خىتاينىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىدە ئۇيغۇر ئېلى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرى


2007.03.01

جوڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى تەكشۈرۈش - باھالاش مەركىزى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلارنىڭ سالامەتلىك، مائارىپ، تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت ئەھۋالى قاتارلىق 4 تۈردىكى تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى ۋە ھەر قايسى رايونلارنىڭ بۇ 4 ساھەدىكى ئەھۋالىنى دەرىجىگە تۇرغۇزغان ئىدى. تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا رايونلار بىلەن رايونلار ئارىسىدىكى تەرەققىيات پەرقى شۇنداقلا يېزىلار بىلەن شەھەرلەر ئارىسىدىكى تەرەققىيات پەرقى بىر قەدەر زور بولۇپ، تەرەققىيات سەۋىيىسىدىكى ئەڭ زور تەكشىسىزلىك سالامەتلىك كۆرسەتكۈچىنىڭ رايونلار ئارىسىدىكى پەرقىدۇر.

كۆرسەتكۈچكە قارىغاندا سالامەتلىك كۆرسەتكۈچىدىكى تەكشىسىزلىك پۇقرالار دوختۇرغا كۆرۈنەلمەيدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بەزى ئانالىزچىلار، تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ كۆرسەتكۈچىنىڭ 5 - ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكى "كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى" شۇنداقلا بەزى ئامىللارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى ئىگىلەشكە تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن خىتاي ئانالىزچىلار، جۇڭگودا تۆۋەننىڭ يۇقىرىنى ئالدايدىغان ئەھۋاللار ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىدىكى بەزى بايانلار خىتاينىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن يېقىن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى چەت رايونلارنىڭ تېخىمۇ ئارقىدا قىلىشىنى تېزلەشتۈرمەكتە

چېن كۇيدﯤ، ئامېرىكىدا چىقىدىغان "جوڭگو كۆزىتىش" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى. ئۇ، "بۇرۇنقى تەجرىبىلىرىمىزگە ئاساسلانغاندا جۇڭگودا تۆۋەننىڭ يۇقىرىغا يوللىغان مەلۇماتى مۇبالىغىلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. يېقىنقى يىللاردا بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىشارەت كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگودا يېزا بىلەن شەھەرنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكى بۇ بىر ئەمەلىيەت. ئەگەر دوكلاتتا بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللار ئەكس - ئەتتۈرۈلگەن بولسا، بۇ كۆرسەتكۈچنى ئاساسەن ئىشەنچىلىك دىيىشكە بولىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

كۆرسەتكۈچتە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا تەرەققىي قىلغان رايونلاردىكى شەھەر - يېزىلارنىڭ پەرقى نىسبەتەن كىچىك بولسىمۇ، لېكىن نامرات رايونلاردىكى شەھەر- يېزىلارنىڭ پەرقى ناھايىتى زور. چېن كۇيدﯤ، خىتايدا رايونلار ئارىسىدىكى تەرەققىيات پەرقىنىڭ زور بولۇشىغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى سەۋەبچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ، "مېنىڭچە بۇ ئاساسلىقى كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بولۇپمۇ قانۇن ۋە تۈزۈلمە جەھەتتە دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا بېرىلگەن ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ سىياسەت يەنە بەزى مەمۇرى ئورگانلار چىقارغان ئېتىبار بېرىش بەلگىلىمىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك،" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئەسلىدىلا ئىقتىسادى ئەھۋالى ناچار ئۆلكە ۋە رايونلارنىڭ تېخىمۇ ئارقىدا قېلىشىنى ۋە تەرەققىيات پەرقىنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ كۆرسەتكۈچىدىكى ئورنىنىڭ ئالدىدا بولۇشىغا قاراشلار

كۆرسەتكۈچتە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىت كۆسەتكۈچى 25 - ئورۇندا بولۇپ، سالامەتلىك كۆرسەتكۈچى 22 - ئورۇننى، تۇرمۇش سەۋىيىسى كۆرسەتكۈچى 19 - ئورۇننى، لېكىن مائارىپ كۆرسەتكۈچى 5 - ئورۇننى ئىگىلىگەن.

چېن كۇيدﯤ، رايوننىڭ مائارىپ كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەيدۇ. ئۇ "مېنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇلار مائارىپنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇۋاتىدۇ شۇنداقلا قوش تىللىق مائارىپنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن زور كۆلەمدە ماددى ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش نىيىتى مۇھىم ئامىل بولۇشى مۇمكىن،" دەپ كۆرسەتتى. چېن كۇيدېنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زېمىنى كەڭ شۇنداقلا سانائەت ئەسلىھەلىرى كۆپ ئەمەس. بۇ ئەھۋالدا رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتى بىر قەدەر ساپ بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنداقتا رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىت كۆرسەتكۈچى نىمە ئۈچۈن بۇ قەدەر ناچار ؟ چېن كۇيدﯤ، بۇنىڭ رايوندا يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. ئۇ، "مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ يەردە مۇھىت ۋە سالامەتلىك جەھەتتە زور مەسىلە بار. شىنجاڭلىقلار ياكى ئۇيغۇرلار ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلە كومپارتىيىنىڭ بۇرۇن بۇ يەردە ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقى. بۇ سىناقلارنىڭ مۇھىت شۇنداقلا كىشىلەر ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلاردا ئېغىر كېسەللىك پەيدا قىلىشىدۇر. بۇ شىنجاڭدا سالامەتلىك ۋە مۇھىت كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، سانائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىگە قارىغاندا ئەسلى ئۇنىڭ مۇھىتى ياخشى بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى،" دەپ كۆرسەتتى.

چېن كۇيدېنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى رايونلار بىلەن رايونلار، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئارىسىدىكى پەرقنى ئازايتمىسا، بۇ خىتاي جەمئىيىتىنىڭ مۇقۇملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن چېن كۇيدﯤ، "رايونلار ئارىسىدىكى پەرقنىڭ جايلاردا يۇرتۋازلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، يەرلىكلەر ئارىسىدا يامان خاراكتېرلىك رىقابەت باش كۈتۈرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ خىتاي جەمئىيىتىنىڭ مۇقۇملىقى ۋە تۆۋەن قاتلام خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "غەربتىكى رايونلارنى ھەقىقى تۈردە ئېچىۋېتىش، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئالاقە قىلىشىغا پۇرسەت بېرىش كېرەك،" دەيدۇ.

تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر قايسى رايونلارنىڭ سالامەتلىك كۆرسەتكۈچىدىكى پەرقى ئەڭ زور بولۇپ، بۇ پۇقرالارنىڭ داۋالىنىشى قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. خىتاي، داۋالىنىش سېلىنمىسىنىڭ ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش مىقتارىدا ئىگىللەيدىغان نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتايدا ھۆكۈمەت داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ 80% نى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار خەجلەپ تۈگىتىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.