىلى 22-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى قىڭداۋدا رۇسىيە بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە. AFP

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، جۇڭگونىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىنى تېز سۈرئەت بىلەن كېڭەيتىش، ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە قورال - ياراقلارنى كۆپلەپ سېتىۋېلىش پىلانى جۇڭگونى ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىش كۈچىگە ئىگە قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرگە يوشۇرۇن تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

تەيۋەن مۇھىم نىشان قىلىنغان

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش كۆلىمى ۋە قەدىمى تەيۋەننى زەربە بېرىش نىشانىغا ئالغان بولۇپ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيە كۈچىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تەيۋەنگە قارىتىلغان ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ قارشى قىرغىقىغا 710 دىن 790 غىچە قىسقا مۇساپىلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن يىلقى دوكلاتىدا، جۇڭگو تەيۋەن بوغۇزىنىڭ قارشى قىرغىقىغا 650 تىن 730 غىچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى يازغان ئىدى. دوكلاتتا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاينىڭ يادرو قوراللار كۈچى ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ نىشانى توغرىسىدا ئاشكارا بولۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ ئۆتكەنكى بىر يىل ئىچىدە ھەر قايسى ساھەلەردىكى تەرەققىياتى مۇھاكىمە قىلىندى.

خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتى ئېلان قىلىنغاندىن كۆپ يۇقىرى

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھەربىي كۈچى بۇ بىر يىل ئىچىدە كۆپ ساھەلەر بويىچە داۋاملىق ئېشىپ ماڭغان ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2005 - يىلى 7 - ئايدا ھەربىي دوكلات ئېلان قىلغاندىن بېرى، خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئېشىش كۆلىمى ۋە تەرەققىيات سۈرئىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك ئىشلىرى بويىچە ياردەمچى مىنىستىرى پېتېر رودمان، جۇڭگونىڭ ھەربىي سېلىنما ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش پىلانى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، "خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ ھەقىقى سانى توغرىسىدا مەلۇماتىمىز يېتەرلىك ئەمەس، دەيدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى بەزى ئەمەلدارلار، بۇ يىلقى جۇڭگو ھەربىي خام چوتىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى سانى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان 35 مىليارد دوللاردىن 2 - 3 ھەسسە كۆپ، دەپ پەرەز قىلىشماقتا. دوكلاتتا، خىتاينىڭ بۇ يىلقى ھەربىي خام چوتىنى 70 مىليارد دوللاردىن 105 مىليارد دوللارغىچە يېتىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان.

خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىسى 1990 - يىللاردىن بېرى ھەر يىلى ئىككى خانىلىق رەقەم بويىچە كۆپىيىپ كەلدى. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنى كۈچەيتمەكتە. بۇ تۈردىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار تەيۋەن ۋە بۇ رايۇندىكى نىشانلارغا زەربە بېرەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ئىلغار تىپتىكى، ئىقتىدارى كۈچلۈك قوراللارنى ئايرۇپىلان ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى سېتىۋېلىش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە سېستىمىسى، ئىنتېرنېت ۋە ئەسلىھەلىرىگە كاشىلا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ ئىنكاسى

رودماننىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگو ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىرتىدىكى رايونلاردا ئۇرۇش قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن "ھەربى كۈچىنى دەسلەپتىلا تەيۋەننىڭ سىرتىدىكى رايونلاردا يۈز بېرىدىغان ھەربىي توقۇنۇش ۋەقەلىرىگە كۆرە تەييارلىماقتا ". لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا تەرەپنىڭ دوكلاتى "سوغاق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ مەھسۇلى" شۇنداقلا بۇ جۇڭگونىڭ ھەربىي خام چوتىنى ئاشۇرۇپ كۆرسىتىپ، "جۇڭگو تەھدىت نەزىرىيىسى" نى تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان ، دۇرۇس نىيەتلىك دوكلات ئەمەس. پەيشەنبە كۈنكى باياناتىدا "جۇڭگو تىنچلىقنى سۆيىدىغان ۋە تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدىغان دۆلەت "دەپ تەكىتلىگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، جۇڭگو دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە " دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، خىتاي ھەربىي كۈچىنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېھتىياج بولغان سەۋىيىدىن ھالقىپ كەتتى، دەپ قارىماقتا. دوكلاتتا، جۇڭگو ئىستراتېگىيىلىك كۈچلىرىنىڭ زامانىۋىيلىشىش " سۈرئىتى ۋە كۆلىمى " ئامېرىكا ھەربىي كۆزەتكۈچىلىرىنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى يازدى.

خىتاي ۋەدىسىدە تۇرماسلىقى مۇمكىن

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ياردەمچى مىنىستىرى رودماننىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگو ھازىرغىچە يادرو قوراللىرىنى ئالدى بىلەن ئىشلەتمەسلىك پرىنسىپىدىن ۋاز كەچمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ دىققەت قىلىۋاتقىنى جۇڭگو قۇدرەت تاپقاندا ۋە ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىدا ئۆزگىرىش بولغاندا بېيجىڭنىڭ بۇ ۋەدىسىدىن ۋاز كېچىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت ئىكەنلىكىدۇر. ئۇ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جۇڭگو مۇداپىئە پرىنسىپى ۋە يادرو قوراللىرىنى ئالدى بىلەن ئىشلەتمەسلىك ۋەدىسىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يۈزلىنىش، دەپ كۆرسەتمەكتە.

رودماننىڭ ئەسكەرتىشىچە، " جۇڭگو ھەربىي كۈچىنى سەۋرىچانلىق بىلەن، سېستىمىلىق تۈردە، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئومۇميۈزلىك تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا ئۇزۇن - مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىنى يولغا قويۇۋاتىدۇن". ئامېرىكا جۇڭگونىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى يېقىندىن تەقىپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن رودمان، " ئەگەر بىز بۇنىڭغا دىققەت قىلمىساق ھەربىي كۈچلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن " دەيدۇ. (ئەركىن)