قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار تەنتەربىيە ساھەسىدە رىقابەتلەشمەكتە

0:00 / 0:00

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەنتەربىيە ساھەسىدە ئۆزلىرىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلماقتا. قازاقىستاندىكى داڭلىق تەنھەرىكەت كلۇبى بولغان "ئەركىن سپارىن فىدىراتسىيىسى" ئاساسلىقى ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، دولقۇن مۇھەممەد ۋە گۈلزارە ئەزىزوۋاغا ئوخشاش ئۇيغۇر تەنتەربىيىچىلىرى ھەر خىل بوكس تۈرلىرى بويىچە جۇمھۇرىيەتلىك ۋە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.