تەڭرىتاغ سادالىرى ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى

يېقىندا تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن "تەڭرىتاغ سادالىرى" ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى، بۇ شېئىرلار توپلىمى پېشقەدەم شائىر سۇلتان مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بىرى يېزىپ توپلىغان شېئىرى ئەسەرلىرىدىن تاللانغان شېئىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2009-03-27
Share
tangritagh-sadaliri-sheir-305 ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ "ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Arslan

بۇ شېئىرلار توپلىمى 110 پارچە تاللانغان شېئىر، 3 باللادا، ئىككى داستان ۋە رۇبائىيلاردىن تەركىپ تاپقان.

شائىر بۇشېئىرلار توپلىمىدا پۈتكۈل شېئىرلىرىنى ئىككى بۆلۈمگە ئايرىغان بولۇپ بىرىنچى بۆلۈمى شائىرنىڭ 1950 ‏ - يىلدىن 1982 ‏ - يىلغىچە ئارىلىقتا يازغان ئەسەرلىرىدىن تاللانغان شېئىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىككىنچى بۆلۈمى بولسا 1982 ‏ - يىلدىن 2008 ‏ - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يازغان ئىجادىيەت شېئىرلىرىدىن تەركىپ تاپقان.

280 بەتلىك بۇ شېئىرلار توپلىمى شائىر سۇلتان مەھمۇت قەشقەرىنىڭ 57 نەچچە يىلدىن بىرى يازغان شېئىرى ئەسەرلىرىدىن تاللانما بولۇپ، بۇ شېئىرلاردا ۋەتەنگە ئىنتىلىش، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، ناھەقچىلىكنى ئېچىپ تاشلاشتىن ئىبارەت ھەر خىل پىكىرلەرنى بەدىئىي شەكىلدە ئىپادىلەنگەن. شائىر بۇ شېئىرلار توپلىمىغا يەنە ۋەتەن ئىچىدە ئېلان قىلىنمىغان ياكى نەشرىيات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىشقا تەستىقلانمىغان شېئىرلىرىنىمۇ قۇشۇمچە قىلىپ كىرگۈزگەن.
 
شائىر سۇلتان مەخمۇت قەشقەرىنىڭ تەڭرىتاغ سادالىرى ناملىق بۇ شېئىرلار توپلىمى ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان قايناق، سەمىمى مۇھەببەت، خىتاي مۇستەملىكىچىلەرنىڭ زۇلۇمىدا ئىڭراۋاتقان مەزلۇم خەلقنىڭ ھۆرىيىتى ۋە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەرنى ئاساسى نىشانى ۋە مۇقەددەس غايىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك ۋەزىيىتى، قۇتۇلۇشنىڭ يولى، ۋەتەن ھەسرىتى، تەبىئەت گۈزەللىكى، ئىنسانىي سۆيگۈ مۇھەببەت، نادانلىق ‏ - جاھالەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىلىم ‏ - پەنگە يۈرۈش قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتنى تىكلەش، چىرىكلىككە، نومۇسسىزلىققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شائىرنىڭ 57 يىلدىن بىرى يازغان ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە شېئىرىي ئىجادىيىتىنىڭ تاللانغان مۇھىم بىر قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كىتاب بولۇپ، كۈچلۈك دەۋر روھىغا ئىگە شېئىرى ئەسەرلەردۇر.
 
پېشقەدەم شائىر ۋە يازغۇچى سۇلتان مەھمۇت قەشقىرى ئىلمى، ئەدەبىي ۋە سىياسى تۈردە يازغان بىر قانچە كىتابلىرىدىن باشقا يەنە شېئىر، باللادا ۋە داستانلار توپلىمى كىتابلىرىمۇ نەشىر قىلىنغان. شائىرنىڭ "يۈرەك ساداسى"، "كۆرەش ناخشىلىرى"،" تولۇن ئاي"، "ئارمان"، " سۇلتان ماخمۇت قەشقىرىنىڭ شېئىرى ئەسەرلىرىدىن تاللانما"، تەڭرىتاغ سادالىرى" قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.

پېشقەدەم شائىر پروفېسسور دوكتۇر سۇلتان مەخمۇت قەشقىرى 1937 ‏ - يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەردە، ئوتتۇرا مەكتەپنى غۇلجا شەھىرىدە تۈگەتكەن، 1956 - يىلى شەرقىي تۈركىستان ‏‏)شىنجاڭ( ئۇنىۋېرىستىنى پۈتتۈرگەن، 1956 - يىلدىن 1982 ‏- يىلغىچە شەرقىي تۈركىستان ‏‏)شىنجاڭ( ئۇنىۋېرىستىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1982 ‏- يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئائىلىسى بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن. 1983 ‏- يىلدىن 1994 - يىلغىچە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتىدا، 1994 ‏ - يىلدىن 2004 ‏ - يىلغىچە تىراكىيا ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 2004 ‏ - يىلى 8‏ - ئايدا پېنسىيىگە چىققان. ھازىر شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

شائىرنىڭ تەڭرىتاغ سادالىرى ناملىق شېئىرى

تەڭرىتاغ، ئەي ئولۇغ تاغ، تۈۋرۈكىمىز سەن،
سەن بىز ئۈچۈن قۇتلۇق ماكان بۆشۈكىمىز سەن،
تارىخىڭدا ئەجدادلارغا باش ‏- پاناھ بولغان،
سەن باغرىمىز، قان تومۇر ۋە يۈرىكىمىز سەن.

سەن بىزلەرگە مېھرى دېڭىز ئاق چاچلىق ئانا،
ئازلىق قىلار قانچە داستان يازساقمۇ ساڭا،
غەزەل ‏، قوشاق، ناخشىلاردا سېنى كۈيلەيمىز،
قەلبىمىزدىن جاراڭلىتىپ جۇشقۇنلۇق سادا.

قۇچاقلىرىڭ نېفىت، كۇمۇش ئالتۇنغا تولغاچ،
تارىخىڭدا تالاي قىسمەت ئۆتتى بېشىڭدىن،
بۇلاڭچىنىڭ ئىككى كۆزى سېنىڭدە بولغاچ،
سەل، توپانلار تۆرەلدى كۆپ ئاچچىق يېشىڭدىن.

سېنىڭ ئۈچۈن دەريا ‏ - دەريا قانلار تۆكۈلگەن،
ئېتەكلىرىڭ جۇڭغار تارىم سىرغا كۆمۈلگەن،
سېنىڭ باتۇر ئەۋلادلىرىڭ كۆتۈرگەندە تۇغ،
تاجاۋۇزچى ئەجنەبىيىنىڭ بېلى پۈكۈلگەن.

سەن ئالەمدە قەھرىمانلىق نامىنى ئالغان،
ئىستىقلال ۋە ھۆرىيەتنىڭ سازىنى چالغان،
نازۇگۈمنى قاتتىق ئاسراپ، پۇلات كۆكسىڭنى،
سادىر، غەنى، باتۇرلارغا ئەيلىگەن قالقان.

بىز بۇ شېئىرلار توپلىمى ھەققىدە شائىر سۇلتان مەخمۇت قەشقەرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
 
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.



پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت