تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى خادىمى، خىتايدا تەن جازاسى ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ، دېدى
2005.12.02
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئالىي خادىمى مانفىرد نوۋاك خىتاي، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى 12 كۈنلۈك زىيارىتى ئاخىرلاشتۇردى ۋە زىيارىتىنىڭ ئاخىرىدا بەرگەن باياناتىدا، زىيارىتى جەريانىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە خىتايدا تەن جازاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىغانلىقىنى ۋە خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە نۇرغۇن جەھەتتىن توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مانفرىد نوۋاك خىتاي زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا، شىۋىتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە، ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۇنىڭدىن خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۈرمىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان ئىدى .
نوۋاك ئەپەندىنىڭ خىتاي، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى زىيارىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرىمىز قانات ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدى.
مۇخبىرىمىز قاناتنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتى
- ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش بويىچە ئالاھىدە ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى
- ب د ت نىڭ تۈرمىدىكى قىيناش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغان ئالاھىدە ۋەكىلى خىتايغا باردى
- خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرىۋالىدۇ
- زامانىمىزدا تېررورچىلىق بىلەن قوراللىق توقۇنۇش - بىخەتەرلىك، تەرەققىيات ۋە ئەركىنلىكنىڭ دۈشمىنى
- خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ بەك ناچارلاشماقتا