0:00 / 0:00
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر تەنتەربىيە تۈرلىرىدە بولۇپمۇ بوكسېر، چېلىشىش ۋە تەكۋاندۇ قاتارلىق تۈرلەردىكى يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم بولسا كېرەك.
قىرغىزىستاندا ياشايدىغان رىشات يۇنۇسوۋ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرىۋاتقان ياش ئۇيغۇر بوكسىرچىلارنىڭ بىرى. ئۇ، 2007 - يىللىق قىرغىزىستان بويىچە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوكسېر مۇسابىقىسىدا چىمپيون بولغان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ رىشات يۇنۇسوۋ توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.