شىمالىي ئوسسېتىيىنىڭ بېسلان شەھىرىدىكى مەكتەپنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەسى پاجىئە بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خەلقارا جەمىيەت رۇسىيە پرىزدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ۋەقەگە ئائىت تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئاشكارىلىشىنى كۈتمەكتە شۇنىڭدەك رۇسىيە ئالاھىدە قوشۇنلىرى قوللانغان ھەربىي تاكتىكا ۋە ئۇسۇللار جۈملىدىن رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چېچەن مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە خەلقارا مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك ئىنكاسلار كۆرۈلمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ قېتىمقى تراگېدىيىدە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ% 40 ئۆلگەن،% 40 يارىلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىلا ساق-سالامەت قۇتۇلۇشقا مۇۋەپپەق بولغان. رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتۇلدۇرۇشى جەريانىدا قوللانغان ھەربىي تاكتىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەزكۇر چوڭ يوقۇتۇش كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ھەققىدە ھەر خىل قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ۋەقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پرىزدېنت پۇتىن تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ "تېررورچىلارغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى ، ئەگەر باش ئەگكەندە بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ سادىر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى” بىلدۈرگەن بولسا، ئارقىدىنلا ئۇ يەنە غەرىپ جۇرنالىستلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئەنگىلىيىنىڭ "مۇستەقىللىق" ۋە " قوغدىغۇچى" قاتارلىق ئاتاقلىق گېزىتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پۇتىن رۇسىيىنىڭ چېچەن مۇستەقىلچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە توختۇلۇپ،ئۆزىنىڭ ھېچقاچان ئۇلار بىلەن سۆھبەت يولىغا ماڭمايدىغان مەيدانىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى؛
"ھېچكىمنىڭمۇ بىزنىڭ ئەشۇ بالىلارنى ئۆلتۈرگەنلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىمىز ھەققىدە سۆزلەش ھوقۇقى يوق"
ئۇ ، چېچەنلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ غەرىپنىڭ ئوساما بىن لادېن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى بىلەن ئوخشاش ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى؛
"سىلەر نېمە ئۈچۈن ئوساما بىن لادېن بىلەن ئۇچرۇشۇپ،ئۇلارنى برۇيەسەل ۋە ئاق سارايغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت باشلىمايسىلەر،ئۇنىڭغا نېمە كېرەكلىكىنى سورىمايسىلەر ھەم ئۇنىڭ سىلەرنى خاتىرجەم قويۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كېرەكلىك نەرسىلىرىنى بەرمەيسىلەر؟"
رۇسىيە پرىزدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن مۇخبىرلارنىڭ رۇسىيە ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ مەكتەپكە ھۇجۇم قوزغىشىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى بىلىش ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، ھازىر پاجىئەنىڭ ئىچكى ۋە ئاممىۋى جەھەتلەردىن تەكشۈرىلىۋاتقانلىقى ،جاۋابكارلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى تاكى ھازىرغىچە بۇ مەكتەپنى گۆرۈگە ئېلىۋالغۇچىلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى، مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولۇپ، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ھەر خىل مەلۇماتلار ۋە قىياسلار پەيدا بولغان.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن رۇسىيە ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيىلىك بېسىملارغا دۇچ كەلگەن. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، گوللاندىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن بېسلان ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، موسكۋا بۇنىڭدىن ناھايىتى نارازى بولغان ئىدى. فرانسىيە باش مىنىستىرىمۇ ئوخشاش تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
BBC ئاگېنتلىقى لوندوندىكى خانلىق دۆلەت مۇداپىئە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفەسسورى جوناتان ئەيىلنىڭ " ئالاھىدە مەغلۇپ بولغان قوشۇن" تېمىسىدىكى بىر پارچە مۇلاھىزىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر مۇلاھىزىدە رۇسىيەنىڭ ئەڭ سەرخىل دەپ قارالغان ئالاھىدە خىمەت قوشۇنى "ئالفا"نىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇم جەريانىدىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرى، رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ھەربى تېخنىكا ۋە تاكتىكا جەھەتتىكى خاتالىقلىرى تەھلىل قىلىنغان.
رۇسىيە ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندىمۇ رۇسىيىدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان مەزكۇر خىل قوشۇنى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا كۆپ چىقىم تارتقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا 10 ئوفىتسېر ۋە ئەسكەر ئۆلگەن، 26 ئادەم يارىلانغان. بۇنداق چىقىم ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن ئىكەن. ئەڭىلىيە ئانالىزچىسى جوناتان ئەيىل ماقالىسىدە رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ھەربىي ھەرىكىتىدە كونا تاكتىكىلار قوللىنىلغانلىقى، ئالاقىلەرنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، "ئالفا" بىلەن باشقا قوراللىق قوشۇنلارنىڭ ئارىلاش ئىشلىتىلىشى نەتىجىسىدە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىققانلىقى ۋە باشقىلار ھەققىدە توختالغان. ئومۇمەن، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ، رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلارنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىشىدا بەلگىلىك جاۋابكارلىقى بارلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلارمۇ كۆرۈلمەكتە.
بېسلان پاجىئەسى رۇسىيىلىكلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، 7-سېنتەبىر كۈنى موسكۋا شەھرىدە 130 مىڭ كىشىلىك چوڭ نامايىش بولغان. يېقىنقى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە رۇسىيىدە يۈز بەرگەن ئايروپىلان ھادىسىسى، موسكۋادىكى پارتىلاش، بېسلان مەكتىپىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىشى ۋە باشقىلار رۇسىيىلىكلەرنى خاتىرجەمسىزلەندۈرگەن، ببچ نىڭ ئۇچىرىغا قارىغاندا موسكۋادىكى بۇ نامايىش تېررورىزىمغا قارشى تۈس ئالغان بولۇپ، كىشىلەر "بىز دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلبە قىلىمىز!"، " رۇسىيە تىز پۈكمەيدۇ" دېگەندەك شوئارلار توۋلانغان. بىراق، چېچەنلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى 1994-يىلىدىن ئېتىبارەن داۋاملاشماقتا. بۇ ئۇرۇشلاردا چېچەن ۋە رۇسلار تەرىپىدىن كۆپلىگەن ئادەملەر ئولگەنلىكى مەلۇم.(ئۈمىدۋار)
3- سېنتەبىر شىمالى ئوسسىتىيەدىكى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش كرىزىسى قەتلىئام بىلەن ئاخىرلاشتى
5- سېنتەبىر رۇسىيىدىكى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
6- سېنتەبىر شىمالىي ئوسسېتىيە ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىنكاسلار
8- سېنتەبىر رۇسسىيە چېچەن رەھبەرلىرىنى تۇتۇش مۇكاپاتى ئېلان قىلدى