ئۈرۈمچى بەخىت يولى رايونىدا يۈز بەرگەن 27 ‏- يانۋار ۋەقەسى ھەققىدە ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن كەلگەن ئىنكاس


2008.02.18

خىتايچە چىقىدىغان 'شىڭداۋ گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە 'جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى 18 ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىدى' دەپ بايان قىلىنغان ئىدى. رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدە بايان قىلىشىچە، بۇ سان توغرا ئەمەس، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ مەدىكار بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بۇلارنى تۇتقاندا ئىككى كىشىنى ئېتىپ تاشلىغان، 16 سىنى قولغا ئالغان، ھازىر ئۇلارنى سوراق قىلىۋاتىدۇ، 'بۇلار ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى ئىكەن' دېگەن گەپمۇ بار.

بۇ بىر خىل ئىنكاس، ئەمما ھازىرچە رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق ئەھۋال ئىنكاس قىلىشقا تىرىشقان بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ياكى رەت قىلىدىغان بۇنىڭدىن باشقا ئىنكاس تېخىچە يوق. بۇ كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە ھەممىلا جايدا جىددىيلىك بار، تەكشۈرۈش جىددىي.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ۋەلى تەييارلىغان، 2 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنىدىكى ھەقسىز تېلېفون خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.