تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە قىزىققۇچى چەتئەل ئالىملىرىنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپىيىپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا قىزىققۇچىلارنىڭ سانىمۇ ھەسسىلەپ ئارتىپ بارماقتا. ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان خەۋەرلەر ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا قەدەمدە بىر كۆزگە چېلىقىپ تۇرماقتا.

تېلېۋىزىيە قانىلىدا تەكلىماكان

7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، گېرمانىيە تېلېۋىزىيە قانىلى ئا ر ت ئە قانىلىدا فرانسىيە ئارخېئولوگلىرىنىڭ تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت يالدامىلىرىنى قېزىش جەريانى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىر سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم تاماشىبىنلارنىڭ نەزىرىگە سۇنۇلدى.

مەزكۇر فىلىمدا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ، ئاخىرقى ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق بىر زامان ئۆز ۋەتىنىنىڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا مۇنبىرىدە دەۋىر سۈرگەن سەلتەنەتلىك تارىخى ۋە مەدەنىيەت يالدامىلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، فىلىمدا ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنلىرى ئىشلەپ چىقارغان ئاجايىپ نەپىس ئۆي سايمانلىرى ۋە كىشىنىڭ زوقۇنى قوزغايدىغان رەڭلىك كىيىم - كېچەكلەر ئالاھىدە كۆرگەزمە قىلىنغان. تەكلىماكان قۇملىقىدىن تېپىلغان بۇ ئاسارە - ئەتىقىلەرنى فرانسىيە ئارخېئولوگلىرى ئۇيغۇر ئارخېئولوگى ئابدۇرۇسۇل ئىدرىس ئەپەندى بىلەن بىرگە قېزىپ چىقارغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت پاكىتلار

بۇ فىلىمدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1991 - يىلىدىن باشلاپ چەت`ئەل ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىزنالىرىنىڭ بولسا، ئىلگىرى خىتايلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكىنى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئەگەر تەكلىماكان قۇملۇقىدا قېدىرىپ تەكشۈرۈشنى ئىزچىل داۋام قىلغان تەقدىردە، ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيەت ۋە دۆلەت تارىخىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان پاكىتلارنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئەسكەرتكەن ھەمدە قېزىپ ئېلىنغان جەسەتلەرگە كەيدۈرۈلگەن ئاجايىپ چىرايلىق كىيىم- كېچەكلەرنى ئۆرنەك سۈپىتىدە كۆرسەتكەن.

بۇ ئارخېئولوگىيە ئەترىتىگە تەكلىماكان ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى تۆگىلەر بىلەن يول باشلاپ ماڭغان بولۇپ، ئۇلار كېرىيە ناھىيىسىنىڭ قارادۆڭ رايونى ۋە يۇمۇلاق قۇم رايونلىرىدا نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

ئارخېئولوگلار بۇ رايونلاردىن مۇمىيا قىلىنغان جەسەتلەرنى تاپقان. جەسەتلەرنىڭ مىلادىدىن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە مەنسۇپلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ سېرىق تەنلىكلەر ئىرقىغا ئەمەس، بەلكى ھىندى-ياۋرۇپا قان تىپىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئىرقىغا مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئىسپاتلاپ، خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئېلان قىلغان. ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرى تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە دەۋىر سۈرگەن كېرىيە ھاكىمىيىتىگە ۋە مەدەنىيىتىگە تەۋە بولغان بۇ يالدامىلار ئۈستىدىكى تەتقىقات ھېلىمۇ داۋام قىلماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ، يۇمۇلاق قۇم رايونىدىن تېپىلغان بەش نەپەر جەسەت پۈتۈن ساقلانغان بولۇپ، جەسەتلەر ئورالغان يۇڭ رەختلەرنىڭ سۈپىتى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئارخېئولوگلارنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇلار جەسەتنىڭ باش سۆڭىكى ۋە بەدەن ھالىتىنى ھەمدە كىيگەن ساپ مىللىيچە كىيىملىرىنى مودىل قىلىپ تۇرۇپ، كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى يارىتىپ چىققان. كومپيۇتېردا يارىتىلغان بۇ قىياپەت تىپىك ئۇيغۇر قەدىمىي ئەجدادلىرىنىڭ سىماسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.

بۇ فىلىمدا نامراتچىلىق ۋە بىچارىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كېرىيە دېھقانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ھەقسىزلىقلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا فرانسىيە ئارخېئولوگىيە ئەترىتىدىن باشقا، ئەنگىلىيە، تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ئارخېئولوگىيە ئەترەتلىرىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. (ئەكرەم)