
ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى ئالاھىدە ئەمەلدارى مانفرېد نوۋاك ئۆتكەن ھەپتە ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيانادا ب د ت نىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىگە دائىر ئەڭ يېڭى دوكلاتى توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتايدا سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەت مەھبۇسلىرىغا تەن جازاسى بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مانفرېد نوۋاك "خىتايدا تەن جازاسى بۇرۇنقىقا قارىغاندا نىسبەتەن ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن غەيرىي ئىنسانىي ئۇسۇللاردا تەن جازاسى بېرىش يەنىلا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت " دەيدۇ.
خىتاي ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلاپ كەلمەكتە، بىراق تەن جازاسى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت
لېكىن خىتاينىڭ ۋىيانادىكى ب د ت شتابىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى شا زۇكاڭ نوۋاكنىڭ دوكلاتىنى رەت قىلدى. گەرچە شا زۇكاڭ دوكلاتنىڭ توغرىلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مەركىزى نيۇ - يوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ليۇ چىڭ، ب د ت نىڭ دوكلاتىدىكى خىتايدا تەن جازاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە دائىر مەزمۇنلارنى توغرا، دەپ كۆرسەتتى.
ليۇ چىڭ "مېنىڭچە بۇ دوكلاتتىكى مەزمۇنلار توغرا. جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى تەنقىدلەرگە ئىزچىل تۈردە ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسى تۇتۇپ، ئۆزىنى ئاقلاپ كەلمەكتە. مەن ئون نەچچە يىل تۈرمىدە ياتقانلىقىم، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە خىزمەت قىلىپ، بۇ جەھەتتە تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىم ئۈچۈن، كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىم نوۋاكنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئىسپاتلىماقتا. بۇ دوكلاتنى ئەمەلىي بىر دوكلات دىيىشكە بولىدۇ. جۇڭگودا تەن جازاسى ئومۇميۈزلىك مەۋجۈت" دەيدۇ.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ليۇ چىڭ 1979 - يىلدىن 1992 - يىلغىچە جەمئىي 10 يىل خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىنىڭ بىرى.
مانفرېد نوۋاك، 2005 - يىلى كۈزدە بېيجىڭ، لخاسا ۋە ئۈرۈمچىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تەن جازاسىنىڭ خىتايدا ئومۇمى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇ، ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا "ياۋا كەپتەر" ھىكايىسىنىڭ ئاپتورى نۇرمەمەت ياسىن بىلەن تۈرمىدە كۆرۈشكەن ۋە تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان دوكلاتتا نۇرمەمەت ياسىننىڭ تۈرمىدە تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان خىتاي مۇھاجىرى سۈن لىيوڭ، تەن جازاسىنى خىتاي تۈرمىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ۋە كەڭ كەلەمدە مەۋجۇت ھادىسە، دەپ ئەسكەرتمەكتە. ئۇ، "مېنىڭ 7 يىللىق تۈرمە ھاياتىم شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن جازاسى خىتايدا ئومۇميۈزلۈك، كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولغان، ھەر كۈنى، ھەر مىنۇتتا يۈز بېرىپ تۇرۇدىغان ئەھۋال "دەيدۇ.
سۈن لىيوڭ، خىتايدىكى يىللىرىدا "دېموكراتىك جۇڭگو"، "داڭ ئاۋازى" دېگەن سەرلەۋىدە يەر ئاستى جورنال چىقارغان ۋە بۇ سەۋەبتىن قولغا ئېلىنىپ 1991 - يىلدىن 1998 - يىلغىچە بېيجىڭ چىنچېڭ تۈرمىسى، بېيجىڭ 1 - ۋە 2 - تۈرمىلىرىدە 7 يىل ياتقان.
نوۋاك ۋىيانادىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، "تەن جازاسى مەھبۇسلارنى جىسمانىي- روھى جەھەتتىن ئازارلايدىغان ۋە ئۇلارغا ۋەھىمە سالىدىغان كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئېغىر جىنايى قىلمىش "دەيدۇ.
خىتاي خەلقئارالىق ئەھدىنامىلارغا قول قويغان بولسىمۇ ئىجرا قىلماي كەلدى
ليۇ چىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان تەن جازاسى ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھادىسە. ئۇ، "بۇ ھادىسە ھازىرغىچە ئۈنۈملۈك تۈردە كونترول قىلىنمىدى. تەن جازاسى ئىككى جەھەتتىن ئېلىپ بېرىلماقتا. بىرى، ساقچى، گۇندىپايلار ئېلىپ بارىدىغان تەن جازاسى. يەنە بىرى تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى ئىشلىتىش. تۈرمىنى بىر قىسىم مەھبۇسلار ئارقىلىق باشقۇرۇش. بۇ مەھبۇسلارنى مەھبۇسلار ئارقىلىق ئۇرۇش، تەن جازاسى بېرىشتىن ئىبارەت"، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي دائىرىلىرى 2004 - يىلى تۇنجى قېتىم "دۆلەت كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ھۆرمەت قىلىدۇ" دېگەن ماددىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزدى. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھازىرغىچە "ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى" نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 تۈرلۈك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويغان. خىتاي تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىنى 1986 - يىلى تەستىقلىغان ۋە 1988 - يىلى رەسمىي يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھازىرغىچە خىتاينى بۇ ئەھدىنامىغا خىلاپلىق قىلماقتا، دەپ ئەيىبلەپ كەلدى.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە، "كىشىلىك ھوقۇقنى چېگرىسىز، دەپ قاراش خاتا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوخشاش ئۆلچەم قوللانسا بولمايدۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى تەڭرى بەرگەن ئەمەس، دەپ يېزىلغان. بۇ سۆزلەر ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنىڭ " ئەركىنلىك تەڭرى تەرىپىدىن بېرىلگەن تەبئىي ھوقۇقتۇر " دېگەن روھىغا روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرگەن. (ئەركىن)