خىتايچە چىقىدىغان 'شىڭداۋ گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە 'جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى 18 ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىدى' دەپ بايان قىلىنغان ئىدى. رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدە بايان قىلىشىچە، بۇ سان توغرا ئەمەس، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ مەدىكار بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بۇلارنى تۇتقاندا ئىككى كىشىنى ئېتىپ تاشلىغان، 16 سىنى قولغا ئالغان، ھازىر ئۇلارنى سوراق قىلىۋاتىدۇ، 'بۇلار ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى ئىكەن' دېگەن گەپمۇ بار.
بۇ بىر خىل ئىنكاس، ئەمما ھازىرچە رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق ئەھۋال ئىنكاس قىلىشقا تىرىشقان بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ياكى رەت قىلىدىغان بۇنىڭدىن باشقا ئىنكاس تېخىچە يوق. بۇ كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە ھەممىلا جايدا جىددىيلىك بار، تەكشۈرۈش جىددىي.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ۋەلى تەييارلىغان، 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى ھەقسىز تېلېفون خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.