ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا دىققەت قىلماقتا

CHINA-ARMS-ISRAEL-MILITA-22.jpg
2004-يىلى 6-دېكابىر. بېيجىڭدىكى ھەربىي مۇزېيخانىدىكى "قىزىل بايراق" -2 باشقۇرۇلىدىغان بومبا. ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللارنى سېتىشى، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلغان ئىدى.AFP

بىر دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىقتىدارى ۋە تەھدىد كۈچى بەزى ھاللاردا مەلۇم بىر ھالقىلىق تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە ئىگىلىنىشى بىلەن تۈپتىن ئۆزگىرىدۇ. بۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۇنيانىڭ ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزگەرتىدۇ

خىتاينىڭ ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان بالىستىك بومبىغا ئىگە بولغىلى خېلى يىللار بولدى. ئەمما تېخى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتاي ئۆز ئالدىغا ھەرىكەتچان قويۇپ بېرىش جازىسى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو-تېلۋېزىيىسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ھەرىكەتچان قويۇپ بېرىش جازىسى قىتئەلەر ئارا يەردىن -يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن ھەمدە خالىغان ۋاقىت، خالىغان يەردە باشقۇرىلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرەلەيدىكەن.

ۋاشىنگتوندىكى خۇسۇسىي تەتقىقات ئورنى بولغان ئاخبارات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جەيمىس مۇلۋەنىن " بۇ، خىتاينىڭ كرىزىسقا دۈچ كەلگەندە، ھەرىكەتچان قويۇپ بېرىش جازىسىنى دەرھال يۆتكەپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنئالا ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكىدىكى ھەربىي ئىشلار ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، يەنە بىر نەچچە يىلدىن كىيىن، خىتاي دائىرىلىرى، دوڭفېڭ 31 تىپلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىنى ھەرىكەتچان قويۇپ بېرىش جازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن. بۇ خىل باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسى ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالىغا يىتىپ كېلەلەيدىكەن.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ھەرىكەتچان قويۇپ بېرىش جازىسى تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇشى چوڭ بىر بۆسۈش بولۇپ، بۇ ئامېرىكا قوغداۋاتقان خەلقئارا ئىستراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. شۇڭىمۇ ئامېرىكا تېز كۈچىيىۋاتقان خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ھەر زامان ئويلاشماقتا ئىكەن.

تەيۋەنگە تەھدىد

ياۋرۇپا، ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىيە جەھەتتە سۈركىلىش پەيدا بولۇشىغا قارىماستىن، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قوغلىشىپ، ھەدەپ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىۋاتىدۇ.

ئەمما خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىۋاتقان ئامىل ھەرىكەتچان قويۇپ بېرىش تېخنىكىسى بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن. مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، خىتاي يەنە ھاۋا بوشلۇقىدا ئايرۇپىلانلارغا ماي قاچىلاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىشقا يېقىنلاشقان. ئەگەر خىتاي بۇ تەرەپتىمۇ بۆسۈپ چىقالىسا، ئۇ ھالدا خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بوشلۇقتا جەڭ قىلىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سرت، خىتاي يەنە سۇ ئاستى پاراخۇدى، قوماندانلىق باشقۇرۇش سېستىمىسى تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارغا كۆپلەپ مەبلەغ سالماقتا ئىكەن.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو-تېلېۋىزىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئېشىشى بىلەن يېقىن كەلگۈسىدىلا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئوتتۇرا شەرق نېفىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى دېڭىز يوللىرىنى قامال قىلىشقا ئۇرۇنىشى مۇمكىن . خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى تېخىمۇ يىراق رايۇنلارغا بېرىپ ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچىنى نازارەت قىلىشى مۇمكىن. خىتاي يەنە قورال كۈچى بىلەن تەيۋەننى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنىشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل كەلتۈرىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پورتېر گوسمۇ يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىسپات بېرىپ، خىتاينىڭ قورال كۈچى بىلەن تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى تېخى بىر ھەپتە بۇرۇنلا يېڭى ھەربىي خامچوتىنى ئېلان قىلىپ، ھەربىي خامچوتىنى يەنە ئۆستۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتىنى بەش يىلدىن بۇيان ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا گەرچە بۇنىڭدىن ھەيران قالمىغان بولسىمۇ، بىراق، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللىق ھەربىي پىلانىدىن، بولۇپمۇ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇشۇش ئىھتىماللىقىغا كۆرگەن تەييارلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا- ياۋرۇپا سۈركىلىشى

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بولغان ئىستراتېگىيىلىك ئەندىشىسى ئۇزۇن يىللىق بولسا، ئۇ ھالدا، ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى، خىتاينىڭ تەرەققىياتى ئامېرىكا ساقلىماقچى بولغان ئىستراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا تەھدىد ئېلىپ كەلگەن.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى ماقۇللاپ، تەيۋەنگە قاراتقان تەھدىدنى كۈچەيتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئىلگىرى بۇ قانۇننىڭ تەيۋەن بوغىزىدىكى تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە " پايدىسىز" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى پات ئارىدا خىتايغا قارىتىدىغان قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە بۇنداق بىر قارارنىڭ ئېلىنىشىمۇ ئوخشاشلا " پايدىسىز" ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى كۈزەتكۈچىلەر، قورال چەكلىمىسى بىكار قىلىنغاندا، بىر قىسىم سەزگۈر يۇقىرى تېخنىكىلار خىتاينىڭ قولىغا چۈشىدۇ دەپ قارايدىكەن. ئۇلارنىڭ بولۇپمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقىنى، ياۋرۇپانىڭ جەڭدە ئالاقىلىشىش ۋە قوماندانلىق سېستىمىسى ئامېرىكىنىڭكىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئەگەر خىتاي بۇ خىل تېخنىكىغا ئېرىشەلىسە، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي باشقۇرۇلۇش تەرتىپىنى ئىگىلىيەلەيدىكەن. شۇڭىمۇ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى رىچارد لۇگېر يېقىندا ياۋرۇپانىڭ بۇ قارارىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ، "ياۋرۇپا، ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىيە جەھەتتە سۈركىلىش پەيدا بولۇشىغا قارىماستىن، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قوغلىشىپ، ھەدەپ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. (ئارزۇ)